تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋاسكېتبولنى ئېلان قىلدى

  خەلق تورى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان  ۋاسكېتبولنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

  18-نۆۋەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، نەنجىڭ، ۋۇخەن، دۇڭگۇەن ۋە فۇشەن قاتارلىق سەككىز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارمۇ تۇنجى قېتىم 24 كوماندىدىن 32 كوماندىغا كېڭەيتىلىدۇ. NBAنىڭ داڭلىق ۋاسكېتبول چولىپىنى كوبى برايىن 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتول مۇسابىقىسىنىڭ يەرشارىۋى ئەلچىسى بولىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ  چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش مۇراسىمى شېنجېن قولتۇقى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى