تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تونۇردىن «چىققان» بەختلىك تۇرمۇش

  ئۆز خەۋىرىمىز: «مەن نان يېقىشنى ئۆگەنگەن، ناۋايخانا ئېچىش ئويۇم بولسىمۇ، لېكىن ئىش باشلاش مەبلىغىم بولمىغانلىقتىن، ئىزچىل ئاچالماي كەلگەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ناۋايخانا تىجارىتىنى ئاخىرى باشلىۋالدىم، ھازىر سودام ناھايىتى ياخشى، بىر كۈندە 700 يۈەندىن ئارتۇق نان ساتىمەن، بەختلىك ياخشى تۇرمۇشتىن ئاخىرى ئۈمىد تۇغۇلدى.» ئاقسۇ شەھىرى دولان تەۋەلىك رايونى بالداڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇرغۇن مەمەت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  تۇرغۇن ئىلگىرى ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن دۇكان مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تەۋەلىكتىكى بىر ئۇن دۇكىنىنى ئالاقىلىشىپ، ئاۋۋال ئۇن بىلەن تەمىنلەپ، ئاندىن ھېسابات قىلىشقا كېلىشىپ، ناۋايخانىنىڭ بالدۇرراق تىجات باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئۇنىڭ ياققان نانلىرى بەك يېيىشلىك، ناۋايخانىسىمۇ پاكىز، ئۆزىمۇ بەك ياخشى، گەرچە سەل يىراق بولسىمۇ، مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ ناۋايخانىسىغا كېلىپ نان سېتىۋالىمەن، بەزىدە سەل كېيىن قالساق نانمۇ تۈگەيدۇ.» نان سېتىۋالغىلى كەلگەن تەۋەلىكتىكى ئاھالە شۇنداق دېدى.

  «ھازىر ناۋايخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، ئەتراپتىكى ئامما ئۇنىڭ ياققان نانلىرىنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ. خەلققە ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمەت ئەترىتىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى.» دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى پەرھات ئەمەر. (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن مېھراي ئەزىز، ئابلىز ئابلا تەمىنلىگەن)

       ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل