تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكى «ۋەتەننىڭ قوينىدا» قالتىس ئورۇنلاندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش
سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكى «ۋەتەننىڭ قوينىدا» قالتىس ئورۇنلاندى

6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئويۇن كۆرسەتكۈچىلەر مۇزىكا تەڭكەش قىلىنغان شېئىر دېكلاماتسىيەسى «ۋەتەننىڭ قوينىدا»نى ئورۇنلىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن 6- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكى «ۋەتەننىڭ قوينىدا» شىنجاڭ خەلق سارىيىدا قالتىس ئورۇنلاندى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە تاماشىبىنلىرىدىن بولۇپ 8400دىن ئارتۇق كىشى ئويۇننى كۆردى.

مۇزىكا كېچىلىكى «مېنىڭ ۋەتىنىم» «بارلىقىمىزنى پارتىيەگە بېغىشلايمىز» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايلى»دىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنگەن، ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى يېقىملىق ناخشىسى، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىدۇق، 98 باھار، ياز، كۈز، قىشنى باشتىن كەچۈردۇق؛ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىدۇق، 98 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق. «مانا بۇ قۇدرەتلىك ۋەتىنىم، مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان جاي...» ھەيۋەتلىك سىمفونىيەلىك خور «مېنىڭ ۋەتىنىم» مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. «ئۇلۇغ بېيجىڭ» «يايلاقتا تۇرۇپ بېيجىڭغا تەلپۈنۈش» «يايلاقتىكى ئالتۇن قۇياش» «ماۋ جۇشىنىڭ شەپقىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەستە چىڭ ساقلايمىز» «پارتىيەم، سۆيۈملۈك ئانام» بىر گۇرۇپپا چاتما ناخشا - مۇزىكىلاردا گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى، چىڭ تۇتاشقانلىقى ئىپادىلەندى؛ سىمفونىيەلىك خور «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»، ئاياللار يالغۇز كىشىلىك ناخشىسى «پامىر، مېنىڭ يۇرتۇم نەقەدەر گۈزەل» «مەن سېنى سۆيىمەن، جۇڭگو»، ئەرلەر يالغۇز كىشىلىك ناخشىسى «بارلىقىمىزنى پارتىيەگە بېغىشلايمىز» «ۋەتىنىم، مېھرىبان ئانام» قاتارلىقلارنىڭ مېلودىيەسى گۈزەل، كىشىنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدىغان بولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيەگە، باي - باياشات ۋەتەنگە، گۈزەل شىنجاڭغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ ئېرخۇ تەڭكەش قىلىنغان ناخشا «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي» «خۇڭمېي خىيالىي كۈيى»، پىيانىنو تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا «خۇاڭخې»، خور «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايلى» «ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى قول تۇتۇشايلى» «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، مۇزىكا تەڭكەش قىلىنغان شېئىر دېكلاماتسىيەسى «ۋەتەننىڭ قوينىدا» قاتارلىق نومۇرلاردا دەۋر ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتەك ياخشى روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى. مۇزىكا كېچىلىكى قالتىس، نادىر بولدى، ھەر مىللەت تاماشىبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

«ۋەتەننى كۈيلەيمەن» مۇزىكا كېچىلىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ناخشا بولۇپ، ھەر قېتىم مۇشۇ چاغدا پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورنىدىن تۇرۇپ، بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىپ، ناخشا ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئويۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، كىشىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن روھلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىدىن ئىپتىخارلاندى.

«جان - دىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش پارتىيەنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە قايتۇرۇلغان ئەڭ ياخشى جاۋاب.» 6- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى فېڭ مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بايىلا ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتۇق، چوقۇم داۋاملىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى