تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ھېسسىيات جەھەتتە ئەرلەر دائىم سادىر قىلىدىغان خاتالىقلار

   فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق پەرق تۈپەيلى، بەزىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىدا پەرق بولغاچقا، ئوتتۇرىدا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئۆز ھەمراھىنىڭ كۆڭلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەندە، ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى خاتالىقلاردىن قايسىسىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.

1. ئاياللارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەسلىك. ئاياللاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۇغما كەمچىل بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ مەردانە قەھرىمان بولۇشىنى، ھەممە ئىشقا قادىر بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىز بوشاڭلىق، يۈرەكسىزلىك قىلىپ ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولالمىسىڭىز، جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزدىن مەھرۇم قالىسىز.

2. ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئاياللارغا مۇئامىلە قىلماڭ. ئاياللار ھېسسىياتچان كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئانالىز قىلماڭ. ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى لوگىكىلىق ئانالىز ۋە ياكى تەرتىپلىك ۋە ئېنىق بولغان يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتى بولماستىن بەلكى مۇھەببەت تۇيغۇسى. ئەگەر ھەممە ئىشتا توغرا-خاتانى ئېنىق ئايرىماقچى بولسىڭىز ئۇ سىزدىن تېز سۈرئەتتە سوۋۇپ كېتىدۇ.

3. ئاياللار نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بەرمەڭ. جاڭ ئەيلىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان مۇھەببىتىدە چوقۇنۇش خاراكتېرى ئارىلاشقان بولىدۇ». ئىنتايىن قەيسەر ئايالمۇ، ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاياللار گەرچە ئېرىنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقىنى، ئۆزىنى مەلىكىلەردەك كۈتۈشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ پىرىنسىپسىز ئىتائەت قىلىشى ئاياللارغا ئىقتىدارسىز، مەززىسىز تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.

4. كونترول قىلىش ئىستىكىڭىز كۈچلۈك بولۇپ كەتمىسۇن. بەزى ئەرلەرنىڭ خاراكتېرى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئاياللارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىدەك ھېس قىلىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاياللار بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇستەقىل بولۇپ كەتتى، ئەرلەرگە تايانمىسىمۇ ياشىيالايدۇ. شۇڭا ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىدىن ھۇزۇرلىنىش كۆز قارىشى بىلەن ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

5. كەسىپچانلىقىڭىز بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتمىسۇن. كەسىپ بىر ئەرنىڭ غەلبە قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاياللار كەسىپچان ئەرلەرنى ياخشى كۆرسىمۇ، كەسىپكە بەك بېرىلىپ كېتىشمۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس. كەسىپتە نەتىجە قازانغان بەزى ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى، كەسىپكە بەك بېرىلىپ  ئۇزۇن مەزگىل ئايالىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكىدە.

    

6. ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى. مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا، ئەرلەر قىز دوستىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئىمكان بار قىز دوستىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇرىدۇ ۋە ۋەدە بېرىدۇ. بۇ ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشمىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا، قىلغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

7. زىيادە مەنمەنچىلىك قىلماسلىق . بەزى ئەرلەر ھېسسىيات جەھەتتە بەك مەنمەنچى، دائىم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يېتىدىغان دائىرىدە، قارىشى تەرەپكە ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدىم دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى ياخشى نەرسىنى ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. شۇڭا ھەمراھىڭىزغا نەرسە سوۋغا قىلغاندا ئۇنىڭ نېمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئويلاڭ.

8. ئاياللارنىڭ قىممىتىگە سەل قارىماڭ. ھېسسىيات سۇسلاشقاندىن كېيىن، ئەرلەر قارشى تەرەپنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىۋالىدۇ. مەسىلەن: توي قىلغاندىن كېيىن، بەزى ئاياللار ئائىلىسى ئۈچۈن، خىزمىتىدىن ۋاز كېچىدۇ، بىراق بۇنى نۇرغۇن ئەرلەر ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارىۋالىدۇ.

9. بارلىق ئىشلارنى ھەمراھىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالماسلىق . ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشىنى، شېرىن-شېكەر گەپلەرنى قىلىشىنى، سىزنىڭ ئۆزىنى ھېچكىمگە ئوخشاتماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق ئەرلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى نوقۇلراق بولۇپ، دائىم باشقا ئىشلارنى دەپ ھەمراھىغا سەل قارايدۇ. ھەر ۋاقىت ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ تۇرمىسىڭىزمۇ، ئەمما قانداق مۇئامىلىدە بولىۋاتقىنىڭىزغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

10. ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولۇشىنى بىلىش.  ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئەرلەر مۇھەببەتلىشىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىر مەزگىل ئارىلاشقاندىن كېيىن، بەك چوڭ مەسىلە بولمىسىلا توي قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئويلىشىدۇ. بىراق ئادەم ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالسا، ئاسانلا ئېزىپ قالىدۇ، مۇھەببەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

                                                                                                                                                                                 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى