تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

83 يىل ئىلگىرى، ئاشۇ بىر توپ ياشلارنىڭ شېئىرى ۋە تەلپۈنۈشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شاڭگىلىلا شەھىرى ئىلگىرى جۇڭديەن ناھىيەسى دەپ ئاتىلاتتى. تەبىئەت بۇ يەردە سىرلىق قارلىق تاغ، خەتەرلىك جىلغا ۋە ئەينەكتەك سۈپسۈزۈك كۆللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ جاي ھازىر شەھەرلىكلەر تەلپۈنىدىغان شېئىرىي ھېسسىياتقا تولغان گۈزەل سەيلىگاھ!

1936- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، خې لۇڭ، رېن بىشى قاتارلىقلار قىزىل 2-، 6- جۈنتۇەننى باشلاپ، لىجياڭ دەرياسىنىڭ يۈلۇڭ ناھىيەسىدىكى شىگۇدىن جۈديەنگىچە بولغان دەريا بويىنى بويلاپ شىمالدا جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەينى چاغدىكى جۇڭديەن ناھىيەسىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، داۋاملىق شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، قارلىق تاغ، ئوتلاقتىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلغان.

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ئىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قىزىل ئارمىيە قىسمىدىكى قوماندانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياشقا يەتمەيدىكەن، شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى 20 ياشتىن 30 ياشقىچە ئىكەن، ئادەتتىكى جەڭچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى تېخىمۇ كىچىك ئىكەن. بۇ ياش قوشۇن بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، ياخا قارلىق تېغىدىن ئېشىپ، لازابا ئوتلىقىدىن ئۆتكەن. ئۇرۇش داۋامىدا، 160 نەچچە كوماندىر - جەڭچى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن.

ئەينى يىلى 17 ياشقا كىرگەن چيەن يۇڭفۇ يۇرتى خۇنەندە قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان، 1936- يىلى 4- ئايدا، قىسىمغا ئەگىشىپ جۇڭديەن ناھىيەسىنىڭ جىنجياڭ بازىرى ۋۇجۇ كەنتىگە كەلگەندە، ھاۋاسىغا كۆنەلمەي سۈيى ياقمىغاچقا توختىماي ئىچى سۈرۈپ، ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، داۋاملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىشقا ئامالسىز قالغان، قىزىل ئارمىيە ئۇنى شۇ جايدىكى يېزا مۆتىۋىرى خې چۇڭشەننىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

خې چۇڭشەن گومىنداڭنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ قالغانلىقتىن، قىزىل ئارمىيە يېتىپ كەلگەندە بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالغان. گەرچە ئۆيدە ئادەم بولمىسىمۇ، قىزىل ئارمىيە بۇ يەردە تۇرغاندىن كېيىن، يەنىلا بىرئاز پۇل قالدۇرۇپ قويغان. خې چۇڭشەن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، كېسەل بولۇپ قالغان چيەن يۇڭفۇنى كۆرۈپ، ئۇنى گومىنداڭغا تاپشۇرۇپ بەرمەي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ شۇ جايدىكى ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ چيەن يۇڭفۇنى يوشۇرۇپ قوغداپ، ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان.

«ئۇ بىر چوڭ ئائىلە ئىكەن، ئۆيدە قېچىر، ئاتلار بار ئىكەن، دادام خې ئائىلىسىدە تەخمىنەن يېرىم ئاي يېتىپ كېسىلىنى داۋالىتىپتۇ.» چيەن يۇڭفۇنىڭ چوڭ ئوغلى، بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن چيەن شۈۋېننىڭ ئازادە، پاكىز ھويلىسىدا ئولتۇرۇپ ئەسلەپ بېرىشىچە، دادىسىنىڭ كېسىلى ساقايغاندا، قىزىل ئارمىيە قىسمى ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەن ئىكەن، ئۇ خې ئائىلىسىنىڭ ئۆزىگە چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ئائىلىدىن چىقىپ كېتىپ ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلغان. چيەن يۇڭفۇ ۋۇجۇ كەنتىدىن ئايرىلمىغان، ئىشلەمچىلىك قىلىپ شۇ جايدا تۇرۇپ قېلىپ، توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولغان، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھازىرغىچە شۇ جايدا ياشاپ كەلگەن.

«دادام كېيىن كەنت ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان، ئۇ باشتىن - ئاخىر بىزگە سەمىمىي ئادەم بولۇش، پۇختا ئىش قىلىش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى» دېدى چيەن شۈۋېن.

ئۇزۇن سەپەر بىر قېتىملىق غايە - ئېتىقاد ئۇلۇغ سەپىرى. چيەن يۇڭفۇدەك كېسەل سەۋەبىدىن سەپتىن چۈشۈپ قالغان جەڭچىلەر گەرچە ئۇزۇن سەپەردىن قېپقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبى سەپداشلىرى بىلەن بىللە باشتىن - ئاخىر يىراققا سەپەر قىلغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئاشۇ قوشۇننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغان.

رەھىمسىز ئۇرۇش يىللىرىدا، غايىگە تولغان بۇ ياشلارنىڭ قەلبىدە شېئىرىي ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان.

«پۇتۇمغا توغرا كەلمىگەن ئۆتۈكنى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ ئالمايمەن، كۆڭلۈم چۈشمىگەن جورىنى پەرىشتە بولسىمۇ ئالمايمەن. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يالۇڭجياڭ دەرياسى قانداقمۇ كەينىگە ئاقسۇن، يادىن ئېتىلغان ئوق ھەرگىز كەينىگە قايتمايدۇ. بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز قىزىل ئارمىيە بىلەن ئاخىرغىچە مېڭىش. ئارزۇ ! ئارزۇ ! ئۇزۇن سەپەرنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز! ئارزۇ! ئارزۇ! زاشىدېلې!»

يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر مۇزېيىدا، «ئارزۇ − بىر زاڭزۇ جەڭچىنىڭ مۇھەببەت ناخشىسى» تېمىسىدىكى بۇ شېئىر مۇخبىرلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

بۇ زاڭزۇ جەڭچى شائىرنىڭ ئىسمىنى ھېچكىم ئېسىگە ئالالمىدى، بۇ سەمىمىي ھەم قىزغىن ھېسسىيات يىللاردىن ھالقىپ، كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.

«قىزىل ئارمىيە يول بويى قالدۇرۇپ كەتكەن لوزۇنكىلار، تەشۋىقات بۇيۇملىرى، ئوقۇشلۇقلار ھەم باشقا خاتىرە بۇيۇملار، قىزىل ئارمىيە ئەينى يىلى جەڭ قىلغان خارابىلىكلەر، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقلىرى كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان جانلىق دەرسلىك ۋە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئايلاندى» دېدى شاڭگىلىلا شەھىرى جىنجياڭ بازارلىق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ لىگو.

شاڭگىلىلا شېئىرىي ھېسسىياتقا تولغان جاي. 83 يىل ئىلگىرى، ياش قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى بۇ جايدىن ئۆتۈپ، قانلىق، ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ يىراق جايلارغا يۈرۈش قىلغان!

(يازغان مۇخبىرلار: دىڭ مېي، شۆ بىلى، لىن بىفېڭ، لى يەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى