تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېڭىسار ناھىيەسىدە كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دۇ جيەنۋۇ): يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى تۆۋەن ئارامەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەرىگۈل مەمەتتۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ پارنىكى يىغىۋېلىشنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يۇمغاقسۈت يىغىۋېلىش باسقۇچىغا كىردى.

  مەرىگۈلنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن يۇمغاقسۈتلەر خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، مەركەزلەشتۈرۈپ مال تارقىتىش ياكى پارچە سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىنغان. بۇ، تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە يۇمغاقسۈت ئۆستۈرگەن مەرىگۈلگە ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەرىگۈل پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەنە ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە سەمەت ئۆرۈكى، كۆممىقوناق، بۇغداي تېرىقچىلىقى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرىم قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كىرىم يوللىرى كۆپەيگەن. بۇلتۇر بىر يىلدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە قاتلانغان.

     بىر يىل داۋاملاشقان ئۈزلۈكسىز سىناق ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، مەرىگۈلگە ئوخشاش «بېيىش ماھىرى» لىرى شۇ جايدا ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. يۇمغاقسۈت، لازا، چەيزە، ئادەتتىكى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەر يەرلىكتە تەدرىجىي گۈللەندى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ئاشۇرۇش يوللىرى كۆپىيىپ، يانچۇقى ئاستا-ئاستا تومپىيىپ، تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، كۈنلىرى خۇشال-خۇراملىققا تولدى، خىزمەت ئەترىتى يەرلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۈكسەك ماختىشى ۋە بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ