جاڭ جىلى
ھەم شەھەر - بازار ئەتراپىدا ئەمەس، ھەم ئاھالىسى كۆپ چوڭ كەنت ئەمەس؛ ھەم كارخانىلار كەمچىل، ھەم ئېسىل ماركا كەمچىل. كەنت ئەھۋالىغا ئائىت ماتېرىيال ئارقىلىق، ئىلگىرىكى مۇخبىرلىق تەجرىبىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىگە ئەمدىلا يېتىپ بارغىنىمىزدا، نۇرغۇن ياش ناھىيە بازىرىغا ئىشلەشكە ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆچۈپ كەتكەن بۇ كىچىك كەنتنىڭ كېچىسى چوقۇم ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغانىدۇق.
ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، بىز كەنتنى بىر ئايلىنىپ، شۇ كۈنلۈك ھاسىلاتىمىز ھەققىدە سۆزلىشىپ، ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇخبىرلىق پىلانىمىز ھەققىدە كېڭەشتۇق. بىز بۇ كەنتتە ئەمەلىيەتتە غايەت زور بىر كۈچنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى بىلىپ - بىلمەي بايقىدۇق، بۇ خىل كۈچ ۋاقىت بىلەن بەسلەشمەكتە، قوشنا كەنت بىلەن بەسلەشمەكتە ئىدى. بىزنىڭ ئەسلىدىكى دىققەت قىلىدىغان مەركىزىي نۇقتىمىز بازار كۈنى، قوش دەم ئېلىش كۈنى، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش قاتارلىق ۋاقىت بۆلەكلىرى ئىدى. كېيىن بىز كېچىنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم كۆزىتىش كۆزنىكى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.
كەچكى قۇياشنىڭ پېتىشى بىلەن، كەنتتىن چىقىپ كەڭ دالىدا يەنىلا تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى كۆردۇق. گۇگۇمدا كەنتكە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، بازاردىكى، مەيداندىكى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىدىكى شاد - خۇرام كەيپىياتنى ھېس قىلدۇق. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەچلىك تۇرمۇشى تارىتىۋاتقىنى يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى، نامايان قىلىۋاتقىنى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۇلۇغ دەۋر.
«ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىشتە، ئەمەلىيەت ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا، خەلق ئاممىسىنى ئەڭ ياخشى ئۇستاز قىلىش كېرەك. بىز قېتىرقىنىپ ھېس قىلدۇق، ئىنچىكە تەسىرات ئالدۇق، ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلدۇق. سەپەرگە چىققاندىلا قەلبىمىزدە دەۋر بولىدۇ، ئاساسىي قاتلامغا چۆككەندىلا قەلبىمىزدە ئامما بولىدۇ، نەق مەيدانغا بارغاندىلا قەلبىمىزدە ھاياجانلىنىش بولىدۇ، بۇ بىزنى يەرلىك پۇراققا ئىگە، مەزمۇنلۇق، ھارارەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.