تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈنەس ناھىيەسى: «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش كۇەيشەن پائالىيىتىدە 10 مىڭ كىشى بىرلىكتە «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى


    تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جىنۋېي، ياڭ شاۋچەن، جاڭ ۋېنتىڭ خەۋىرى، فوتوسى) 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ خەلق مەيدانىدا لەرزان ناخشا-مۇزىكا ياڭرىماقتا ئىدى.شۇ كۈنى 10 مىڭغا يېقىن كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلەش ۋە «پارتىيە قەلبىمدە» كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى بىللە ئېيتتى.

    ئىگىلىنىشچە، بۇ كۈنەس ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم 10 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى بىللە ئېيتىشى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئامما ناخشىسى ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈشتەك قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى ۋەتەنگە تەقدىم قىلدى. پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، كۈنەس ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى «باھارنىڭ يېتىپ كېلىشى» ناملىق ئۇسسۇل، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «قىزىل» قاتارلىق نادىر نومۇرلارنى ئورۇنداپ، كۇەيشەن پائالىيىتىگە تېخىمۇ رەڭ قوشتى.

    ئارقىدىن، پائالىيەت بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىشى بىلەن باشلاندى.

    «شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيەنىڭ پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن . . .» ھەر بىر ئېغىز پارتىيەگە كىرىش قەسىمى يەنە بىر قېتىم پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئىلغارلاردىن بولۇشقا، ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى 11 يېزا - بازاردىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارمۇ بىرلا ۋاقىتتا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

    ئارقىدىن، «پارتىيە قەلبىمدە» باش تېما قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيەسى ئورۇندالدى، بۇمۇ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر خىل چالغۇلارنى بىرىكتۈرۈپ مۇزىكا ئورۇندىشى بولۇپ، دومبۇرا، ئېرخۇ، كوتو، نەي، باس ئىسكىرىپكا، ساكس قاتارلىق چالغۇلار بىر يەرگە «جەم» بولۇپ، يېقىملىق مىلودىيە، لەرزان كۈي كۆككە ياڭرىدى، نەق مەيداندا، پېنسىيىگە چىققان 100 نەپەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىر مۇزىكىغا ئەگىشىپ «پارتىيەگە مەدھىيە» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

    خەلق مەيدانىدا، 230 ئادەم «70» شەكلىنى چىقارغان، «70» شەكىلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى 17 مېتىر، كەڭلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان دۆلەت بايرىقى ۋە پارتىيە بايرىقى جەۋلان قىلغان، ئون مىڭغا يېقىن كىشى قىزغىن تەنتەنە بىلەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى