ــــ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9- شى 161- تۇەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى، چېگرا قوغدىغۇچى ۋېي دېيوۋ توغرىسىدا
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن
6- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ساربۇلاق يايلىقىنىڭ ئىچكىرىسىگە كەلدى. چىغىر يولنىڭ ئاخىرىسىدا، بىر ئېغىز كېسەك ئۆي كۆرۈندى، بۇ دەل «چېگرا ساقلىغۇچى بوۋاي» ۋېي دېيوۋنىڭ ئۆيى ئىدى.
بىر رادىيو، بىر دۇربۇن، بىر قامچا، بىر چەينەك، بۇلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9- شى 161- تۇەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى، چېگرا قوغدىغۇچى ۋېي دېيوۋنىڭ ھەر كۈنى پادا باققاچ چېگرا چارلايدىغان «جابدۇقلىرى» ئىدى. 55 يىلدىن بۇيان، ۋېي دېيوۋ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى ساقلايمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
■ بىر ئىزناك پارتىيەگە بەرگەن ۋەدىنىڭ گۇۋاھچىسى
79 ياشلىق ۋېي دېيوۋ بوۋاينىڭ چىرايىغا يىللار ئىزناسى سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچىسىدىكى مىسەيفۇ ئۇنى روھلۇق كۆرسىتەتتى. مەيدىسىدىكى «چېگرا قوغدىغۇچى» دېگەن ئىزناك قۇياش نۇرىنىڭ چاقنىتىشىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى.
«مېنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغىنى شۇكى، مەن ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى ساقلاۋاتقان بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھېچقانداق ئىش چىقمىدى.» ۋېي دېيوۋ بۇ گەپلەرنى قىلغاندا چېھرىدە ئىپتىخارلىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.
1964- يىلى، ۋېي دېيوۋ بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سەپداشلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9- شى 161- تۇەن ئەسكەرلەر 2- ليەنىگە كېلىپ، ساربۇلاق يايلىقىنى ساقلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ۋېي دېيوۋ بىر قولىغا ئورغاق ئېلىپ، بىر قولىغا جوتۇ ئېلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تۇرمۇشىنى باشلاپ، بۇ يەردىن ئىككىنچى ئايرىلىپ باقمىدى.
ھەر كۈنى سەھەردە ۋېي دېيوۋ سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان پادا يولىدا مېڭىپ، چېگرا لىنىيەسىگە بېرىپ چېگرا چارلىدى. ساربۇلاق يايلىقىنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان چېگراسىدا، ۋېي دېيوۋ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تەرىپىدىن «كۆچمە قاراۋۇل» دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ «ئالماشماس چېگرا قاراۋۇلخانىسى» دەپ ئاتالدى.
«بۇ ئىزناك مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، مەن چېگرانى مىدىرلىيالماس بولۇپ قالغان كۈنگىچە ساقلايمەن، دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاش مېنىڭ پارتىيە تەشكىلىگە بەرگەن ۋەدەم» دېدى ۋېي دېيوۋ مۇخبىرغا.
■ رادىيودىن پارتىيەنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش
ۋېي دېيوۋنىڭ ئۆيىدىكى ئۈستەلگە بىر قارا رەڭلىك رادىيو قويۇلغان بولۇپ، سىرلىرى خېلىلا چۈشۈپ كەتكەنىدى، ھەر قېتىم قوي باققاچ چېگرانى چارلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋېي دېيوۋ بۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرتۈپ قوياتتى.
ئۇنىڭ ئىككىنچى قىزى ۋېي پىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ رادىيونىڭ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەنلىكىگە قارىماڭ، ئۇ دېگەن دادامنىڭ گۆھىرى، ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى ئاڭلايدۇ، نەگە بارسا شۇ يەرگە ئېلىپ بارىدۇ».
رادىيونى ۋېي دېيوۋ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى سېتىۋالغان بولۇپ، مەيلى پادا باققاچ چېگرا چارلىغاندا بولسۇن ياكى كۆكتات تېرىپ، يەر سۇغارغاندا بولسۇن يېنىدىن ئايرىمىدى، تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان بۇ بوۋاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، رادىيودىن خەۋەر ئاڭلاش ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەۋىسى ئىدى.
55 يىلدىن بۇيان، ۋېي دېيوۋ ۋە خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ ئىككىيلەن دۇنيادىن ئايرىلىپ دېگۈدەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى، ئۇلار شەھەرگە ناھايىتى ئاز كىرەتتى، يەيدىغىنى كىچىك قىزى نەچچە ئون كىلومېتىر پادا يولىنى بېسىپ ئەكىلىپ بەرگەن گۈرۈچ، ئۇن، ئىچىدىغىنى ئىشىك ئالدىدىكى قۇدۇقتىن تارتقان ھەم تۇزلۇق، ھەم قىرتاق شورلۇق سۇ ئىدى، قىشتا قار يېغىپ يوللار توسۇلۇپ قالغاندا، ئالتە - يەتتە ئايغىچە ئۆيدىن چىقالمايتتى. نەۋرىلىرىنى سېغىنىپ كەتسە ئۇلارنى ئەكەلدۈرۈپ بىرنەچچە كۈن تۇرغۇزاتتى. ئاغرىپ قېلىپ، كېسەلخانىدا يېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ۋېي دېيوۋ كۆڭلىدە ئىزچىل چېگرانى ئويلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىدا سەل ياخشىلىنىش بولسىلا دوختۇرخانىدىن چىقىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. «مۇشۇ يەرنى ساقلىساملا كۆڭلۈم ئارام تاپىدۇ» دېدى ۋېي دېيوۋ.
55 يىلدىن بۇيان، ۋېي دېيوۋ يايلاقتىن ناھايىتى ئاز ئايرىلدى، ئەمما 35 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بۇ بوۋاي پارتىيە بەدەل پۇلىدىن بىر پۇڭنىمۇ كەم قويماي تولۇق تاپشۇردى، دائىم نەچچە ئون كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ، 161- تۇەننىڭ تەشكىلات بۆلۈمىگە بېرىپ پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇردى، چېگرا مۇداپىئە پونكىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆگەندى، رادىيودىن پارتىيەنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى ھەربىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيلى قايسى ۋاقىت، قايسى جايدا بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىمەن» دېدى ۋېي دېيوۋ.
ساربۇلاق يايلىقىدا دائىم بوران چىقىپ قۇم - توپىنى ئۇچۇرتۇپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم يامغۇر سۈيى يەرلەرنى يالاپ كېتىدۇ، رادىيومۇ ناھايىتى ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى ساقلىغاندىن بۇيان، ۋېي دېيوۋ 50تىن ئارتۇق رادىيونى كاردىن چىقاردى.
بۇ 50تىن ئارتۇق رادىيو ۋېي دېيوۋنىڭ 55 يىل چېگرانى ساقلىغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى.
■ بىر قامچا بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسەتكە ۋارىسلىق قىلىش
6- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 6:00دە، ۋېي دېيوۋ «جابدۇقلىرى»نى رەتلەپ، قامچىسىنى ئوينىتىپ، 200 نەچچە قوينى ھەيدەپ، يايلاقتا كېتىۋاتاتتى، تۇرۇپ - تۇرۇپ دۇربۇندا يىراقلارنى كۆزىتەتتى. «پادا بېقىشنىڭ ئۆزى چارلاش»، بۇ جۈملە سۆز دەل ۋېي دېيوۋنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى ئىدى.
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىلگىرىكى سەپداشلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۇرتىغا قايتتى، يايلاقتىكى چارۋىچىلارمۇ تەدرىجىي شارائىتى تېخىمۇ ياخشى مۇقىم ئولتۇراق نۇقتىلىرىغا كۆچۈپ كەتتى، ئەمما ۋېي دېيوۋ بۇ يەردە قېلىشنى تاللىدى.
پەرزەنتلىرىنىڭ نەزەرىدە ۋېي دېيوۋ «جاھىل» بوۋاي ئىدى، ئۆزى توغرا تاپقان ئىشلا بولىدىكەن، ئۇنى ھېچكىم گەپكە كىرگۈزەلمەيتتى.
بىڭتۇەندىن پېنسىيەگە چىققاندا، ۋېي دېيوۋ ۋە خوتۇنى ھەر ئايدا 5000 يۈەنگە يېقىن پېنسىيە مائاشى ئالىدىغان بولۇپ، بۇ پۇل ياشانغان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە يېتەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى شەندۇڭغا قايتىپ كۈتۈنۈشكە نەسىھەت قىلدى، ئەمما ۋېي دېيوۋ قوشۇلمىدى، «ئەينى ۋاقىتتا مەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى تاللىغانكەنمەن، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك، كەتسەم بولمايدۇ» دېدى ۋېي دېيوۋ.
ياشانغان بوۋاي - موماينىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، بېزەپ بولغاندىن كېيىن بوۋاي - موماينى تۇرۇشقا دەۋەت قىلغاندا، يەنە بىر قېتىم ۋېي دېيوۋنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، ھازىرغا قەدەر ئۇلار بۇ ئۆيدە بىر كۈنمۇ تۇرۇپ باقمىدى.
«بۇ مەن ۋە سەپداشلىرىم ئىلگىرى جەڭ قىلغان جاي، مەن ئىزچىل ساقلىشىم كېرەك» دېدى ۋېي دېيوۋ. ۋېي دېيوۋنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان خوتۇنى پەقەت باش لىڭشىتىپ قوشۇلدى.
ياش يىگىتتىن قېرىپ بوۋاي بولغۇچە، ۋېي دېيوۋ يەنىلا قولىغا قامچا ئېلىپ، قوي پادىسىغا توۋلاپ يۈرۈپ چېگرانى ساقلىدى. يېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سالامەتلىكىمۇ بارغانسېرى ناچارلاپ كەتتى، پەرزەنتلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. 2017- يىلى، ئىككىنچى قىزى ۋېي پىڭ ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، شەندۇڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يايلاققا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئاتا - ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىللە، دادىسىنىڭ قامچىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، دادىسى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق پادا باققاچ، چېگرانى چارلاشنى قارار قىلدى.
«دادام بۇ ئۆمرىدە بىرلا ئىشنى قىلغان، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، مەن دادامنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ داۋاملىق ماڭىمەن.» پادا قامچىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى روھقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىككى يىلدىن ئارتۇق چېگرانى قوغداش تۇرمۇشى داۋامىدا ۋېي پىڭ گەرچە نۇرغۇن ئېغىر قىيىنچىلىق، خەتەرلىك ئەھۋاللارغا يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن چېكىنىش ۋە ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ۋېي پىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئىلگىرىلىمەكتە، «دادامنىڭ پادا قامچىسىنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن دادامنىڭ جاپاسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، چېگرا قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم، دادام بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى چىڭ ساقلىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، دادام ماڭغان ھەربىر يولدا مېڭىپ باقتىم، شۇنداقلا بۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن» دېدى ۋېي پىڭ قەتئىيلىك بىلەن.
ۋېي دېيوۋ دەرەخنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دەرەخ بۇ يەردىكى ئۈمىد، مەن خۇددى يوغان دەرەخكە ئوخشاش ساربۇلاق يايلىقىدا يىلتىز تارتىمەن.