
شىنخۇا تورى خەۋىرى. 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى جۈلۇ ناھىيەسى نەنجيې كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى پارنىكتا ئەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنى تىزماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى جۈلۇ ناھىيەسى ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى گۈل-گىياھ كۆچىتى كەسىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دېھقانلارنى ئەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى ۋە ئىستىراھەت ساياھەت بازىسى بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى سېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن سېتىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.



