تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىش يورۇقلۇقنى قوغداش

− چىڭگىل ناھىيەلىك توك تەمىنلەش شىركىتى تايكەشكەن بازارلىق توك تەمىنلەش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ سۇڭشىن توغرىسىدا

بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ۋاڭ سۇڭشىن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى چىڭگىل ناھىيەلىك توك تەمىنلەش شىركىتى تايكەشكەن بازارلىق توك تەمىنلەش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى، ئۇ يىل بويى بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ، توك تەمىنلەش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنى باشلاپ دۆلىتىمىز چېگرا رايون ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىدىكى ۋە پورتتىكى چىراغلارنىڭ يوپيورۇق يېنىپ تۇرۇشىنى قوغداپلا قالماي، ئون يىلدىن بۇيان يەنە موڭغۇلىيە دۆلىتىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ۋە پورتنىڭ مۇقىم توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يورۇقلۇقنى قوغداپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى.

 توك تەمىنلەش مۇلازىمىتى دۆلەتكە شان - شەرەپ كەلتۈردى

2009- يىلى، جۇڭگو قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىدىكى قوبدۇ ئۆلكىسى بۇرغان ناھىيەسىدىكى 35 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى ۋە توك يوللاش لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ قوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسىم ئۈچ ناھىيەسىدىكى 21 مىڭ ئاھالە جۇڭگو تەمىنلىگەن توكنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ۋاڭ سۇڭشىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، توك تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى موڭغۇلىيە دۆلىتىگىچە كېڭەيتتى. ئون يىلدىن بۇيان، ۋاڭ سۇڭشىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى موڭغۇلىيە دۆلىتىدىكى ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا ياردەم بېرىشكە كۆپ قېتىم قاتناشتى. موڭغۇلىيە دۆلىتى قوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسىم ئۈچ ناھىيەسىدىكى توك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاڭ سۇڭشىننىڭ تېلېفون نومۇرى ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى بولۇپ قالدى.

2015- يىلى قىشتا، قوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئاز كۆرۈلىدىغان قېلىن قار ياغدى، نۇرغۇن توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەلىرىدە توك توختاپ قالدى، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 45 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى. ۋاڭ سۇڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قىلچە ئىككىلەنمەي قار دېڭىزىغا ئاتلاندى، بىر نەچچە سائەت جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، كاشىلا ئاخىر ئوڭشالدى، توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىغا قايتىپ كەلگەندە، ۋاڭ سۇڭشىن بىلەن خىزمەتدىشى سۇلايماننىڭ پەلىيى يىرتىلىپ كەتكەن بولۇپ، قولىدىكى جاراھەتتىن قان سىرغىپ چىقىشقا باشلىغانىدى. شۇ يىلى، ۋاڭ سۇڭشىنغا موڭغۇلىيە دۆلىتى تەرىپىدىن «ئالاھىدە تۆھپە ئوردېنى» بېرىلدى.

 باشلامچى بولۇپ مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى

ۋاڭ سۇڭشىن خىزمەتتە ئەزەلدىن باشلامچى بولۇپ كەلدى.

2016- يىلى 1- ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتىدە بىر قېتىم تۇيۇقسىز قېلىن قار ياغدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مېتىردىن كۆپرەك قېلىنلىقتىكى قار تايكەشكەن بازىرى بىلەن سىرتنىڭ بارلىق قاتنىشىنى ئۈزۈپ قويدى، توك تەمىنلەشمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. شۇ چاغدا، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 36 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغانىدى، ۋاڭ سۇڭشىن بازارلىق ھۆكۈمەتتىن بىر قار تازىلاش ماشىنىسىنى جىددىي ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، توك تەمىنلەش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنى قار تازىلاش ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، بىرتەرەپتىن يول ئېچىپ، بىرتەرەپتىن ئالغا ئىلگىرىلىدى. كېيىن، قار تازىلاش ماشىنىسىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. ۋاڭ سۇڭشىن جىددىي رېمونت سايمانلىرىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، توكچى بولاتنى ئېلىپ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئالدىغا قاراپ ئۆمىلىدى. ئاسماننى قاپلىغان قاردىن كىشىلەر كۆزلىرىنى ئاچالمايتتى، ئۇلار قىلچە پەرۋا قىلماي، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئۆمىلىدى. بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇلار ئاخىر 197- نومۇرلۇق ئىستولبا مۇنارىنىڭ ئالدىغا ئۆمىلەپ كېلىپ، كاشىلا نۇقتىسىنى تاپتى. شىۋىرغاندا قالغان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يەنە يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق ئەسلىگە قايتتى.

«ئۇنىڭ يېشى مەندىن خېلىلا چوڭ بولسىمۇ، لېكىن خەتەرلىك ئىشنى ئۆزىگە قالدۇرىدۇ» دېدى توك تەمىنلەش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۇلايمان بىر قېتىملىق قارلىق كېچىدە لىنىيە چارلاش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ. ئۇ كۈنى قار بەك قېلىن ياغقان ئىدى، ۋاڭ سۇڭشىن بىلەن سۇلايمان بىرلىكتە لىنىيە چارلىدى. ۋاڭ سۇڭشىن ئۆزى تاغ يولىدا مېڭىپ، بىر قەدەر تەكشى يولنى سۇلايمانغا ئۆتۈنۈپ بەردى. ئۇچراشماقچى بولغان تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە، ۋاڭ سۇڭشىن كۆرۈنمىدى. تاغدا سىگنال يوق، ئالاقىلەشكىلى بولمايتتى. تاڭ سۈزۈلگەندە ھەم ئەنسىرىگەن، ھەم تىت - تىت بولغان سۇلايماننىڭ ئالدىدا «قار بوۋاي»غا ئوخشاپ قالغان ۋاڭ سۇڭشىن پەيدا بولدى.

 كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

تايكەشكەن بازىرىدا 8000دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋاڭ سۇڭشىننى تونۇيدۇ، كوچىدا ماڭسىلا، ھامان ئۇنىڭغا سالام قىلىدىغانلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

75 ياشلىق تولېۋقان بوۋاي تايكەشكەن بازىرىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرىدۇ، پەرزەنتلىرى يىل بويى سىرتتا چارۋا باققاچقا، ئۆيدىكى ھەممە ئىشنى بوۋاي ئۆزى قىلاتتى. بوۋاينىڭ ئۆيىنىڭ توك سىمى بەك ئىنچىكە بولغاچقا، سۇ پومپىسى ئىشلەتكەندە بەزىدە توك يولى ئېتىلىپ قالاتتى. ۋاڭ سۇڭشىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈردى، ئۆزى پۇل چىقىرىپ بوۋايغا يېڭى ئۆتكۈزگۈچ سىم ۋە يېڭى رۇبىلنىك ئالماشتۇرۇپ بەردى.

توك تەمىنلەش پونكىتى چەتتىرەك بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيى بۇ يەردە ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش قولايسىز بولغاچقا، ئۆيگە قايتىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى، ۋاڭ سۇڭشىن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

«ھەر قېتىم لىنىيە چارلاشقا چىققاندا ئۇ بىزگە سۇنى لىق قاچىلىۋېلىش، ئوزۇق - تۈلۈكنى كۆپرەك ئېلىۋېلىشنى تاپىلاپ تۇرىدۇ» دېدى توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ پىڭ، «ئادەتتە لىنىيە چارلاش ۋەزىپىسى بار چاغدا چۈشتە قايتىپ تاماق يېيەلمەيمىز، پونكىت باشلىقى ۋاڭ سۇڭشىن ھەمىشە ئاشخانىغا بىرقانچە خىل سەينى ئارتۇق قورۇپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، ھەرقانچە كەچ قايتساقمۇ يەيدىغان ئىسسىق تامىقىمىز تەييار».

«ۋەتەنگە توك تەمىنلەش بىر خىل مەسئۇلىيەت، موڭغۇلىيە دۆلىتىگە توك تەمىنلەش بىر خىل شەرەپ.» ۋاڭ سۇڭشىننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ۋە دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى ماختاشقا سازاۋەر بولدى، ئۇ ھەم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ نەمۇنىچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ