تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ۋۇ گاڭ: ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت لياڭ يەننى

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ جىنفېڭ پەن-تېخنىكىسى دېيىلىدۇ)نىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى رەتلەۋاتاتتى، «مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، بۇ يىل مەن ئون جەھەتتىكى تەكلىپ ھەم پىكىر-تەۋسىيە تەييارلىدىم، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن».

  ۋۇ گاڭ شۇنى چوڭقۇر بىلىدۇكى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالار ۋە كارخانىلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا بۇرچى. شۇڭا، ئۇ ھەربىر تەكلىپ ۋە تەۋسىيەگە ناھايىتى كۆڭۈل قويدى، ھەربىر تەكلىپ ۋە تەۋسىيەنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، «خىزمەتنى پۇختا، تەپسىلىي، چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلىگەندىلا، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتكە يۈز كېلەلەيمىز» دېدى ۋۇ گاڭ.

  جىنفېڭ پەن-تېخنىكىسى ئىلگىرى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى قولتۇق كەنتىنىڭ كۆكتات پارنىكى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، ۋۇ گاڭ بۇ كەنتنىڭ پارنىك قۇرۇلۇشى، كۆكتات تېرىش، ئۆستۈرۈش ھەم سېتىشىغا قاتناشقان. ئۇ پارنىكتا يىلدا ئىككى پەسىل كۆكتات ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئۈمىد بېغىشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  بۇ جەرياندا، ۋۇ گاڭ يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا يەر تارقاق، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولۇپ، قانداق قىلغاندا دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئۇ ئويلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

  بۇلتۇر، ۋۇ گاڭ ئالتە قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بېرىپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زىيارەت قىلدى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دېھقانلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلىدى... ۋۇ گاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كېڭەيتىش پونكىتى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغاندا، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋۇ گاڭ «دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تەييارلىدى. ۋۇ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: «يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مەسىلىسى ھەل قىلىنسىلا، دېھقانلارنى ئىشلەپچىقىرىش، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللىگىلى بولىدۇ».

  شامال ئېلېكتىر ساھەسىدە تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىشلەۋاتقىنىغا 32 يىل بولغان ۋۇ گاڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆپ ئورۇنلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى ھەم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ساھەلەر تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلدى، تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋۇ گاڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار سىياسەت بىلەن بازار مۇھىتى بىردەكلىككە ۋە مۇقىملىققا ئېھتىياجلىق دەپ قارىدى، ئۇ بايقىغان مەسىلە، پىكىر-تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكلىپكە كىرگۈزدى.

  ۋۇ گاڭ قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: «سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت، مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق رولۇمنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كارخانىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى