تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4- بولىدۇ

  باش مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق، بەزىدە تۇمانلىق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- بولىدۇ. ئۈچ بال شامال چىقىدۇ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا بەش بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ. 3-ئاينىڭ 2-،3-كۈنلىرى نەنسەندە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلار بىلەن بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قۇياش پارلاپ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3- ئەتراپىدا بولدى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىن سەيۋوپوغىچە بولغان دائىرىدە داۋاملىق تۈردە بەش بال شەرقىي جەنۇب شامىلى، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە، شىسەندىن باگاڭغىچە بولغان دائىرىدە 8-7 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر سىرتلارغا چىققاندا دېرىزە- ئىشىكلەرنى ئوبدان تاقىشى كېرەك.

  پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىن قارىغاندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

  ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە بىر ئىستاكان چىلان سۈيى دەملەپ ئىچكەندە جىگەرنى ئاسراپ، زەھەر ھەيدەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. چىلان پوستى قاتتىق بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولمغاچقا، ئەڭ ياخشىسى چىلان سۈيى دەملىگەندە چىلاننى پارچىلاپ دەملەش كېرەك.

       ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل