تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا كۆرگەزمىسى نيۇيوركتا باشلاندى

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا كۆرگەزمىسىدە، مودېل جۇڭگو سودىگەرلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى نامايان قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا كۆرگەزمىسى (نيۇيورك) ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ، كۆرگەزمىنى جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپى شۆبىسى بىلەن فىرانكفورت كۆرگەزمىسى (ئامېرىكا) شىركىتى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان. 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 800دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قاتناشقان جۇڭگولۇق سودىگەرلەر 545كە يەتتى. (ۋاڭ يىڭ فوتوسى)

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، سودىگەرلەر ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا كۆرگەزمىسىدە ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك جۇڭگو توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا كۆرگەزمىسىدە، سودىگەرلەر ھىندىستان كارخانىسىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل