تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توقسۇ ناھىيەسىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ رۈنتاۋ): كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، بېيىش يولىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق يېزىسى تۆتتاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، تۆتتاش كەنتىدە نامراتلارنى يۆلەش «كىچىك بازىرى»نى قۇردى، بۇ بازار ئون دۇكان، 2 ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىر مەھەللىك تەييارلىق قىلىش ۋە تىجارەت قىلىشتىن كېيىن، تۆتتاش كەنتىدىكى ئاشخانا، تاللا بازىرى، تىككۈچىلىك دۇكىنى، رېمونت قىلىش دۇكىنىنىڭ سودىسى قىزىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، يېقىن ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدى.

    ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى يەنە دائىم كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەنتلەرگە بېرىپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بېيىش ماھىرلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغۇزۇپ، ھەر تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ