جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى
تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم دۇنياۋى تېما، ھەم دۇنياۋى قىيىن مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. شىنجاڭ «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك قوللىنىلغاچقا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولۇپ، ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ئۇدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى روشەن ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئەمما دەل شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلانغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك توسۇلغان پەيتتە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەدەپ قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە قارشى تۇرۇشتىكى بىر قىسىم تەدبىرلىرىنى «كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلغانلىق» دەپ ئاساسسىز ئەيىبلىدى. بۇ يەردە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ ھەقىقىي سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، دۇنيا ئەھلىگە شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ ھەققانىيلىقىنى توغرا تونۇتۇش زۆرۈر.
شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى ھەم شىنجاڭنى جۇڭگودىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئەمما شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، شىنجاڭ رايونى باشتىن - ئاخىر جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەندىزىسىدە تەرەققىي قىلىپ كەلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىدا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇردى، بۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالى بىرتۇتاش باشقۇرۇلدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بېشبالىق باش ئەمىر لەشكەر مەھكىمىسى، ئايغاقچى مەھكىمىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىغا تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، 1762- يىلى ئىلى جياڭجۈنىنى تەسىس قىلىپ، ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلار بىرلەشكەن ھەربىي مەھكىمە تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى، 1884- يىلى شىنجاڭ رايونىنى ئۆلكە قىلىپ قۇردى. 1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. گەرچە شىنجاڭ رايونىدا تارىختا بەزى سۇلالە، خانلىق ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى، ھەممىسى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس. شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ تەشەببۇسىنىڭ روشەنكى قىلچە تارىخىي ئاساسى يوق.
شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىزم تەرغىب قىلغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ بىردىنبىر «ئىگىسى» دېگەن بىمەنە قاراشقا قاتتىق رەددىيە بەردى. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىزم جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق بەرپا قىلغان تارىخىنى ئىنكار قىلدى، ئەمما قەدىمدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ رايونىدا ئىزچىل كۆپ مىللەت ياشاپ كەلدى، مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى، باردى - كەلدى قىلىشى ئۈزۈلمىدى. ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى نۇرغۇن ئاھالە ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى ئورتاق ئاچقۇچىلاردۇر. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شىنجاڭنى ئەڭ دەسلەپتە ئاچقانلار بولسا، چۈنچيۇ، جەنگو دەۋرىدە تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياشىغان ساكلار، روۋجىلار، كۈسەنلىكلەر، سۇلىلىقلار قاتارلىقلار، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھۇنلار، خەنلەر، چياڭلار، ۋېي، جىن، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سىيانپىي، جورجان، قاڭقىل قاتارلىقلار، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۈرك، تۈبۈت، قەدىمكى ئۇيغۇر، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قىتان، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى موڭغۇل، جۇرجىت، تاڭغۇت، قازاق، مانجۇ قاتارلىقلار. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، 13 ئاساسلىق مىللەت شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىشىش ئەندىزىسى شەكىللەندى. ئەگەر، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى بىر چوڭ سەھنە دېسەك، ئۇنداقتا، نۇرغۇن مىللەتنىڭ ھەممىسى بۇ سەھنىدە رول ئېلىپ باققان، ئاتالمىش ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ بىردىنبىر «ئىگىسى» دېگەن قاراش تولىمۇ بىمەنە.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس دېگەن تارىخىي پاكىت بۆلگۈنچىلەر ۋە دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ «پانتۈركىزم»ىگە ئېغىر زەربە بەردى. «پانتۈركىزم» تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ «ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن» «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرۇش داۋرىڭىنى سالدى، بىراق تارىخ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغان خۇيخېلار. 840- يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرىگە كۆچۈپ، خەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن باشقا، قالغانلىرى ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن: بىر تارمىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ھازىرقى جىمىسار رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان؛ بىر تارمىقى خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، يۈگۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تارمىقى پامىرنىڭ غەربىگە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھازىرقى قەشقەرگىچە بولغان رايونلارغا تارقىلىپ، قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ھەمدە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خەنلەر، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاگنىلىقلار، كۈسەنلىكلەر، ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يۇغۇرۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن غەربىي رايونغا تەدرىجىي كۆچۈپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىت دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ باغلىنىشىنى ئايرىۋېتىش غەرىزىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا، شىنجاڭ رايونى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە - يوسۇن تۈزۈمى، كىتابلىرى، مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار شىنجاڭ رايونىغا كەڭ تارقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باربىت، چياڭ نېيى قاتارلىق چالغۇلارمۇ شىنجاڭ رايونىدىن ياكى شىنجاڭ رايونى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ مۇزىكىسىغا مۇھىم، زور تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى، قازاقلارنىڭ ئايتىس سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، موڭغۇللارنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئەتىۋارلىق مەدەنىيەت ئەسەرلىرى بار. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جېنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى قىلغاندىلا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقتەك تارىخىي پاكىت دىنىي ئەسەبىزم جار سالغان ئىسلام دىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىن دەيدىغان يالغان - ياۋىداق سۆزنى ئېچىپ تاشلىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن بۇرۇن، شىنجاڭ رايونىدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن باشلاپ، زوروئاستىر دىنى يىپەك يولىنى بويلاپ ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرگەن. تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1- ئەسىردە، بۇددا دىنى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرىپ، بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەنگەن، مىلادىيە 4- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە، بۇددا دىنى گۈللىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تويىن دىنى، مانى دىنى ۋە نېستورىيان دىنى (خىرىستىيان دىنىنىڭ نېستورىي مەزھىپى) كەينى - كەينىدىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسلام دىنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا تارقىلىپ كىرگەن. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان قاراخانىيلار خانلىقى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇدۇننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام دىنىنى بۇ رايونغا مەجبۇرى كېڭەيتكەن، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، شىمالىي شىنجاڭدا بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەنگەن. 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، شىنجاڭ رايونىدا ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەنگەن. 18- ئەسىردىن باشلاپ، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىردى. ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساس قىلىنىش، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى. بۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەسلىكىنى، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. ئەمما دىنىي ئەسەبىزم ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى دىن بىلەن باغلىۋالدى.
پاكىتلار شۇنى ئېنىق بىلدۈردىكى، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم ئوخشاش بولمىغان دىن، مەدەنىيەت، جەمئىيەتنىڭ سىغىشالمايدىغانلىقىنى تەرغىب قىلدى، بۇ، تارىخىي پاكىتقا خىلاپ، قىلچە ئاساسى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىگە جەڭ ئېلان قىلدى، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ھەققانىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ قانۇنچىل شەكىلنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىپ، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى قاندۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى، ئۇ تولۇق ھەققانىيلىققا ۋە قانۇنىي نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە.
(قەلەم تەۋرەتكۈچىلەر: جاڭ زىجيەن، شىڭ گۇاڭچېڭ)
(بۇ ماقالە 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)