تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش

− شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى توقسۇن نېڭخۇا شىركىتى كالتسىي كاربىد سېخىنىڭ نۆۋەتچى بەنجاڭى سەيپىدىن ئىسرائىل توغرىسىدا

مۇكاپات سەھنىسىدە، ئۇ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى؛ پېچ ئالدىدا، ئۇ ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان پېچ ئىشچىسى. «مەيلى قانچىلىك شەرەپكە ئېرىشەي، مېنىڭ يىلتىزىم سېختا، پېچ يېنىدا، بۇ نۇقتا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.» بۇ، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى توقسۇن نېڭخۇا شىركىتى كالتسىي كاربىد سېخىنىڭ نۆۋەتچى بەنجاڭى سەيپىدىن ئىسرائىلنىڭ دائىم دەيدىغان گېپى.

 قېتىرقىنىپ ياخشى ئۆگىنىپ كۆزگە كۆرۈنۈش

كىچىكىدىن بوۋىسى بېقىپ چوڭ قىلغان سەيپىدىن تۇرمۇش بېسىمى تۈپەيلىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى تاللىدى. 2009- يىلى، سەيپىدىن شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى توقسۇن نېڭخۇا شىركىتىنىڭ پېچ ئىشچىسى بولدى.

بەن - گۇرۇپپىلارغا بۆلگەن چاغدا، سەيپىدىن بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچى ئىدى. ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىغاچقا، باشقىلاردىن بىلمىگەنلىرىنى سورىغاندا، يۈزەكىلا چۈشىنەلەيتتى. سەيپىدىن دۆلەت ئورتاق تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ تېخنىكىنى تەتقىق قىلدى، پېشقەدەم ئۇستازلاردىن تەلىم ئالدى، كالتسىي كاربىد پېچىدىن نېرى كەتمەي، قانداق قىلغاندا پېچتىن چىقىرىشتا كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا پېچ كۆزىنى تېز ئەتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ بەندىكى پېچتىن چىقىرىش ئىشچىلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، پېچتىن چىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى.

بىر قېتىم نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا، سەيپىدىن ۋە خىزمەتداشلىرى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى − ھەرقانداق قىلسىمۇ پېچ كۆزىدىن كالتسىي كاربىد چىقمىدى. سەيپىدىن دەرھال بەنجاڭ تېخنىكلارنى نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىپ، پېچ كۆزىنى ئالماشتۇرۇش، ئوكسىگېن پۈۋلەش مەشغۇلاتى قىلدى، بىرقانچە قېتىم قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن سەيپىدىننىڭ تاماق يېيىشكىمۇ رايى بارمىدى، بىرنەچچە كۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. «بىزنىڭ ھەر بىر بەن يەتتە - سەككىز قېتىم پېچتىن چىقىرالىساق، كالتسىي كاربىد پېچى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىكەن، شۇنداقلا پېچتىن چىقىرىش قىيىن بولۇش، پېچ كۆزىنى توسۇيالماسلىق مەسىلىسىمۇ يۈز بەرمەيدىكەن.» بىر كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى كۆپچىلىككە ئېيتىۋېدى، كۆپچىلىك شۇھامان چۈشەندى، بەن - گۇرۇپپىلار پېچتىن چىقىرىش قېتىم سانىنى قېلىپلاشتۇردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كالتسىي كاربىد پېچىدىن قانداقلا مەسىلە كۆرۈلسۇن، سەيپىدىن ئامال ئىزدەپ ھەل قىلدى.

 «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»نى پائال قانات يايدۇرۇش

سەيپىدىن خىزمەتتە كوللېكتىپقا تايىنىش زۆرۈرلۈكىنى، ئۆزى ئالغا بېسىش بىلەن بىللە، باشقا يولداشلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.

2014- يىلى، شىركەتكە كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان ئاراپات گاڭگىراپ قالغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا، مەن بەن - گۇرۇپپىلارنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتىم، ھەر كۈنى خىزمەت قىلغاندىن سىرت يەنە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، ئىنتايىن ھېرىپ كېتەتتىم، بېسىممۇ ئېغىر ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى سەيپىدىن ئۇستام بار ئىكەن، ئۇ ماڭا ئىزچىل ئىلھام ۋە ياردەم بېرىپ كەلدى.» ئاراپاتنىڭ ئۆيى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرىدا بولۇپ، ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش - كېلىشى بەك قولايسىز ئىدى، زاۋۇتقا يېقىن جايدىن ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇلى يېتىشمىگەنىدى. سەيپىدىن بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەرگە ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆيى بار، باھاسى ئەرزان، تۇرۇشقا قولايلىق، ئۆي سېتىۋالىدىغان ئىشقا ھازىرچە ئالدىراپ كەتمە، پەقەت شىركەتتە ئەستايىدىل ئىشلىسەڭلا، بىر - ئىككى يىلدا ئۆي سېتىۋېلىشتا ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى چوقۇم يىغالايسەن».

سەيپىدىن ئويغا چۆمگەن ھالدا: ئاراپاتنىڭ كەچۈرمىشلىرى مېنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، ئاراپاتنىڭ ھازىر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىرىنى ئىلگىرى مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن، ئاراپاتنى گاڭگىرىتىپ قويغان ئىشلار ئىلگىرى مېنىمۇ قىينىغان، مەن ئۆز تەجرىبەم ئارقىلىق ئاراپاتقا ئىلھام بېرىشنى، ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. سەيپىدىن دائىم دېگۈدەك ئاراپات بىلەن شىركەتنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىش ئورنىدا ئېرىشكەنلىرىنى ئورتاقلاشتى، بارا - بارا، ئاراپاتنىڭ غەم - ئەندىشىسىمۇ تۈگىدى.

 تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلاش

بىر كۈنى، ئاراپات سەيپىدىنگە مۇنداق دېدى: «ئۇستام، مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئىلغار بولۇپ، ئاپتونوم رايون، مەملىكەتتىكى مۇكاپات سەھنىلىرىدە مۇكاپاتلانغۇم بار.» بۇ سۆزلەر سەيپىدىننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىش، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدى.

ئىلگىرى، كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سەيپىدىننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى باش چۆكۈرۈپ ياخشى ئىشلەش ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى. سەيپىدىن مۇنداق دېدى: «2017- يىلى 3- ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسىغا بولغان تونۇشۇم ئۆزگەردى. ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر مەسئۇلىيەت ئىكەن، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن».

دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلانغان سەيپىدىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەربىر سالمىقى بار شان - شەرەپنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ئىنتىلىش جەريانى، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلىك ھاياتىدىكى ھەر قېتىملىق ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانى بار. بۇ يىل 2- ئايدا، سەيپىدىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى