تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پىڭ گۈيجۈ): ئامما خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرلىرى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتە  تۇرۇشلۇق نۇقتىسى ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى توۋرىچى كەنتىگە كېلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ قانات يايدۇردى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 18 نەپەر پارتىيىلىك كادىرى 3-ئايدا كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى قۇربانجان نىزامىدىن پارتىيىلىك كادىرلارنى مەخسۇس تېما بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، ئاپتونوم رايون ھەمدە ۋىلايەت، شەھەرلەر ئورۇنلاشتۇرغان ئالاقىدار خىزمەت تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئايرىش، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، تەشۋىق-تەربىيە قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ئامما خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ تۈركۈمدىكى 18 كادىردىن تەشكىللەنگەن پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى، بازار كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلىدى، ئېتىزلارغا بېرىپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرانە ئولتۇرۇپ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى ھەم چۈشەندۈردى، ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتى ۋە قىيىنچىلىق تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ چۈشىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا نىشانلىق ياردەم بەردى. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى، شۇنداقلا ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتتى.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى