تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرگە يەم-خەشەك يەتكۈزدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى شودۇڭ، ئايجان چېكېن، ليۇ شۇاڭيەن خەۋىرى: يېقىندا، ئالتاي ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئالتاي شەھىرى قىزىلتاش بازىرى سارقامىس كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى قاسىمخان مۇتەللىپ ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا يەم-خەشەك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنىڭ كۆپ ساندىكى دېھقان، چارۋىچىلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ، زاپاس يەم-خەشەك ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  كەنت ئاھالىسى تابىسبېك ئورازخان ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە. خىزمەت ئەترىتى تابىسبېك ئورازخاننىڭ ئۆيىگە بارغاندا قوتاندىكى تۆت كالىنىڭ ئورۇقلاپ، يەم-خەشەكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆردى.

  كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قايتىقاندىن كېيىن، قاسىمخان مۇتەللىپ دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، نامرات ئاھالە تابىسبېك ئورازخان ئۆيىدىكى يەم-خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلدى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى يەم-خەشەك سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 70 باغلام يەم-خەشەك سېتىۋالدى.

  2-ئاينىڭ 25-كۈنى، لىققىدە يەم-خەشەك بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى تابىسبېك ئورازخاننىڭ قوتىنى ئالدىدا توختىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى قاسىمخان مۇتەللىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تيەن يې ۋە قىزغىن كەنت ئاھالىلىرى يەم-خەشەكلەرنى قولمۇقول چۈشۈردى. تابىسبېك ئورازخاننىڭ چىرايىدىن غەم بۇلۇتلىرى تارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەم-خەشەك تۈگىگەن، يېڭى ئوت-چۆپلەر تېخى ئۆسمىگەن بۇ چاغدا راستىنلا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي قالغانىدىم، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى