تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

يېشىل تاللا بازىرى يېزا-كەنتلەرگە گۈزەللىك قوشتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ خۇيجياڭ): «ئىلگىرى ئۆيىمىزدىكى كېرەكسىز قەغەز يەشىك، قۇرۇقدالغان مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى قاتارلىق كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەسكە توختايتتى، كەنتىمىزدە يېشىل تاللا بازىرى بار بولغاندىن بۇيان، كۆپچىلىك بۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى «ئەتىۋارلىق نەرسە» ئورنىدا كۆرىدىغان بولدى. مەن بايا 32 قۇرۇق سۇلياۋ بوتۇلكا ۋە 20 پاسىلداق قۇتىنى بىر دانە سوپۇن ۋە يۆگىمە قەغەزگە ئالماشتۇردۇم.»دېدى، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسى غولئېرىق كەنتىدىكى 83 ياشلىق لى شۇفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ غولئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، كەنتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىغا تايىنىپ، يېشىل تاللا بازىرى تەسىس قىلىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى جۇغلانما نومۇرى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىش، جۇغلانما نومۇرنى تاۋارغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، كېرەكسىز نەرسىلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يېشىل ساغلام تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

  67 ياشلىق مەرەمخان مەمەتئىمىن كەنتتىكى نامرات ئاھالە. 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇ يېشىل تاللا بازىرىغا كېلىپ، خىزمەتچىلەر ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، تەجرىبىلىك ھالدا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كېرەكسىز نەرسىلەرنى تۈرگە ئايرىپ، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، 40 جۇغلانما نومۇر جەملىدى ھەمدە جۇغلانما نومۇرنى نەق مەيداندا بىر قۇتا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى ۋە بىر خالتا تۇزغا ئالماشتۇردى.

  خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش بېجىرىش خىراجىتىدىن پايدىلىنىپ يېشىل تاللا بازىرى تەسىس قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنى سۇلياۋ بوتۇلكا، تاماكا قېپى قاتارلىقلارنى يىغىپ، بۇلارنى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. جۇغلانما نومۇر يىغىش، جۇغلانما نومۇرنى تاۋارغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەر بىر كەنت ئاھالىسىگە بىر جۇغلانما نومۇر كارتىسى بېجىرىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرى جۇغلانما نومۇر كارتىسىنى ئېلىپ، خالىغان ۋاقىتتا يېشىل تاللا بازىرىغا بېرىپ جۇغلانما نومۇرغا ماس كېلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئالماشتۇرۇش رايونىغا بىر يۈەن، ئىككى يۈەن، ئۈچ يۈەن، بەش يۈەنلىك ئوخشاش بولمىغان تاۋارلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بۇيۇملار ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى، خۇرۇچ، ئىچىملىك، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان لازىمەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ۋاكالىتەن سۇ، توك پۇلى، تېلېفون سۆزلىشىش ھەققى، پوچتا يوللانما، پوسۇلكا ئەۋەتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە كەنت ئاياللار تەشكىلاتى ھەر ئايدا يېشىل تاللا بازىرىدا ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋارلارغا قارىتا ھېسابات سېلىشتۇرۇش، ساقلانغان ماللارنى ئېنىقلاش، ۋاقتىدا مال تولۇقلاش، نازارەت قىلىش ۋە تەستىقلاش ئېلىپ باردى.

  ھازىرغا قەدەر، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە 150دىن ئارتۇق جۇغلانما نومۇر كارتىسى بېجىرىپ بەردى، 860تىن ئارتۇق تۈرلۈك تاۋار ئالماشتۇرۇلدى.

  قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېشىل جۇغلانما نومۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللىدى، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەترەت تەشكىللەپ مۇسابىقىلىشىش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش قىزغىنلىقىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى.

  بۇ جەرياندا، خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس جۇغلانما نومۇر باھالاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھەر بىر پەسىلدە 10 نەپەر جۇغلانما نومۇر ئالماشتۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس باھالاپ چىقىلىپ، باھالانغۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 500 نومۇر، 300نومۇر، 100 نومۇردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جۇغلانما نومۇر مۇكاپاتى بېرىلدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى رېن خۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، يېشىل تاللا بازىرىنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىش ئۈنۈمى ئۈچ يېزا-كەنت تازلىق ئىشچىسى ياللىغانغا باراۋەر، سېلىنغان خىراجەت پەقەت بىر تازلىق ئىشچىسىنىڭ چىقىمى بىلەن تەڭ، يېشىل تاللا بازىرى يېزا-كەنت ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدىن ئىبارەت «ئۈچ نەتىجىنى» ئىلگىرى سۈردى.

ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى