− مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئۇزۇن سەپەر روھى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
قورقمىدى خۇڭجۈن ئۇزۇن، مۈشكۈل سەپەردىن ھېچقاچان، قىلچىمۇ توسالمىدى مىڭلارچە دەريا، تاغ - داۋان. ئاشۇ مەيدان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرگە 80 نەچچە يىل بولدى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىگە رەڭدار، شانلىق بىر بەتنى پۈتۈپ چىقىپلا قالماي، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى، ھەتتاكى دۇنيا خەلقىگە بىباھا مەنىۋى مىراس قالدۇردى.
بۈگۈن بىز قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى قايتا ئەسكە ئېلىپ، ئەجدادلارنىڭ پارتىيەنى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان سەمىمىي - ساداقەتمەن قەلبىنى ھېس قىلدۇق. قىزىل ئارمىيە ئۆڭكۈرىدىن قىزىل ئارمىيە يولىغىچە، خۇڭيەن كەنتىدىن يەنە ھازىرقى تەرەققىياتقىچە، ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇزۇن سەپەر روھى مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.
■ جاپا - مۇشەققەت ئىچىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭىدىغان يولنى ئېچىش
چۇڭچىڭ چىجياڭ رايونى شىخاۋ بازىرىدا، ھازىرغىچە بىر بۆلەك «ئەسلىي ئېكولوگىيە»لىك قىزىل ئارمىيە يولى ساقلانماقتا. ئۇ بىر شېغىللىق تىك تاغ يولى، يان تەرىپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان جىلغا. بۇ تاغ يولىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى يەنە ناھايىتى تار بولۇپ، ھەربىر قەدەمنى ئالغاندا، ھەربىر بۇرۇلغاندا تاش پارچىلىرىغا دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
قىزىل ئارمىيە يولىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىكى يول تاختىسىدا مۇنداق دەپ تونۇشتۇرۇلغان: 1935- يىلى 1- ئايدا، زۈنيى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قىزىل 1- جۈنتۇەنىدىكى 8000دىن ئارتۇق ئادەم گۇيجوۋ سۇڭكەندىن يولغا چىقىپ، جيەنتوۋيادىن ئۆتۈپ چۇڭچىڭ شىخاۋچاڭغا كەلگەن، بۇ يەردە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، قىسىم 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاتلىنىپ، گۇيجوۋغا يۈرۈش قىلىپ بىرىنچى قېتىم چېشۇي دەرياسىدىن ئۆتۈشنى باشلىغان.
چۇڭچىڭ چىجياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈەن چىنخۇا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كىشىلەرگە قىزىل ئارمىيە بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن سەپەرنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ جاي بار ئاماللار بىلەن بۇ يولنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالدى.
ھالبۇكى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە يەڭگەن جاپا - مۇشەققەت پەقەت يول يۈرۈش قىيىنچىلىقىلا ئەمەس. ئۇلار چىغ چورۇق كىيىپ ياكى يالىڭاياغ ھالدا يۈك - تاقلىرىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، ئات - ئۇلاغلارنى يېتىلەپ يول يۈرگەن، يەنە تېخى يارىدارلارنى نوسىلكىدا كۆتۈرۈپ، يۆلەپ ئېلىپ ماڭغان، كۆپ چاغلاردا ئاسماندىكى دۈشمەن ئايروپىلانلىرى بومباردىمان قىلغان، كەينىدىن دۈشمەن ئارمىيەسى قوغلاپ ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان.
ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇخبىر ئېدگارد سىنو «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى نۇرلاندۇردى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: يول بويى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندە دېگۈدەك بىر قېتىم كىچىك ئۇرۇش بولۇپ تۇراتتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 71 چاقىرىم يول يۈرەتتى. «بۇنداق چوڭ قوشۇن مۇشۇنداق ئوتتۇرىچە سۈرئەت بىلەن مېڭىپ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك سانىلىدىغان نۇرغۇن جايلاردىن ئۆتكەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ھەربىي يۈرۈش» دېگەن سىنو ھاياجان بىلەن.
ئۇزۇن سەپەردە، قىزىل ئارمىيەدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن 600 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش ۋە جەڭ قىلغان، 100گە يېقىن دەريادىن كېچىپ ئۆتكەن، 40 نەچچە ئېگىز تاغ، خەتەرلىك چوققىدىن ھالقىپ ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان قارلىق تاغدىنلا 20 نەچچىسى بار، «ھالاكەت قىلتىقى» دەپ ئاتىلىدىغان بىپايان ئوتلاقتىن كېسىپ ئۆتكەن، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ياشاش چېكىنى بويسۇندۇرغان.
ئۇزۇن سەپەر ۋاقتىنىڭ ئۇزاقلىقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، مۇساپىسىنىڭ يىراقلىقى، مۇھىتنىڭ خەتەرلىكلىكى، جەڭنىڭ ئېچىنىشلىقلىقىنى بۈگۈنكى كۈندە بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. «بوران - چاپقۇندا كىيىملەر ھۆل بولۇپ كەتتى، ئەمما سۆڭىكىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، ياۋا كۆكتاتلاردا ئاچلىقنى باستۇق، ئەمما ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ كوماندىر - جەڭچىلەر جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدۇق، ئىنقىلابىي غايىمىز ھەممىدىن ئۈستۈن كەلدى.» دەل يۈكسەك غايە ۋە قەتئىي ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈككەچكە، جاپا - مۇشەققەتنى يەتكۈچە تارتىپ پولاتتەك تاۋلانغاچقا، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە قەدەممۇقەدەم مېڭىپ غەلىبە يولىنى تېپىپ چىققان.
■ ئارمىيە بىلەن خەلق ئۆزئارا يۆلەك بولۇپ ئىنقىلاب چوغىنى چاچتى
چۇڭچىڭنىڭ چىجياڭ رايونىنىڭ شىخاۋ بازىرى، شيۇشەن ناھىيەسىنىڭ ياجياڭ بازىرى قاتارلىق جايلاردا، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، شەكلى ھەر خىل «قىزىل ئارمىيە ئۆڭكۈرى» ھازىرغىچە ساقلىنىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ قىزىل ئارمىيەنى ئەسلەش، قىزىل ئەسلىمىگە ۋارىسلىق قىلىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.
ياجياڭ بازىرى جياڭشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى جىۋېن تاغ ئېتىكىدىكى ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك ئېگىزلىكتىكى، چوڭقۇرلۇقى ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان بىر تاش ئۆڭكۈرنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، دادىسى لى مۇفۇنىڭ ئىلگىرى بۇ يەردە يارىلانغان بىر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھېلىقى قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئۆكچىسىگە ئوق تېگىپ يارىلانغان ئىكەن، دۈشمەننىڭ بايقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لى مۇفۇ ئۇنى ئۆيىنىڭ كەينىدىكى تاش ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ قويۇپ، قېلىن ئوت - چۆپلەرنى سېلىپ ئۇنى ئارام ئالدۇرغان ھەم ئۇنىڭ يارىسىغا دورا سۈرۈپ تاماق ئاپىرىپ بەرگەن، چاي قاينىتىپ يارىسىنى يۇيغان.
لى جىۋېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دادام ئىلگىرى، ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيە ئاممىنىڭ يىپ - يىڭنىسىنىمۇ ئالمايتتى، بەلكى دائىم پۇقرالارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى، بۇ كۆپچىلىكتە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇرغان دېگەنىدى. قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى كەتكەندىن كېيىن، دادام ئۇنى ئىزچىل ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ساق - سالامەت قوشۇنغا قايتىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپتۇ. بۇ قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى كېيىن دۆلەت قۇرۇشقا قاتناشقان جياڭجۈن دۇەن سۇچۈەن ئىكەن، 49 يىلدىن كېيىن ئۇ يىراق يوللارنى بېسىپ شيۇشەن تېغىغا قايتىپ كېلىپ، شەپقەتچىسىنى ئىزدەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھېكايە شۇ جاينىڭ پارتىيە تارىخىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ.
ئۇزۇن سەپەر خىتابنامە، ئۇزۇن سەپەر تەشۋىقات ئەترىتى، ئۇزۇن سەپەر ئۇرۇق چېچىش ماشىنىسى. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، قىزىل ئارمىيە بارغانلا يېرىدە تىرىشىپ پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئىنقىلاب چوغىنى چاچتى. ئاشۇ قىزىل ئەسلىمىلەر، ئاشۇ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۆزئارا يۆلەك بولىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتى تارىخنىڭ يىل ھالقىلىرىغا ئويۇلۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.
قىزىل ئارمىيەنىڭ شىخاۋغا بېرىش ھېكايىسىنى 57 ياشلىق چېن ۋېنچۈەن بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى قىزىل ئارمىيەنى كۆرگەن بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. 17 يېشىدىن باشلاپ، چېن ۋېنچۈەن شۇ جايدىكى قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكىنى خالىس قوغدىدى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئۇ يەنە مەبلەغ چىقىرىپ 3000دىن ئارتۇق خىش كاھىش سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكىنى يېڭىلىدى. «ئاتا - بوۋىلىرىمىز قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكىگە مېھرى بارلىقىنى، بۇ يەردە تۇرغان ئىكەن، ئۇنى سۆيۈشى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان» دېدى چېن ۋېنچۈەن.
چۇڭچىڭنىڭ يوۋياڭ ناھىيەسى نەنياۋجيې بازىرى چۇڭچىڭ تەۋەسىدىكى بىردىنبىر ئۆلكە دەرىجىلىك سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان جاي. بۈگۈنكى نەنياۋجيېنى ئايلانغاندا، «قىزىل ئارمىيە» شەكسىز ئەڭ روشەن ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىكى يوللار «قىزىل ئارمىيە ئوتتۇرا كوچىسى» «قىزىل ئارمىيە يېڭى كوچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردىكى دوختۇرخانا «قىزىل ئارمىيە دوختۇرخانىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھويلا تېمىغا بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز نەقىش قىلىپ ئويۇلغان. بۇ يەردىكى نۇرغۇن پۇقرا چوڭلار ئېيتىپ بەرگەن قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىلىرىنى ھېلىمۇ ئەسلىيەلەيدۇ.
ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغاچقا، ئاممىغا تايانغاچقا، پارتىيە بىلەن قىزىل ئارمىيە خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. خەلق ئاممىسى ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسى.
■ ئۇزۇن سەپەر روھى مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ
ياپيېشىل تاغلار ئارىسىدا، چۇڭچىڭدىكى تومۇزدىمۇ كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ كېلىدىغان خۇڭيەن كەنتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە يىغىلىپ، خۇڭيەن روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئالىدۇ.
خۇڭيەن كەنتى ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايوندىكى قوماندانلىق مەركىزى ئىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، جوۋ ئېنلەي، دۇڭ بىۋۇ، يې جيەنيىڭ، دېڭ يىڭچاۋ قاتارلىق 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، شۇنداقلا ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى تاغلىق شەھەردىكى خەلقنىڭ قەلبىگە چاچقان.
«بىز بوران - چاپقۇنلۇق كۈرەش يىللىرىدىن ئېتىقادنىڭ كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چۈشەندۇق.» خۇڭيەن كەنتىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان بىر ساياھەتچى سۆز قالدۇرۇش خاتىرىسىگە شۇنداق دەپ تەسىرات يازدى.
ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىن ئۈزلۈكسىز ئاتلىنىپ، بىر غەلىبىدىن يەنە بىر غەلىبىگە قاراپ مېڭىشتا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ يول بويى ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىمۇ يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە بېيىدى.
بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس باش تېمىسى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ. يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ھەممىسى باش پېرسوناژ، ھەممىسىنىڭ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيىتى بار. كەلگۈسىدە يەنە نۇرغۇنلىغان «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»لاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لارنى بويسۇندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مەيلى ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسۇن، مەيلى قانچىلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. (مۇخبىرلار دىڭ مېي، خۇ لۇ، جوۋ ۋېنتاۋ، ۋۇ كۇنپېڭ، گۇەن كەيلياڭ، شۆ بىلى، لى يەن، ياڭ جيەننەن)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)