تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كەلپىن ناھىيەسىدىكى قىزىل قۇملۇقى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر غەيرەت جاسارەت): 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر كەلپىن ناھىيەسى قىزىل قۇملۇقىدا ئوينىماقتا. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ساغلام ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ،  2020-يىلىغا بارغاندا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانىنى 49 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇش، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالىنى 30 مىليوندىن، ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنى 300دىن ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى كەلپىن ناھىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل