تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ 18 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى بۇلتۇرقى چاغانلىق توشۇش ئومۇمىي مىقدارىنى بۇ يىل مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ بولدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى(باش مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ ياۋ، يۈي گورۈي): بۇ يىللىق چاغانلىق توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 18 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى جەمئىي 1 مىليون 183 مىڭ 568 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇپ، بۇلتۇرقى چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ بولدى.

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، يەنى چاغانلىق توشۇشنىڭ 35-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى 18 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدا جەمئىي 1 مىليون 183مىڭ 568 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 ئاشقان، توشۇلغان يۈك-پوچتا 2199.7 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشقان، كاپالەتلىك تىرانسىپورتنىڭ ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى 13مىڭ 123 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.4 ئاشقان.

  نۆۋەتتە، يولۇچى توشۇش، يۈك-پوچتا توشۇش، كاپالەتلىك تىرانسىپورت ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچ 2018-يىلىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ 40 كۈنلۈك چاغانلىق توشۇش مىقدارى يىغىندىسىنىڭ %11.9، %6 ۋە %37.3ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ يىللىق چاغانلىق توشۇش پىلانىنىڭ %85.15ى تاماملانغان، مۆلچەردىكى كاپالەتلىك تىرانسىپورت ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى پىلانىنىڭ %102.5ى تاماملانغان.

  بۇ يىل تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسى داۋاملىق گۈللەنگەن، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم لىنىيەسىدىن 15ى؛ شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 39ى؛ تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە توختاپ شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 25ى؛ تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 45ى ئېچىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى