تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«پىڭئەن ھەدە» خىزمەت ئىشخانىسى ئىشچىلار ئارىسىدا «قەلبنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك»لۈك رول ئوينىدى

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى، جىلى بازىرى «پىڭئەن ھەدە» خىزمەت ئىشخانىسىدىكى پىدائىيلار خىزمەت ئىشخانىسىدا كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش ئىش تەقسىماتىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى «پىڭئەن ھەدە» خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ پىدائىيلىرى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان كارخانا خادىملىرى، بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتاق مۇھىتى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قاتارلىق خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىك تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، توپلىغان ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ئالاقىدار تارماقلارغا يەتكۈزۈپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بىلەن كارخانا ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارىسىدا «قەلبنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك»لۈك رول ئوينىدى.

 جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى «پىڭئەن ھەدە» خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى غەيرەتلىك ئايال كارخانىچىلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار ئاساسلىقى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشىغا ئالاقىدار ماجىرا، خىزمەتچى ۋە خوجايىن ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگەن ماجىرا قاتارلىقلارنى مۇرەسسە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى