تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى زۆرۈر تەدبىر

لى ۋېي

  كىشىلىك ھوقۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇن ناھايىتى كەڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشاش ھوقۇقى بىلەن تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق، شۇنداقلا شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ باشقا ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ئەگەر مۇقىم، بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇھىت، مۇكەممەل قانۇن سىستېمىسى بولمىسا، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەسكە توختايدۇ، باشقا ھوقۇقلىرىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  ئۇزاقتىن بۇيان، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئاۋامنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، مال - مۈلكىگە زىيان سېلىپلا قالماي، تېخىمۇ يامىنى ئىنتايىن زور ساراسىمە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت مۇھىتىنى يامانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراتتى.

  2001- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئامېرىكىدا يۈزبەرگەن ئەڭ زور كۆلەمدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى بىۋاسىتە 2996 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ھەم زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكىنى 200 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان بولۇپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادقا يەتكۈزگەن زىيىنى 1 تىرىليون دوللار ئەتراپىغا يەتكەن. ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئۈزلۈكسىز يۈزبەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قەلبىدىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە تېررورلۇق كۆلەڭگىسى ئاسانلىقچە يوقالمىدى.

  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تېررورىزم ھېلىھەم خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلماقتا. «بازا» «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق تەھدىتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بىر چوڭ زەھەرلىك ئۆسمە.

  جۇڭگو، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى بىر مەزگىلدىن بۇيان تېررورىزمنىڭ تەھدىتى ۋە خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئۈزلۈكسىز يۈزبەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى ئاۋامنى تالاپەتكە ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور توسقۇنلۇق قىلدى. 2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ قوماندانلىقى، پىلانلىشىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى چۆچۈتكەن زور كۆلەملىك تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەسىنى تەشكىللەپ سادىر قىلىپ، 197 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 1700دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنى غايەت زور بولدى. بۇ ئىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، تېررورچىلار شىنجاڭ رايونىدا يەنە غالجىرلارچە نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى(ۋەقەسى)نى تۇغدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېررورلۇق ئىبلىس چاڭگىلىنى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا سوزدى.

  بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم زور مىقداردا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى سېلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتتى، لېكىن ئۈنۈمى سېلىنما بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولمىدى، تېررورىزمنىڭ قۇتراش ۋەزىيىتى تېخى تۈپتىن توسۇلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا رەڭلىك كۆزەينەك بىلەن قاراپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشى، «ھادىسىدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتتىن تۈزەشكە سەل قارىشى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئۇزاققىچە تولۇق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن يەنە بىر مۇھىم ئامىلمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ تېررورىزم ئىشلەتكەن ياكى پايدىلانغان ئەسەبىزم مەسىلىسىدۇر.

  تېررورىزمنىڭ «دىننى ئېتىراپ قىلىش» ياكى «مىللەتنى ئېتىراپ قىلىش»تىن پايدىلىنىشى ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى، يامرىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قايمۇقتۇرۇش، قۇترىتىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلىغا ئايلاندى. «قۇرئان» بىلەن «پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەدىسلىرى»نىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدىن ئۈزۈۋېلىپ نەقىل كەلتۈرۈش ۋە خاتا چۈشەندۈرۈش، مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە ئويدۇرۇپ چىقىش ئەسەبىزمنىڭ يۆلەنچۈكى، شۇنداقلا تېررورىزمنىڭ تونى بولدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تېررورىزم ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋانلىقىنى تۈرلۈك ئەسەبىزم بىلەن نىقابلىغاندىن كېيىن، شەكىللەنگەن ئازدۇرۇشچانلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى بىر چوڭ قىيىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  بەزى دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا جەزمەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كېرەكلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى ھەم كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تېررورىزمنىڭ زەمبىرەك يېمى بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى توستى. ئاساسلىق تەدبىرلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»كە ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە پىلان چىقىرىلدى. ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياكى يېڭىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقاردى، ياكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ماددىسىنى كۆپەيتتى. فىرانسىيە 2018- يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» پىلانىنى يۈرگۈزدى. ئەنگلىيە «يېتەكلەش» پىلانىنى يۈرگۈزگەندىن بۇيان 4000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، بۇ پىلان ئاساسلىقى دىن، سىياسىي قاتارلىق قاتلاملاردىن رادىكاللارنى يېتەكلەپ، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېررورىزم يولىغا مېڭىشىنى توستى.

  ئىككىنچى، بىر قىسىم كىشىلەر توپىغا قارىتا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» يولغا قويۇلدى. ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەسەبىزم نىشانلىغان توپ ئاساسلىقى ياش - ئۆسمۈر، مۇسۇلمان قاتارلىقلار بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئالدىنى ئالدى ۋە توستى. گېرمانىيە «زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى» گېرمانىيە تەۋەسىدە مەسلىھەت بېرىش ۋە پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەشكە كۈچەپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك يولىغا مېڭىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 2018- يىلى 2- ئايدا، بېلگىيە ھۆكۈمىتى 3 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ئاجرىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن 80 ئىمامغا ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن 50 مەسچىتتە خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەدە ئەسەبىيلىشىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەدبىرى قوللاندى.

  ئۈچىنچى، تۈرلۈك «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، ئەسەبىزمنىڭ تارقىلىشى توسۇلدى. تېررورىزم دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئەسەبىزمنى تارقاتتى، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك قايمۇقتۇرۇشچانلىق ۋە ئازدۇرۇشچانلىققا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىتىش يوللىرى كۆپ خىل بولۇپ، خەۋپى ئىنتايىن زور. ھىندونېزىيە ئىلگىرى ئاتالمىش «غازات»قا قاتناشقان كىشىلەرنى ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلىتىپ، ئازدۇرۇلۇپ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى بار «خەتەرلىك» كىشىلەر توپى ۋە ئاددىي پۇقرالارنى تەربىيەلەپ، ئەسەبىزمنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توستى.

  جۇڭگو دۇچ كەلگەن مەسىلە خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشايدۇ ياكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا جۇڭگومۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى. شىنجاڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدا، يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى» قۇرۇپ، «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ»، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، تېررورىزم ھېڭىنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر توپىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى. 2017- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا بىرمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ يەنە خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

  كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئۇنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، جۇڭگو دەل مۇشۇنداق قىلدى. ئەسەبىزم يامرىغان، تېررورىزم قۇترىغان ئەھۋالدا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك قوغدىماق تەس. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدا، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر تېپىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشىنى پايدىلىق ئىزدىنىش بىلەن تەمىنلىدى، بۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىك دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق شوئارىنى جېنىنىڭ بارىچە توۋلاپ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي قوغدىمىغان ئاشۇ بىر قىسىم دۆلەتلەر چوڭقۇر قايتا ئويلىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن تېررورىزمنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاممىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى)

  (بۇ ماقالە 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ