تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

چېگرانى ساقلىغان، چېگرانى قوغدىغان «پامىر بۈركۈتى»

− قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قونجىراپ چېگرا قوغدىغۇچىسى لاچىن بايئەكە توغرىسىدا

لاچىن بايئەكە قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ خالىس چارلاش يول باشلىغۇچىسى. 70 يىلدىن بۇيان، لاچىن بايئەكە ئائىلىسىدىكى بوۋىسىدىن نەۋرىسىگىچە ئۈچ ئەۋلاد پامىر ئېگىزلىكى چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى ھەربىر تاغ جىلغىسى، ھەربىر دەريا ئېقىنىدا ئاياغ ئىزىنى قالدۇرۇپ، ھەربىر چېگرا تېشىنى قوغدىماقتا، ئۇلار ئۈن - تىنسىز، رازىمەنلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خالىس چارلاشتا چىڭ تۇردى. ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «چېگرا مۇداپىئە قىسمىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر چېگرا لىنىيەسىنى كېچە - كۈندۈز چارلاپ، ۋەتەننىڭ چېگرا ئۆتكىلىنى تىنچ قىلدى، چارۋىچىلار خاتىرجەم ياشىدى، مەن چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئۈچۈن يول باشلاپ، چېگرا ئاھالىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم».

2004- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ، لاچىن قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە خالىس چارلاش يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە شۇ جايدىكى چارۋىچىلار تەرىپىدىن بۇلۇت ئۈستىدە چېگرانى ساقلىغان، چېگرانى قوغدىغان «پامىر بۈركۈتى» دەپ ئاتالدى.

چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش

كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش

پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى چېگرا ناھىيە، بۇ ناھىيەدىكى قونجىراپتا ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ، شامال كۈچى يىل بويى يەتتە بالدىن يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ.

1949- يىلى 12- ئايدا، قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى رەسمىي قۇرۇلغان، لاچىننىڭ بوۋىسى قايدابېك چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە خالىس يول باشلىغۇچى بولغان. 1972- يىلى 8- ئايدا، قايدابېك يېشى چوڭىيىپ ماڭالماي قېلىپ، خالىس يول باشلىغۇچىلىق «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى 20 ياشلىق ئوغلى باياققا تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىلدا، باياق يىل بويى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بىلەن پامىر ئېگىزلىكىدىن كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى، جۇڭگو - پاكىستان چېگراسىدىكى قار - مۇزلۇق چوققىلارغىچە چارلىدى. 2004- يىلى، باياقنىڭ تېنى ئاجىزلاپ يول باشلاش خىزمىتى بىلەن يەنە شۇغۇللىنالمىدى، لاچىن دادىسى باياقتىن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى ئۆتكۈزۈۋالدى.

چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنىڭ

ياخشى يول باشلىغۇچىسى

چارلاش يولىدا، لاچىن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە تايىنىپ چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇشىغا كۆپ قېتىم ياردەم بەردى. لاچىن تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا چارلاش شۆبە ئەترىتىنى باشلاپ ۋۇفۇلاڭ جىلغىسىدىكى چارلاشقا قاتناشتى، چارلاشنىڭ بىرىنچى كۈنى قوشۇن قار - شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كېچىدە كۆپچىلىك ئامالسىز بىر تاغ جىلغىسىدا توختاپ دەم ئالدى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ توڭلاپ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لاچىن كۆپچىلىكنى دادىسى باياق ئۆگەتكەن ئۇسۇل بويىچە قوتازنىڭ تېنى بىلەن ئىسسىندۇردى. ئۇ 15 قوتازنى بىر يەرگە يىغىپ، قېلىن بىر «تام» شەكىللەندۈردى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قوتازنىڭ بەدىنىگە چىڭ يۆلىنىپ، ھەم قار - شىۋىرغاندىن دالدىلاندى، ھەم ئىسسىندى، شۇنداق قىلىپ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كېچىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى.

چارلاشنىڭ ئىككىنچى كۈنى، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشكەچكە، ئالدىنقى يىلى لاچىننىڭ دادىسى سېلىپ قويغان بەلگە يوقاپ كەتكەن بولۇپ، قوشۇن ۋاقتىنچە توختاشقا مەجبۇر بولدى. «بۇ يەرنىڭ ھەممىسى تىك داۋان ئىكەن، بىز قانداق ئۆتىمىز؟» دېدى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەر پۇ خېماۋ سەل ئەنسىرەپ. «قانچە مۈشكۈل، قانچە خەتەرلىك بولسىمۇ سىلەرنى باشلاپ ئۆتۈپ كېتىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ!» دېدى لاچىن. تاغدىن ئۇششاق تاش پارچىلىرى توختىماي سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، لاچىن خەتەرگە قارىماي تىك قىيا، تىك يارغا يامىشىپ يول ئىزدىدى. توساتتىن بىر ئۇششاق تاش پارچىسى لاچىننىڭ پېشانىسىگە تەگدى، شۇئان قان ئېتىلىپ چىقتى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۇنى قايتىپ كېلىشكە بىرقانچە قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لاچىن مۇنداق دېدى: «بۇ دېگەن ۋەزىپە، مەن چوقۇم ئورۇندايمەن.» ئۇ قاتتىق ئاغرىققا چىداپ ئىككى سائەت يول يۈرۈپ، ئاخىر بىخەتەررەك بىر تاغ يولىنى تېپىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى.

رازىمەنلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان

چېگرا قوغدىغۇچى

چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن لاچىن ئائىلىسىدىكى بوۋىسىدىن نەۋرىسىگىچە ئۈچ ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچى باشتىن - ئاخىر پامىر ئىگىزلىكىنى چىڭ ساقلىدى، قونجىراپنى چىڭ ساقلىدى. 2003- يىلى، لاچىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ مال باقتى، 2004- يىلى پارتىيەگە كىردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ خوتۇنى، سەككىز ياشلىق قىزى ھەم ئالتە ياشلىق ئوغلى بىلەن تاغدىكى چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 2004- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، لاچىننىڭ چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە يول باشلىغۇچى بولغىنىغا 15 يىل بولدى.

چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە يول باشلىغۇچى بولغاندىن بۇيان، ليەندۈي ھەر قېتىم چارلاش تەشكىللىگەندە لاچىن ھەمىشە بالدۇر كېلىپ، ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. كۆپ يىللىق چارلاش جەريانىدا، لاچىن ئائىلىسىنىڭ ئون تۇياق قوتىزى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چارلاش يولىدا ھېرىپ ئۆلۈپ قالدى، توققۇز تۇياق قوتىزى يىقىلىپ يارىلانغانلىقتىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالدى، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئازراقمۇ تولۇقلىما ئالمىدى. لاچىن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۆيۈمدە قىسىمغا ئەگىشىپ چارلاشقا قاتنىشىدىغان قوتازدىن پەقەت بىرىلا قالدى، مەن ئۆيۈمدىكى تۆت قوتاز بۇقىسىنى مەشىقلەندۈرۈۋاتىمەن، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئائىلەمدىن بەش قوتاز چېگرا چارلاشقا قاتنىشالايدۇ.» مەيلى بوران چىقسۇن، قار ياغسۇن، ھاۋا قانچە سوغۇق بولسۇن، لاچىن ھەمىشە ئۆزىنىڭ قوتازلىرىنى يېتىلەپ چىقىپ مەشىقلەندۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تەييارلىدى. ئۇ يەنە دادىسىدىن چارلاش يولىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقى، قانداق ساقلىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا دائىم تەلىم ئالدى.

دەل مۇشۇنداق «ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش» بولغان ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋەتەننىڭ غەربىي چېگراسىدا يىمىرىلمەس پولات توسۇق بەرپا قىلدى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى