تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدىكى باشلامچى

− ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشىدىكى باشلامچى پاشاگۈل كېرەم توغرىسىدا

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بۆرىتوقاي يېزىسى ئاقچى كەنتىدە، پاشاگۈل كېرەم ئىسىملىك بىر قىرغىز قىز بار، ئۇ 2006- يىلى 6- ئايدا ئۇلۇغچات ناھىيەسى تەشكىللىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرى خېڭلى بازىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىدى، پائال تىرىشىش ئارقىلىق شۇ يىلىلا 15 مىڭ يۈەن ئەمگەك كىرىمى قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

2015- يىلىدىن بۇيان، پاشاگۈل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېزىلىرىدىكى 521 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يېتەكلەپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەشكە باردى، بۇنىڭ ئىچىدە 210 كىشى نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بولۇپ، بۇنىڭ ياردىمىدە نامرات ئامما جەمئىي 630 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 179 نامرات ئائىلە كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇپ، دۆلەت يولغا قويۇۋاتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىگە يېتىپ ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەملىشىش

2006- يىلى 6- ئايدا، پاشاگۈل ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئادەم تەشكىللەپ دۇڭگۇەن شەھىرىگە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

ئۈمىدكە تولغان پاشاگۈل كۈتكىنىدەك دۇڭگۇەن شەھىرىنىڭ خېڭلى بازىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىدى. تىرىشچان پاشاگۈل دائىم ئۇستىسىنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ پۇتۇڭخۇا ۋە تېخنىكا ئۆگەندى.

ئۇستىسىنىڭ ياردىمىدە، پاشاگۈل تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپلا قالماي، يەنە تېخنىكىدىمۇ كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلىپ، ئۆزى بىلەن تەڭ زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىقتى، ئايلىق ئىش ھەققىمۇ دەسلەپتە زاۋۇتقا كىرگەن چاغدىكى 2000 يۈەندىن 2700 يۈەنگە ئۆستى.

يىل ئاخىرىدا ھېسابات قىلغاندا، پاشاگۈل 15 مىڭ يۈەن ئەمگەك كىرىمى قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەملەشتى.

 ئاچا - سىڭىللارنى يېتەكلەپ ئورتاق بېيىش

2013- يىلى، پاشاگۈل يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىپ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى لۈجوۋ ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىدى ھەم ناھايىتى تېزلا شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى.

2015- يىلى، ئەمدىلا تاغ ئارىسىدىن چىقىپ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىگەن ئاچا - سىڭىللار تېخنىكىغا خام بولغاچقا، ھەر ئايدا پەقەت ئاساسىي مائاشنىلا ئالاتتى. پاشاگۈل بۇنى كۆرۈپ تىت - تىت بولدى. ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئاياغ تىكىش تېخنىكىسىنى تېزرەك ئىگىلىشى ئۈچۈن، ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاچا - سىڭىللار بىلەن بىللە پۇتۇڭخۇا ئۆگەندى، تېخنىكا ئۆگەندى. پاشاگۈلنىڭ ياردىمىدە ئاچا - سىڭىللار ئىككى ئايدىلا ئاقما لىنىيەدە مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان تېخنىكا سەۋىيەسىگە يەتتى، ئايلىق مائاشى 3500 يۈەنگە ئۆستى.

پاشاگۈل دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ شىنجاڭدىن گۇاڭدۇڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىمىز ئاسان ئەمەس، چوقۇم ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىمىز ئارقىلىق، نامرات ھالىتىمىزنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئىشلىگىلى چىققان يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللىرىم، پەقەت مەن ياردەملىشىپ ھەل قىلالايدىغانلا بولسام، چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن.» 2015- يىلىدىن بۇيان، پاشاگۈل 30 نەچچە قېتىم سەھەر سائەت 2دىن كېيىن بىللە ئىشلەيدىغان ئاچا - سىڭىللارنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇزىتىپ قويدى، 100دىن ئارتۇق ئىشدىشىنىڭ پويىز بېلىتىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن 30 نەچچە مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى.

 ئۈلگە بولۇپ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى پائال جارى قىلدۇرۇش

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن پاشاگۈل ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئارقىلىق نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى ۋە يېتەكلىدى. 2006- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ھەر يىلى يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپىدىكى ئاچا - سىڭىللارغا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، نامرات ئائىلىلەردىكى بارغانسېرى كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى تاغ ئارىسىدىن چىقىپ، گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئىشلىدى.

2012- يىلى يۇرتىغا قايتقاندا، كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار گۈلجەننەتنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى، گەرچە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن گۈلجەننەتنىڭ يەنىلا ئوقۇش، تۇرمۇش خىراجىتىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. پاشاگۈل ھەر ئايدا ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ تۇردى. ئۈچ يىللىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق، گۈلجەننەت ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. گۈلجەننەت ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن چوقۇم داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، ياخشى ئىشلەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ پاشاگۈل ھەدەمگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم قىلىمەن».

پاشاگۈل بېيىش ئۈلگىسى، ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى - كېيىن تۆت قېتىم ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى؛ 2016- يىلى 1- ئايدا پاشاگۈل ئاپتونوم رايون بويىچە «يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى؛ 2018- يىلى 10- ئايدا، پاشاگۈل 2018- يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى