تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى قارلىق ئېگىزلىككە نەقىش قىلىپ ئويۇش

− شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىسى سۈن چاۋ توغرىسىدا

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر بولغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىسى سۈن چاۋ ئېگىزلىكتىكى جاپالىق مۇھىتنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، 20 نەچچە يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئېگىزلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «كۆككە تاقاشقان مۇزلۇق چوققا، ئون مو بوستانلىق» تەك يېشىللىق مۆجىزىسىنى ياراتتى. ئۇ خوتۇنى بىلەن ئۆلكە ئاتلاپ 14 يىل ئايرىلىپ تۇرۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېگىزلىكنى چىڭ ساقلاش بىلەن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئۆيگە قايتىشتىن بىرىنى تاللاشتا ئالدىنقىسىنى قەتئىي تاللاپ، پامىر ئېگىزلىكىدە داۋاملىق كۈرەش قىلدى.

 «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا جەڭ ئېلان قىلىپ، يېشىللىق مۆجىزىسى يارىتىش

پامىر ئېگىزلىكى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر كېلىدۇ، يېڭى كۆكتات تۈزلەڭلىكتىكى ئەڭ ئادەتتىكى يېمەكلىك، ئېگىزلىكتە بولسا ئىنتايىن ئەتىۋارلىق زۆرۈر مەھسۇلات.

1996- يىلى 12- ئايدا، سۈن چاۋ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلدى. ئۇ قاقاس ئېگىزلىككە قاراپ، كۆڭلىدە: ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە چوقۇم يېڭى كۆكتات يېگۈزىمەن، دېگەن ئىرادىگە كەلدى. ئۇ پارنىك ياساپ، باشقۇرغۇچى بولدى، لېكىن سوغۇق مۇھىتتا كۆكتات تېرىش قىيىن مەسىلە ئىدى. سۈن چاۋ «چېكىنىش دۇمبىقى»نى چالماي، يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە كۆپ قېتىم خەت يېزىپ مەسلىھەت سورىدى، 100 نەچچە قېتىم قايتا - قايتا ئىزدىنىش، دەلىللەش، تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئاخىر بىر يۈرۈش ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ، ئېگىزلىكتە 30 نەچچە خىل كۆكتاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېرىپ ئۆستۈردى.

سۈن چاۋ ئېگىزلىكتە شۇ تۇرغىنىچە 23 يىل تۇردى. 23 يىلدىن بۇيان، سۈن چاۋ ئۆزىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىسىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك چىڭ ساقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىسى كۆپچىلىك تەرىپىدىن «قارلىق دالىدىكى بوستان باغ» دەپ ئاتىلىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قارلىق دالىغا جايلاشقان دۆلەت دەرۋازىسىنى ساقلىشىدىكى ئەڭ ئىللىق يۆلەنچۈكىگە ئايلاندى.

 ئىككىنچى يۇرتىغا رىشتە باغلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم قىلىش

سۈن چاۋ تۇرۇشلۇق تاشقورغان ئاپتونوم ناھىيەسىنى يۇرتۇم دەپ بىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلىدى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دولقۇنىنى قوزغىدى، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2006- يىلىدىن بۇيان، قاتار - قاتار پارنىكلار ئېگىزلىكتە قۇرۇلدى، تۇرۇشلۇق جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر يىلى سۈن چاۋنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلىملىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ھازىر دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پارنىكلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

تىزناپ يېزىسىدىكى چارۋىچى ئەمىرشاھنىڭ كىرىمى يۇقىرى ئەمەس، ئائىلىسىدە ئىككى بالىسى بار ئىدى. 2013- يىلى، سۈن چاۋنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئەمىرشاھ تولۇق ئىشەنچ بىلەن پارنىكتا كۆكتات تېرىش بىلەن شۇغۇللاندى، يەنە چارۋىچىلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سودىسى يۈرۈشۈپ كەتتى.

چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى نىشانلىق يۆلەيدىغان ئەلنەزەر ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات ئىدى. 2016- يىلى، سۈن چاۋ كۆكتات ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ، ئەلنەزەرگە پارنىك ياساشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. شۇ يىلى ئەلنەزەر پارنىكتا كۆكتات تېرىپ ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كىرىمىنى 2000 يۈەنگە يېقىن ئاشۇردى.

سۈن چاۋ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يەنە ئېگىزلىكتە ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى سىناق قىلدى، ئاندىن تەجرىبىلىرىنى شۇ جايدىكى ئاممىغا ئۆگەتتى. تۇرۇشلۇق جايدىكى ئامما ئۇنى كۆرگەندە باشمالتىقىنى چىقىرىپ: «سۈن چاۋ، چارجى (يارايسەن)» دەيدىغان بولدى.

 ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاش قارلىق ئېگىزلىككە بايراق قاداش

سۈن چاۋ ھەر كۈنى كۆكتاتلىقتا ئالدىراش بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت نورمىدىن ئارتۇق ئەمگەك قىلغاچقا، ئېغىر دەرىجىدىكى بەل مۇسكۇلى زورۇقۇش ۋە رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. سۈن چاۋنىڭ توي قىلغىنىغا 14 يىل بولغان بولۇپ، خوتۇنى بىلەن ئىزچىل ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرغاچقا، يەتتە يىلدىن كېيىن ئاندىن بالىلىق بولغان، ئاتا - ئانىسىمۇ ياشىنىپ قېلىپ كېسەلچان بولۇپ قالغانىدى. خوتۇنى جاڭ يۇڭخۇي: «ئېگىزلىكتە كۆكتات تېرىش، باقمىچىلىق قىلىش ئېرىمنىڭ كەسپى، ئېگىزلىك ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن» دېدى.

2018- يىلى، جامائەت خەۋپسىزلىكى رەسمىي قىسىم ئىسلاھاتىدا، نۇرغۇن كىشى مېڭىش ۋە قېلىشتىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلدى. سۈن چاۋ ئاتا - ئانىسى ۋە خوتۇنىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئېگىزلىكنى داۋاملىق ساقلاشنى تاللىدى. «مەنمۇ ئۆيگە قايتىشنى ئويلىغان، لېكىن قىسىم مېنى شۇنچە يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، ھالقىلىق پەيتتە كېتىپ قالسام بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

سۈن چاۋنىڭ قارىشىچە، ئىسلاھات سالاھىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپلا قالماي، يەنە ۋەزىپىنىڭ تېخىمۇ مۈشكۈل، بۇرچنىڭ تېخىمۇ شەرەپلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇنىڭ نىشانى «تولۇق ئىقتىدارلىق» خەلق ساقچىسى بولۇپ، ھەم ئۆز خىزمىتىگە پۇختا بولۇش، ھەم ھەر ۋاقىت كەسىپكە يۈزلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش. ھازىر ئۇ ئاساسىي چېگرا تەكشۈرۈش كەسپىي تەرتىپلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، كەسپىي مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان ئۈستىدە توختالغاندا، سۈن چاۋ: تەشكىل ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن ئىزچىل چىڭ ساقلايمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل