تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

      مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەمدە مەركەز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى (ئىدارىسى) باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەكىتلەندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ ئۇزاققىچە باشقۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پۇختا، كۈچلۈك، مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك، شەكلى كۆپ خىل ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ھەقىقىي تۈردە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ شىنجاڭدا قېلىشىغا، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىغا، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشىگە شارائىت يارىتىش كېرەك؛ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك؛ ئىستىلنى ياخشىلاشنى قاتتىق تۇتۇپ، ياخشى ئىستىل، ئىنتايىن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى