تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

كۈرەش ئىزلىرى

ــــ شىبەيپودىن كەلگەن نۇقتىدا تۇرۇش دوكلاتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

      تەھرىر ئىلاۋىسى

  70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىبەيپودىن «بېيجىڭغا كىرىپ ئىمتىھان بېرىش» قەدىمىنى باستى. بىر يېپيېڭى جۇڭگو دۇنياغا يۈزلىنىپ مەردانە ئىلگىرىلىدى!

  70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، جۇڭگو زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاۋاب قەغىزى 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىندا كەڭ يېيىلدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، كۈرەش قىلىش ئەسلىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇمايلى. «سەلتەنەتلىك 70 يىل. كۈرەشچان يېڭى دەۋر» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى يېقىندا خېبېينىڭ شىبەيپودا باشلاندى، بۈگۈندىن باشلاپ، 70 يىلدىن بۇيانقى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس كۈرەش روھى نامايان قىلىنغان، ئاددىي كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك چىن ھېسسىياتى ئۇرغۇتۇلغان، يېڭى دەۋردە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەنگەن يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر مەركەزلىك بېرىلىدۇ.

  مەيىن شامال شىبەيپونى يېنىك سىيپاپ ئۆتتى، يەنە بىر باھار يېتىپ كەلدى.

  70 يىل ئىلگىرىكى 3- ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەيخاڭشەن يانباغرىغا جايلاشقان بۇ كىچىك كەنتتىن بېيپىڭغا قاراپ ئاتلاندى. يولداش ماۋ زېدۇڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بېيجىڭغا كىرىپ ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن» «بىز ھەممىمىز ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

  70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «ئىمتىھان بېرىش» قەدىمىنى ئەزەلدىن توختىتىپ باقمىدى. جۇڭگو زېمىنىدا، سەلتەنەتلىك تەرەققىيات كارتىنىلىرى سىزىلماقتا، جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان كۈرەش داستانلىرى پۈتۈلمەكتە.

  كۈرەش قىلىش، بۇرچنى ئادا قىلىش شەرەپلىك

  بىر خۇش خەۋەر كىشىلەرنى شاد - خۇراملىققا چۆمدۈردى: 2018- يىلى 9- ئايدا، شىبەيپو جايلاشقان پىڭشەن ناھىيەسى نامراتلىق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، 32 يىللىق «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى.

  70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شەھەرگە كىرىشنىڭ ئالدىدا، شىبەيپودا 7- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىزىپ چىقتى؛ «ئىككى جەزمەن» چاقىرىقى ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيەلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدىمىزغا قويۇلغان كەسكىن ئىمتىھان سوئالى. بىز قەدىمىمىزنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك» دېدى پىڭشەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۈياڭ.

  2013- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىبەيپوغا كېلىپ، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلەشكەندىكى مەنزىرە لى شۈياڭنىڭ ئېنىق ئېسىدە −

  «باش شۇجى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن، بولۇپمۇ پىڭشەندىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن باشلامچىلىق بىلەن <ئىككى جەزمەن>دە چىڭ تۇرۇپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەش تەلىپىنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى».

  بۇ قىزىل تۇپراقتا «ئىككى جەزمەن»نىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشتىن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇشقىچە، كونا ئازاد رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلار پۇختا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ روھ ئۈچۈن تەسىرلىك، ئوچۇق ۋە جانلىق ئىزاھات يازدى.

  بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن چېن گوپىڭ ئۇزاق مۇددەت شىبەيپو بازىرى لياڭجياگوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىگەن.

  1996- يىلى ۋەزىپە ئۆتىگەندىن باشلاپ، پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى ئالدىدا، چېن گوپىڭ بەنزە ئەزالىرىنى باشلاپ ۋە قاۋۇل ئەمگەك كۈچلىرىدىن «قۇرۇلۇش ئەترىتى» تەشكىللەپ، 100 كۈندىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ، يوللارنى رېمونت قىلىپ، يېڭىدىن 100 مو تېرىلغۇ يەر ئاچتى.

  2009- يىلى، لياڭجياگوۋ كەنتىدە يېڭى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى قۇرۇلۇشى باشلانغاندا، چېن گوپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەڭ ناچار بىر پارچە ئۆيلۈك يەرنى تاللىدى. ساياھەت يولى قۇرۇلۇشى، قىزىل ساياھەت بازىرى بەرپا قىلىشتا چېقىش - كۆچۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، چېن گوپىڭ بىلەن ئۈچ كەنت كادىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنى چاقتى.

  شىبەيپو كەنتىنىڭ 51 يىللىق پارتىيەلىك ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى يەن ۋېنجىن مۇخبىرلارغا «ئىككى جەزمەن»نى ئېنىق، راۋان يادلاپ بەردى. «كومپارتىيە ئەزالىرى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغانلار، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار، <ئىككى جەزمەن>نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىشى كېرەك، شىبەيپولۇقلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك».

  دەۋر كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كۈرەش قىلىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.

  شىبەيپو بازىرىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، يەنە كېلىپ بازار سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بېسىمى ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتىنىڭ بولۇشىدا تايانغىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقىدۇر.

  بۇلتۇر كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىدا، شىبەيپو بازىرىدىكى 16 كەنتنىڭ 11ىدە پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئالمىشىپ، كادىرلار قوشۇنى تېخىمۇ ياشلاشتى.

  «كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى ئىلگىرى ئوتتۇرىچە يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇشتىن ھازىرقى ئوتتۇرىچە يېشى 48 ياش ئەتراپىدا بولۇشقا تۆۋەنلىدى، ئەڭ ياش كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى 1987- يىلى تۇغۇلغان.» شىبەيپو بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن دۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: بىز دادىللىق بىلەن ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش روھىي ھالىتىمىز بىلەن ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەربىر قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز كېرەك.

  كۈرەش قىلىش گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن

  بۇ، پىڭشەن ناھىيەسى شياخۇەي بازىرى نەنۋېندۇ كەنتى: تۈز ۋە تەكشى يول، چىرايلىق مەدەنىيەت مەيدانى، چاسا شەكىللىك تۇتاش كەتكەن بېلىق كۆلچىكى... بىر قانچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەر تېخى ئەخلەت بىلەن قورشالغان كەنت بولۇپ، پاسكىنا سۇلار ئېقىپ تۇراتتى، ھەتتا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسىنىمۇ چوشقا قوتىنى، ھاجەتخانا «توسۇۋالغان» ئىدى.

  ئۆزگىرىش نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن باشلاندى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى جاڭ دۇەنشۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، نەنۋېندۇ كەنتىنىڭ شىبەيپو مەنزىرە رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ تۆت كىلومېتىرغا يەتمەيدىغانلىقىنى، تاغ باغرى ۋە سۇ بويىغا جايلاشقانلىقىنى، تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قېزىشقا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زورلۇقىنى بايقىدى.

  كەنت قىياپىتىنى تۈزەش، دەريا قىنىنى تۈزەش، نېلۇپەر كۆلچىكى ياساش، ئۈزۈم تېلى، گىلاس تىكىش، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە ساياھەت باغچىسى بەرپا قىلىش... نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاغلىق كەنتنى بېزىدى.

  يەرنى ئوبوروت قىلىش، باغچە رايونىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش، «دېھقانلار ئارامگاھى» ئېچىش... كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.

  كەنتتە تۇرۇش ۋاقتى توشقاندا، كەنت ئاھالىلىرى جاڭ دۇەنشۇنى ئېلىپ قالدى. جاڭ دۇەنشۇ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاھالىنىڭ «كومپارتىيە ياخشى» دېگەن ئاشۇ بىر جۈملە سۆزىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن.

  شىبەيپو خاتىرە سارىيىدىكى بىر نەچچە پارچە رەڭسىز سۈرەتكە تارىخ خاتىرىلەنگەن.

  70 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت خىزمەت كومىتېتى شىبەيپودا مەملىكەتلىك يەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگونىڭ يەر قانۇنى پىروگراممىسى»نى ماقۇللىدى. «يەر تېرىغۇچىنىڭ يېرى بولۇش» جۇڭگو خەلقىنىڭ «قەد كۆتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەش» قىزغىن ئارزۇسىنى ئويغاتتى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، گاڭنەن سۇ ئامبىرىنىڭ ياسىلىشى بىلەن شىبەيپولۇقلار شال، بۇغداي ئىككى قېتىم پىشىدىغان «گۈرۈچ، ئاشلىق ماكانى»دىن ئۈنۈمسىز ئېگىز، قۇرغاق تۆپىلىككە كۆچتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئازىيىپ، تۇرمۇش بىر مەھەل قىيىنلىشىپ كەتتى...

  74 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يەن چىڭخەينىڭ جىسمىغا شىبەيپولۇقلارنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش تارىخى مۇجەسسەملەنگەن: ئۇ ياش ۋاقتىدا تىرانسپورت كېمىسى ھەيدىگەن، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان،شىبەيپودىكى تۇنجى «دېھقانلار ئارامگاھى»نى ئېچىپ، كەنتتىكى تۇنجى «10 مىڭ يۈەنلىك ئائىلە»گە ئايلانغان... يەن چىڭخەي ياخشى تۇرمۇشنىڭ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنىپ كەلگەن.

  «ئىلگىرى، پارتىيە كونا ئازاد رايوندىكى خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە يەنە كونا ئازاد رايوندىكى خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى. جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېدى يەن چىڭخەي.

  شىبەيپو كەنتى ساياھەتچىلىكنىڭ ئىستىقبالىنى توغرا كۆرۈپ يەتكەن «80- يىللاردا تۇغۇلغان» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يەن ئېرپېڭ 2005- يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىنىڭ مېھمانخانا تىجارىتىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ساياھەت تور بېكىتى ئېچىپ، ساياھەت يېتەكچىسى، چۈشەندۈرگۈچى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئېچىپ، ھەر يىلى پايدىسىنى 500 - 400 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

  يېڭى بىر ئەۋلاد شىبەيپولۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەن ئېرپېڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قىزىل مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. «شىبەيپوغا ئېكسكۇرسىيەگە، ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، تېخىمۇ قاراتمىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە شىبەيپونىڭ تارىخى ۋە روھىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ».

  كۈرەش قىلىش، تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پىڭشەن ناھىيەسى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، «ناھىيەنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق قۇرۇش، ناھىيەنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

      2018- يىلىغا قەدەر، پىڭشەن ناھىيەسى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىرنى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئوننى بەرپا قىلدى. 2018- يىلى پۈتۈن يىلدا 17 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 12 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشتى.

  «ئاسمان كۆپكۆك، بۇلۇتلار ئاپئاق، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش نېمىدېگەن ياخشى ھە.» «مۇھىت ئاسراش ئاۋانگارتى» فېڭ يەنيەن يېشىل تەرەققىياتقا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

  ئىلگىرى، فېڭ يەنيەن زاۋۇت قۇرۇپ يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق خىش ئىشلەپچىقارغانىدى. «ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە نەچچە توننا كۆمۈر كۆيدۈرۈلگەچكە، قويۇق ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلەتتى. گەرچە پۇل تاپقان بولساقمۇ، لېكىن دائىم ئەرز قىلىناتتۇق.» دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ، فېڭ يەنيەن يەنە بۇنداق قىلىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۆز كارخانىسىنىڭ يۇقىرى ھارارەتلىك خۇمدانىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسىگە تەتبىقلاشتىن تېپىپ چىققان تېخنىكىغا تايىنىپ دۆلەت كەشپىيات پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ مۇھىت ئاسراش شىركىتى قۇرۇشقىچە، يەنە خۇمداننى تاقاش، مۇھىت ئاسراش شىركىتىنى تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىرگۈزۈشكىچە، فېڭ يەنيەن تىپنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش جەريانىدا كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. «ئىلگىرى ئوتقا چىداملىق خىش ئىشلەپچىقارغاندا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 10 مىليون يۈەن بىلەن ھېسابلايتتۇق، ھازىر مۇھىت ئاسراش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 100 مىليون يۈەن بىلەن ھېسابلاۋاتىمىز، بۇنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ».

  تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

  2015- يىلى 9- ئايدا، پىڭشەن ناھىيەسىگە جايلاشقان خېبېي جىڭيې گۇرۇھى جىڭيې جۇغلانما ماتېرىيال ياساش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ، 3Dلىق بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى پولات - تۆمۈر كارخانىسى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر قەدىمىنى باستى.

  ئۇلار ماشىنىسازلىق پەن تەتقىقات باش يۇرتىنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە مىكرو مېتال پاراشوكىنى يۈرۈشلۈك تەييارلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئەڭ ئاۋۋال دۆلەت ئىچىدە مىكرو مېتال پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى.

  «ئىككى كىلوگىرام مېتال پاراشوكىنى بىر توننا پولاتنىڭ باھاسىدا ساتقىلى بولىدۇ.3Dلىق بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق مېتال پاراشوكىدىن ھەر خىل نەپىس زاپچاسلار، زاكازلىق مەھسۇلاتلارنى ياساش ئېنېرگىيە ۋە خام ماتېرىيال سەرپىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى» دېدى جىڭيې گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جۆلىڭ تونۇشتۇرۇپ.

  يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى نىشان، يېڭى خىرىس. «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغان پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلانى − شەھەر رايونى ئىككىلەمچى مەركىزى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك، باي، مەدەنىي، ئىناق ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر قۇرۇش.

  لى شۈياڭ پىڭشەننىڭ «سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەپەككۇر يولى»نى مۇنداق يىغىنچاقلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى، مۇھىت سۈپىتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

  «نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى فېئوداللىق ئېكسپلاتاتسىيە، 100 يىلدىن بۇيانقى جاھانگىرلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيەسى بىزنىڭ كۈرەش قىلىشىمىز جەريانىدا ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇلىدۇ.» 1949- يىلى يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن پەيتتە، يولداش ماۋ زېدۇڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا «ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدا يېڭى يىللىق بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى جاكارلىغانىدى.

  «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت بىلەن قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى مىليونلىغان خەلقنى روھلاندۇردى، ئىلھاملاندۇردى.

  شىبەيپودا تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يولغا چىققان جايدا قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ ئەكس ساداسىنى ھېس قىلغىنىمىزدا، قەلبىمىز قاتتىق ھاياجانغا تولۇپ، چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمىز.

  (مۇخبىرلار سۈن جيې، خۇاڭ شياۋشى، جاڭ تاۋ، يەن چىلېي، فەن شىخۇي)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى