تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

قۇم دېڭىزىنى يېشىللىققا پۈركىگەن «يېڭى يۈ گۇڭ»

− خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فۇ جىجوۋ توغرىسىدا

30 يىلنىڭ ئالدىدا، قۇم - بوراننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرىدا، بىر ياش دېھقان ئۆزى يالغۇز قەھرىمانلارچە قۇم تىزگىنلەش سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ قۇم بىلەن جەڭ قىلىپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمىدى، قارا چاچلىرى ئاقاردى. ئۇ پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، ياشلىقىدىن خۇشبۇي گۈللەرنى ئېچىلدۇردى. 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 10دا، بۇ ئاددىي دېھقان بېيجىڭ خەلق سارىيىغا كىرىپ كەلدى، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش چوڭ يىغىنىدا، مەملىكەتلىك ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقى يېشىل سەددىچىن سېپىلى ئىلغارى مېدالى ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئېسىلدى.

ئۇ دەل بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فۇ جىجوۋ.

 يۈ گۇڭچە ئىرادە تىكلەش    قۇم دېڭىزىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشقا قەسەم قىلىش

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرىدىكى شاخېزى شامال ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇم - بوران ئاپەتكە ئايلانغانىدى، ئورمان بىنا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەشتىن بۇرۇن، كۆچمە قۇم ھەر يىلى ئىككى ئۈچ مېتىرلىق سۈرئەتتە دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ۋە كەنتكە بېسىپ كىرەتتى.

20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، فۇ جىجوۋ خوتۇنى چېن ئەيلەننى ئېلىپ، خېنەندىن شاخېزىغا كەلدى. فۇ جىجوۋ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كەنتكە يېڭى كەلگەندە، تۆت ئەتراپقا قارىسام، ھەممە يەر قۇملۇق ئىكەن.» ھەر يىلى ئەتىيازدا، قۇم - بوراننىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئادەم ئىشىكتىن چىقىشقا ئامالسىز قالاتتى، ئېتىزغا ئەمدىلا تىككەن كېۋەز مايسىسى بوراندا بىردەمدىلا نابۇت بولاتتى. «تىرىك ئادەم تۇرۇپ، قۇمغا بوزەك بولساق بولمايدۇ!» ئەينى يىلى، ئۇ ئۆز ئېتىزىنىڭ ئالدىغا بىرىنچى تۈپ تېرەكنى تىكتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورمان بىنا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش يولىغا ماڭدى.

«كۆچەت بەك قىممەت ئىدى، مەن كىشىلەر بېغىدىن چاتىۋەتكەن دەرەخ شاخلىرىنى تېرىپ كېلىپ تىكەتتىم، ئەمما بىر يىلدا بىرقانچىسىلا ئەي بولاتتى. كېيىن ناھىيەلىك باغ - ئورمانچىلىق ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملار ماڭا ئامال كۆرسىتىپ سىرتتىن توپا توشۇپ كېلىپ، ئورەككە يېڭى توپا تىندۇرۇپ كۆچەت تىكىشنى ئېيتتى. توپىنى ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىن توشۇپ كېلىش ئاسان ئەمەس ئىدى، مەن يۈ گۇڭ تاغنى يۆتكىگەندەك، بۇ قۇملۇقتا ئېلىشىپ، يېشىللىق بەرپا قىلدىم!» دېدى فۇ جىجوۋ.

مۇشۇنداق قەتئىيلىك ۋە ئەقىدىگە تايىنىپ، فۇ جىجوۋ قۇملۇق بويىغا ئىھاتە ئورمىنى تىكتى ھەم دەسلەپكى قەدەمدە ئىھاتە ئورمىنى بەلبېغى بەرپا قىلدى. ئەمما، ئىھاتە ئورمان بەلبېغى كۈچلۈك بوراندا ئۆرۈلۈپ كەتتى، گەرچە دەسلەپكى مەزگىلدە سالغان 100 نەچچە مىڭ يۈەننىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆچمە قۇمنى تىزگىنلەش ئىشەنچىنى تەۋرىتەلمىدى.

 ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش    قۇمنى تىزگىنلەش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەي چىڭ ساقلاش

يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، فۇ جىجوۋ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ 4- قارارلىق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆزى مەبلەغ توپلاپ بىر تىراكتور، ئۈچ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋېلىپ قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئىشلەتتى.

فۇ جىجوۋ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۆچمە قۇمنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئۆزى تېرەك كۆچىتى يېتىشتۈرۈپ، ھەر يىلى 500 - 300 مو يەرگە سېلىنىدىغان كۆچەت مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلدى. دەرەخ كۆپ تىكىلدى، لېكىن سۇ قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن 800 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، توك تارتىپ، ئالتە قۇدۇق قېزىپ، دەل - دەرەخلەرنى نورمال سۇغىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى جەريانىدا، ئۇ «ئاۋۋال قۇمنى يۆتكەپ كېيىن توسۇش، دائىرىگە بۆلۈپ تىزگىنلەش، ئاۋۋال ئاسىنىنى كېيىن قىيىنىنى قىلىش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۆز ئالدىغا بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى تىكىپ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

فۇ جىجوۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كۆچمە قۇمنى تىزگىنلەش بىرلەشمە جېڭىگە قاتنىشىپ، «يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»دەك روھ بىلەن 12 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تىزگىنلىدى، 158 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى قوغداپ قالدى. نۆۋەتتە، ئادەم ئاياغ باسمىغان قۇملۇق رايونىدا تەدرىجىي ھالدا «غوللۇق دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپ، نۇقتا، بەلباغ، دائىرە»دىن ئىبارەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، 34 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش يېشىل كارىدورى بەرپا قىلىنىپ، كۆچمە قۇمنىڭ داۋاملىق كۆچۈشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى.

 ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ قىلىش    يۇرت - ماكاننىڭ يېشىل توسۇقىنى قوغداش

ھازىر، فۇ جىجوۋ ۋە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تىزگىنلەش رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەڭ دەسلەپكى %3تىن %70 ئەتراپىغا ئۆستۈرۈلدى، قىسمەن كىچىك كىلىمات كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈر توپى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئۆستى.

2015- يىلى، فۇ جىجوۋ 2600 نەچچە مو قۇملۇق يەرگە 800 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتى، ياپيېشىل ئاق تېرەكلەر قۇملۇقتا باراقسان ئۆستى. كۆچەتلەر ئەي بولۇپ، كۆچمە قۇم بارا - بارا بويسۇندۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۇ بەش يىل ئىچىدە سۇ ئىشلىتىش قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، تىكىلگەن ئاق تېرەك كۆچىتىنى 1 مىليون تۈپكە يەتكۈزۈپ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.

2007- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، فۇ جىجوۋ ئۇدا تۆت يىل خېجىڭ ناھىيەسى بويىچە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى، 2011 - يىلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى، شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى ھەم كۆكەرتىش مېدالىغا ئېرىشتى. فۇ جىجوۋ تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «گەرچە يېشىم چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆچەت تىكىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. مەن يەنە 200 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىمەن، بۇ ئۆمرۈمدە 1 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى