تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

ئاممىغا رىشتە باغلىغان «چېدىر ئاكا»

− تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بەلدىر ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نادىربەگ ئاۋازبەگ توغرىسىدا

بىر دۆلەت بايرىقى، بىر ئادەم، بىر چېدىر، بىر خىزمەت سومكىسى، بىر قارلىق تاغ، مانا بۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بەلدىر ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نادىربەگ ئاۋازبەگنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى.

 ئىشخانىنى چېدىردا تەسىس قىلىش

بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن نادىربەگ كىچىكىدىنلا تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە چوڭ بولغان، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا پارتىيەگە كىرگەن. 2006- يىلى، ئۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بەلدىر ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان، كېيىن ساقچىخانىنىڭ رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان.

رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3400 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ھاۋا شالاڭ ئىدى. 2011- يىلى 6- ئايدا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىش بېجىرىش ئورنى بولمىغاچقا، نادىربەگ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بەزىدە ئاممىنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېچىسى ئۇخلايدىغان چاغدىلا ئۆيگە كىرىپ ئارام ئالاتتى. ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى رەھبەرلىكىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، نادىربەگ ئۆزى قول سېلىپ پاختا رەختتىن ئاددىي بىر چېدىر تىكىپ، ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى قىلدى.

رېبۇت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ تەۋەلىك رايونى شىۋىرغان ئېغىزىدا بولغاچقا، كىلىماتى ناھايىتى ناچار بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. نادىربەگ كۈندۈزى ياردەمچى خادىملارنى باشلاپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرسا، كېچىسى يەنە چارلاش ئېلىپ باراتتى، ئۇسسىغاندا قارلىق دالىدا بىر سىقىم قارنى ئاغزىغا سېلىۋالاتتى، ھېرىپ كەتسە مۇزدەك تاشنىڭ ئۈستىدە يېتىپ بىردەم ئۇخلىۋالاتتى. چېدىر ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، نادىربەگ ئىككى قېتىم ئېغىر زۇكام بولۇپ قالدى، بىر قېتىم ئېغىر زۇكام ئۆپكە گازلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغاچقا، ئۇنىڭ ياش ھاياتى ساقلاپ قېلىندى. ئۇ چېدىردا 14 ئاي خىزمەت قىلدى، يەرلىك ئامما ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «چېدىر ئاكا» دەپ ئاتىدى. بۇ ھەم ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە قالدۇردى.

 دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن سىرداش بولۇش

ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش سەۋرچانلىق ۋە مېھرىبانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. نادىربەگ ئاممىۋى خىزمەتنى چاي دەملىگەنگە ئوخشىتىپ: «ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان كىشى دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن قانچە سىرداش بولغانسېرى خىزمەتنى شۇنچە راۋان ئىشلىيەلەيدۇ» دەيتتى. يىللاپ، كۈنلەپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ ئۆزىنى بىر ئىستاكان «خۇش پۇراقلىق ياخشى چاي» قىلىپ «دەملەپ» چىقتى.

تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر چوڭ - كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمەن نادىربەگنى ئىزدەپ كېلىپ چوڭ - كىچىك ئىشلارنى ياردەم قىلىپ بېجىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىلا، ئۇ پۈتۈن زېھنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. مەسىلەن، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەزىدە ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردى؛ يول چارلاۋاتقاندا، بىرەرسىنىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپلانمىغانلىقىنى كۆرسە، بېرىپ ئىشىكنى ئېتىپ قويدى... ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تەۋەلىكتىكى دېھقان - چارۋىچىلار نادىربەگنىڭ ئىنتايىن چىقىشقاق كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى توغرا - خاتانى ئايرىپ بېرىشكە ۋە مۇرەسسە قىلىشقا ئىزدىدى.

ئاممىنىڭ ئىشەنچى نادىربەگنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى، بۇ يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى. تەۋەلىكتىكى ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇ بەش قولدەك ئېنىق بىلەتتى، كىمنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە كۈتۈشكە تېگىشلىك ئىگە - چاقىسىز، ياشانغانلار بارلىقىنى، كىمنىڭ ئۆيىدە دەرھال ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك قىيىنچىلىق بارلىقىنى، ھەتتا كىمنىڭ ئۆيىنىڭ توك يولىدا يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغانلىقىنى، كىمنىڭ ھويلىسىدىكى دۆۋىلەنگەن ئوتۇننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇ كۆڭلىدە ئىنتايىن ئېنىق بىلەتتى.

 ئامما قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا چاقىرغان ھامان يېتىپ بېرىش

ئامما بىلەن بىللە ياشاپ چىقىشىپ كەتكەن نادىربەگ ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ تەۋەلىكتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئامانلىق ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشقا قويۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا بىر يۈرۈش ئىنتايىن ئالاھىدىلىكى بار خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدەندى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ تەۋەلىكتە كۆچمە نوپۇسلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، كۆچمە نوپۇسلارنى تىزىملاشنى كۆچمە نوپۇسلارنىڭ كىيىنىشى، ياسىنىشى، شەخسىي قىزىقىشى، ئالاقە دائىرىسى قاتارلىقلارغىچە ئىنچىكىلەشتۈردى. تەۋەلىكتىكى نوپۇس نىسبەتەن مەركەزلەشكەن جايلاردا، ئۇ «ئامانلىق ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تاختىسى»دىن ئۈچنى تەسىس قىلىپ، ئامانلىق سىگنال ئۇچۇرى، ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرۇش قاتارلىق تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى قەرەللىك ھالدا چاپلىدى.

ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، نادىربەگ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قانۇنغا ئاساسەن قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ، تەسىرلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنى تولۇق قايىل قىلدى؛ ئامما ياردەم سورىغاندا، ئۇ بارلىق ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بەردى. ئۇنىڭ «قىيىنچىلىق بولسا نادىربەگنى ئىزدەڭلار، چاقىرغان ھامان يېتىپ بارىمەن» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلاقلىق.

نادىربەگ ئاممىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى خاتىرجەم ياشايدىغان مۇھىت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، شۇڭا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشنى پائال قانات يايدۇردى. تەۋەلىكتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ قوللىشىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت ئۇچۇر خادىمى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەۋەلىكتىكى مەجبۇرىيەت چارلاش ئەترىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. كاللا ئىشلىتىشكە ئامراق بولغان ئۇ كۈندۈزى مۇھىمى «قاراش»، كەچتە مۇھىمى «چارلاش»، يېرىم كېچىدە مۇھىمى «ساقلاش»تىن ئىبارەت 24 سائەتلىك «پۈتۈن ھاۋا رايىلىق» ئالدىنى ئېلىش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن تەۋەلىكتىكى دېلولار زور دەرىجىدە ئازايدى، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارمۇ ئازايدى. نۇرغۇن ئاھالە ساقچىخانا رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «نادىربەگ چىن كۆڭلىدىن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، ئۇنى ھەرگىز يۆتكىۋەتمەڭلار، ئۇ بولسىلا، بىز ئۇخلىساقمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى