تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

20 يىل بىر تال ياخشى ئۇرۇقلۇق تاللاپ يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش

− شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلانغانلىقىنىڭ ئارقىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يېقىندا، شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى. 731.3 كىلوگىراملىق دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ قېتىمقى «باش پېرسوناژ» بولغان شىندۇڭ 60 - نومۇر ۋە ئۇنى تاللاپ يېتىشتۈرگەن كوللېكتىپ بىرلىكتە توپتوغرا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىر شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقتى.

شىندۇڭ 60- نومۇر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1999- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي تاللاپ يېتىشتۈرگەن كۈزگى بۇغداي يېڭى سورتى بولۇپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇش، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، يېتىپ قېلىشقا قارشى تۇرالايدىغان بولۇش، كەڭ ماسلىشىشچان بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ كىلىماتى، مۇھىتى، شارائىتىغا ناھايىتى باب كېلىدۇ. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئاساسلىق تېرىلىۋاتقان سورت شىندۇڭ 20- نومۇرغا سېلىشتۇرغاندا، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ يېتىشتۈرۈلۈشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلانغانلىقىنىڭ ئارقىسىدا، شىندۇڭ 60- نومۇر كىشىلەرگە قالدۇرغان يەنە كىشىلەر بىلمەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ھېكايە بار.

بىر سورت نۇرغۇن تۈردىكى رېكورتنى يېڭىلىدى

731.3 كىلوگىراملىق دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىدىن باشقا، شىندۇڭ 60- نومۇر يەنە نۇرغۇن يېڭى رېكورت ياراتتى.

«بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى ياراتقان كۈزگى بۇغداي سورتى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى كۈزگى بۇغداي تاللاپ يېتىشتۈرۈش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ تيەنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلايدىغان بۇغداي سورتى كۆپىنچە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئۆسۈشكە باب كېلەتتى. شىندۇڭ 60- نومۇر تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپلا، نىشان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كىلىماتى، مۇھىتى، شارائىتىغا توغرىلاندى، بۇ مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئۈچۈنلا تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي سورتى بولۇپ، بۇ ھەم نېمە ئۈچۈن بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىدە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

«ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى ياراتقان بالدۇر پىشىدىغان بۇغداي سورتى.» خۇاڭ تيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: تاللاپ يېتىشتۈرۈش كوللېكتىپى ئۇزاق مەزگىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بالدۇر پىشىش ۋە يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى مەنپىي مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكنى بىرلا ۋاقىتتا شىندۇڭ 60- نومۇردا گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ سورتنى بىر يىلدا ئىككى قېتىم تېرىش ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تەكرار تېرىلىدىغان زىرائەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭدەك دېھقانلارنى تەكرار تېرىلىدىغان زىرائەتنى تاللاشتا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى.

«ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداي كونا سورتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.» خۇاڭ تيەنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇغداينىڭ ئاساسلىق تېرىلىدىغان ئىككى ئەلا سۈپەتلىك سورتى شىندۇڭ 20- نومۇر بىلەن شىندۇڭ 22- نومۇرنىڭ ھەممىسى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ يېتىشتۈرۈلۈشى ۋە كېڭەيتىپ ئىشلىتىلىشى ھازىرقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سورتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، بۇغداينىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىندۇڭ 60- نومۇر ئەلا سۈپەتلىك ئارا تالالىق بۇغداي سورتىغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ كېڭەيتىلىشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بۇنداق سۈپەت، تۈردىكى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئۇن پىششىقلاش كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مۇكەممەل شىنجاڭ «نوپۇس»ىغا ئىگە بولدى

شىندۇڭ يۈرۈشلۈك سورتلۇق بۇغدايلىرى بىر چوڭ ئائىلە. ئادەتتە كۈزگى بۇغداي سورتلىرى شىنجاڭدا تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىنلا «شىندۇڭ» بىلەن ئاتالسا بولىدۇ، شىندۇڭ 60- نومۇر شىنجاڭدا تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلىپلا قالماي يەنە، شىنجاڭدا تۇغۇلدى، مۇكەممەل شىنجاڭ «نوپۇس»ىغا ئىگە بولدى.

شىندۇڭ 60- نومۇر بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش كېرەك. 1999- يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى شىندۇڭ 60- نومۇرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان بۇغداي سورتى بۈگۈنگىچە تېرىلىپ كېلىنىۋاتقان شىندۇڭ 20- نومۇر ئىدى. بۇ سورت 1991- يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى خېبېي ئۆلكىسىدىن كىرگۈزگەن بالدۇر پىشىدىغان بۇغداي سورتى بولۇپ، بۇ سورت جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇھىتىغا باب كېلىپ، شىنجاڭدا تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، شىندۇڭ 20- نومۇر دەپ ئاتالدى.

«ئەينى يىلى سورت يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالى كەمچىل بولۇپ، يېتىلگەن سورتنى كىرگۈزۈش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بۇغداي سورتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىدى.» خۇاڭ تيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: ئەلالىرىنىڭ ئىچىدىن ئەلاسىنى تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇغداينىڭ مۇھىتقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى قاتتىق بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئەڭ ئاخىرىدا يەرلىكتە تاللاپ يېتىشتۈرۈلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتىغا ئېھتىياجلىق بولدى.

ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئالدى بىلەن ئاتىلىق ۋە ئانىلىق سەپلەنگەن گۇرۇپپىنى بېكىتىش كېرەك. تاللاپ يېتىشتۈرۈش كوللېكتىپى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە باب كېلىدىغان بۇغداي سورتى (سىستېما)نى تاللاپ، بۇ سورت (سىستېما)لارنىڭ ئېتىزدىكى زىرائەت ئىقتىسادىي ئالامەتلىرىنى كۆزەتتى ھەم تەجرىبىخانىدا ئانىلىق ۋە ئاتىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئىرسىيەت گېنىنى ئانالىز قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خېبېي ۋە تيەنجىندىن ئىككى سورت (سىستېما)نى كىرگۈزۈپ، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ ئانىلىق تۈپى ۋە ئاتىلىق تۈپى قىلىپ بېكىتتى، بۇ قەدەمنى بېسىش ئۈچۈن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.

«بۇ بىر ئۇزاق، جاپالىق جەريان.» خۇاڭ تيەنرۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى يىللاردا پەن تەتقىقات تېخنىكىسى بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلمىغان، يېتىشتۈرۈش خادىملىرى ھەر يىلى كۆپىنچە ۋاقتىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئۆتكۈزەتتى، پەن تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىنتايىن ئاستا ئىدى.

«سورتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى.» خۇاڭ تيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇزاق ئون يىلدا پەقەت يېتىشتۈرۈش خادىملىرى تىرىشىپلا قالماي، پوسكام ناھىيەسىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىنى تەجرىبە بازىسى قاتارلىق زۆرۈر قوللاش بىلەن ئىزچىل تەمىنلەپ، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

2009- يىلى، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ تۈرلۈك ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىپ، تەجرىبە قىلىپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىرىشكە باشلىدى. رايون تەجرىبىسى، ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى، سورت تەكشۈرۈپ بېكىتىش، 2016- يىلى، شىندۇڭ 60- نومۇر يېڭى سورت سۈپىتىدە ئاخىر ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش باسقۇچىغا كىردى.

بۇ نەچچە يىلدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئىزچىل شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ «يۇرتى» پوسكام ناھىيەسىدە ئۇنىڭ سورتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاپ، ئۇنى كېڭەيتىش جەريانىدا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سۈپەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدۇردى. شىندۇڭ 20- نومۇر جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دېھقانلار ئاللىبۇرۇن ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بۇغداي سورتىغا ئايلانغانلىقتىن، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ كېڭەيتىلىش سۈرئىتى ئانچە تېز بولمىدى، لېكىن تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچىلار باشتىن - ئاخىر تىرىشىشتىن ۋاز كەچمىدى.

بۇ يىلغا كەلگەندە، شىندۇڭ 60- نومۇرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرى باشلىنىپ 20 يىلدىن كېيىن، چىڭ تۇرۇش ۋە تىرىشىش ئاخىر جاۋابقا ئېرىشتى. ئۇ ياراتقان رېكورتلار دەل تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىنىڭ 20 يىللىق بوشاشماي تىرىشقانلىقىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپات بولدى.

پەن - تېخنىكا - كارخانا ھەمكارلىقى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۈلگىسى

شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشى تاللاپ يېتىشتۈرۈش كوللېكتىپىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇرۇقچىلىق شىركىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش تۈرىگە مەبلەغ مەدىتى بېرىپلا قالماي، يەنە تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بازارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سورتقا بولغان تەلىپىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىغا ئىنكاس قىلىپ، ئۇرۇقلۇقنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنىڭ باغلىنىشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

«جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىقىنىڭ شىندۇڭ 60 - نومۇرنىڭ ئۆز ئالدىغا سورت تىجارەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇقلۇقنى كېڭەيتىش، يېتىشتۈرۈش باسقۇچىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.» خۇاڭ تيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانا ئۇرۇقلۇقنى كېڭەيتىش، يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ بايلىق مەنبەسى ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى چېن شياڭلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ كېڭەيتىلىپ ئىشلىتىلىشىدە سۈپەت ئاچقۇچ ئىكەن. كارخانا قاتتىق بولغان سۈپەتسىزلىرىنى چىقىرىۋېتىش، ناچارلىرىنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتى ئارقىلىق ئۇرۇقلۇقنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئەلا سۈپەتلىك ياخشى ئۇرۇقلۇقنىڭ سۈپەت ئالاھىدىلىكىنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا ھەقىقىي نامايان قىلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

«بىز يەنە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىندۇڭ 60- نومۇرنى ئىلمىي تېرىش ئەندىزىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن ياخشى ئۇسۇلنى ئۆزئارا يانداشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىندۇڭ 60- نومۇرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قازىمىز.» چېن شياڭلۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت داۋاملىق تۈردە پەن - تېخنىكا − كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇغداي يېڭى سورتىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن يادرولۇق سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق يېىتشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، يەرنى ئوبوروت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

«پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇرۇقچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق شىندۇڭ 60- نومۇرنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بۇغداي كەسپىدىكى چولپان سورت قىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش جەھەتلەردىكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار» دېدى خۇاڭ تيەنرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى