تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېزا - كەنتلەردىكى يېڭىچە روھىي قىياپەت

ليۇ شياڭ

  نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئاقساقمارال يېزىسى چېن لاۋچى كەنتىنىڭ ياخشى كەنت قىياپىتى بىزدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق، بىز بۇ خىل بىۋاسىتە كۆزىتىش تەسىراتىنىڭ ھەربىر كىشىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ئەينەن ئەكس ئەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.

  كەنت قىياپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا «مەۋجۇداتلارنى ئۈن - تىنسىز ياشارتىش»تەك «سېھرىي كۈچ» بار. كەنت ئاھالىلىرى يۇرتىنىڭ ھەر جەھەتتىن گۈزەللىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، روھىي قىياپىتىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ.

  ياخشى كەنت قىياپىتى بىر كەنت ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، ئۇ شەھەر، يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنىڭ كونكرېت نامايەندىسى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى كەينى - كەينىدىن ۋۇجۇدقا چىققان ئىشلاردىن كەلگەن. بىر يېڭى ياسالغان تاشيول، بىر يېڭى چېپىلغان ئۆستەڭ، بىر پارچە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئورماننىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يېتەرلىك ھاياجان ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئادەم نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ، مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشى روھىي قىياپەتكە باغلىق. بەختكە تولغان بىر قەلب كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ بەختكە تولغان نۇرغۇن قەلبلەرگە پۈتكۈل كەنتنىڭ پارلاق كەلگۈسى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى