تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى

  شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىپ، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، ئىقتىسادىي ساھەدىن ھەرقايسى ساھەلەرگىچە ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پىكىر يولىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرىنى يۈكسەك تەرىپلىدى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. بىز تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشىمىز، ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  (1) پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە «ئىككى ئۇلۇغ» «تۆت چوڭقۇر» ئارقىلىق ئىخچام يىغىنچاقلىدى. «ئىككى ئۇلۇغ» يەنى: پارتىيەمىز 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيەمىز تارىخىدىكى چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى. «تۆت چوڭقۇر» يەنى: پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش تارىخىي قارارى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبال- تەقدىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەشنى ئاساس، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەشنى ئاساس، دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىشنى ئاساس، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان. باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر بايانى بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، ئىچكى قانۇنىيىتى، تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى تونۇشىمىز، چۈشىنىشىمىزنى ئىدىيە قورالى بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىمىزغا ئېلىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

  (2) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، «ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە» «ئوندا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش» ۋە «تۆت قىياپەتتىكى ئۆزگىرىش»نى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ ئوتتۇرىغا قويدى. «ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە» يەنى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەقە بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە. «ئوندا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش» يەنى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ مۇھىتنى ئاسراش ۋە بايلىقنى تېجەشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش. «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق «تۆت قىياپەتتىكى ئۆزگىرىش» ئىشقا ئاشتى، يەنى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىياپىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. بۇ مۇھىم بايانلار بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملىشىمىزنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇ بايانلار ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر ئىدىيە لوگىكىسى، تارىخ لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ بايانلار ئۆز ئىچىگە ئالغان يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان تونۇشنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقىمىزغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  (3) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيەت ئىلھامىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى. «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش» يەنى: پارتىيە بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش. بۇ «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش» تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئۈستۈن سىياسىي ئەقىل- پاراسىتى، ئۇلۇغ، كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسى، ساپ، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىياتى، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى تولۇق نامايان قىلىنغان. بۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مول قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىش

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، نەزەرىيە خىزمىتى جەزمەن دەۋر ئېقىنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئىدىيە ساداسىنى ئالدىن ياڭرىتىپ، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكار ھالدا ئەمەلىي قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ يېشىپ، پائال تەشەببۇسكار ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  (1) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئىرادە تىكلەش، روھنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ئىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانى ھەم تاش سىلاپ دەريادىن ئۆتىدىغان، ھەم ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىلمىي نەزەرىيەنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەيدىغان، شۇنداقلا ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان جەريان. 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچ شۇكى، بىز ھەم ماركسىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق، ھەم زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم ئۇسۇلى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزان. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلغانسېرى، دۇچ كېلىدىغان قاتتىق قىيىنچىلىق شۇنچە كۆپ بولىدۇ، نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ئەقلىي مەدەتكە شۇنچە موھتاج بولىدۇ. بىزنىڭ نەزەرىيە خىزمىتىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىققەت ۋە كۈچنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەدىن نەزەرىيەگىچە بولغان ئۆز دەۋرىيلىكىدىن ھالقىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئەمەلىيەت ئانالىزى ۋە خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كۆزنى چاقنىتىدىغان ھەقىقەت نۇرىنى تارقىتىدىغان قىلىشى كېرەك.

  (2) يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى دىققىتىنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشقا يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ، ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇملۇقى ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، بىزنىڭ نەزەرىيە خىزمىتىمىز، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، خىزمەت نەتىجە- ئۈنۈمى ۋە تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، خەۋپ- خەتەر، خىرىس ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى، تەدبىرى ۋە چارىسىنى پائال تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيە خىزمىتىنى مەركىزىي خىزمەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىۋاتقان پۇرسەتنى تۇتۇپ، نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلارنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  (3)ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىغاندا، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى _ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى». دەل پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرغاچقىلا، بىز بىر قاتار زور خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرالىدۇق، سان- ساناقسىز جاپا- مۇشەققەت ۋە مۈشكۈلاتلارنى يېڭەلىدۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالىدۇق. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەيۋەتلىك، كاتتا تارىخىي يۆگىمە رەسىمنى سىزدى. 40 يىللىق قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئارقىلىق، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىقتىسادى سىجىل تېز راۋاجلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بىز شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرگە نەتىجىنىڭ ئارقىسىدىكى نەزەرىيە لوگىكىسى، تۈزۈم سەۋەبىنى ھەقىقىي ئېنىق سۆزلەپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىغانلىقى، سوتسىيالىزم يولىنى تاللىغانلىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تاللىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

  (4) يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن، ماس تەپەككۇر بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا توغرا مېڭىش، پۇختا مېڭىش، ياخشى مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مېتودولوگىيەسى مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلدى. باش شۇجى «بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىمىزنىڭ يۆنىلىشى بار، مەيدانى بار، پىرىنسىپى بار» دەپ تەكىتلەپ، بىزدىن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۆزگەرتكىلى بولۇش بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئۆزگىرىش بىلەن ئۆزگەرمەسلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ باش شۇجى «مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» «زىددىيەتنى تونۇش بىلەن زىددىيەتنى تۈگىتىشنى خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشقا ماھىر بولۇش»نى تەكىتلەپ، بىزدىن شەيئىلەرنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىر پۈتۈن ئالغا سىلجىتىش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ باش شۇجى «ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈش»نى تەكىتلەپ، بىزدىن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش بىلەن سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يۈرەكلىك بولۇش بىلەن قەدەم پۇختا بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ باش شۇجى «ئىسلاھات سالمىقى، تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»لىكىنى تەكىتلەپ، بىزدىن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ باش شۇجى «دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش كېرەك»لىكىنى «مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش»نى تەكىتلەپ، بىزدىن دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى تۈرلۈك مۇھىم، زور مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ۋەھاكازالار. بۇ مۇھىم بايانلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دىيالېكتىكىسى. نۆۋەتتە، نەزەرىيە خىزمىتىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مېتودولوگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  (5) ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. دەۋر روھىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دەۋر خىسلىتى ۋە روھىي قىياپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق ئەمەلىيىتىنى ئەسلىسەك، دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈش قەدىمىگە تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنىنى كۆزەتسەك، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش باشتىن- ئاخىر بىزنىڭ دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىزغا، دەۋر ئېقىنىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىزغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مەدەنىيەت جۇغلانمىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بىز ھازىر پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلاشقان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز، ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنچىلىق كۆپەيگەن، ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەر كۆپەيگەن، يەنە كېلىپ ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىدىغان، ئىلگىرىلىمىسەك قەتئىي بولمايدىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە كۈرمىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن، يەنە تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىز جەزمەن قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق، بوران- چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان جاسارەت بىلەن ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ نەزەرىيە خىزمىتىمىز سىجىل، كۈچلۈك بولغان تەشۋىق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يۈرەكلىك سىناش، يۈرەكلىك بۆسۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىسلاھاتقا مۇجەسسەملەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىسلاھات ئۈچۈن ئورتاق ئامال- چارە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىسلاھات ئۈچۈن كۈچەپ، بارلىق خەۋپ- خەتەر، خىرىسنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى نەزەرىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى جاسارەت بىلەن زىممىگە ئېلىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بۇ، نەزەرىيەگە موھتاج، شۇنداقلا جەزمەن نەزەرىيەنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان دەۋر، بۇ، ئىدىيەگە موھتاج، شۇنداقلا جەزمەن ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان دەۋر. بىز بۇ دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ». كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن پائال ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋە نەزەرىيە تىكلەپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، تارىخ يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  (1) سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇش. نەزەرىيە خىزمىتى ئەزەلدىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. بۈگۈنكى دۇنيادا كەڭ ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگودا كەڭ ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەر خىل ئىدىيە ئالمىشىپ، توقۇنۇشۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈر، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى جەزمەن باشتىن- ئاخىر ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئىلمىي يۆنىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جېنى دەپ قاراپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئۆلچەم ۋە تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىق قىلىپ، نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قايتا- قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

  (2) باش نىشاننىڭ مەسئۇلىيەتچىلىرىدىن بولۇش. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز جاي، مۇناسىۋەتسىز تارماق، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت باش نىشاننى قەلبكە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممىگە ئېلىپ، باش نىشان ئارقىلىق نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەپ ۋە تەكشۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا، تېخىمۇ ياخشى ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشىمىز، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  (3) ئىسلاھاتتىكى يول ئاچقۇچىلاردىن بولۇش. كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىر مەيدان ئۇلۇغ ئويغىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تېمىلارنى بېكىتىپ، كوللېكتىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، قانداق قاراش، قانداق قىلىش، قانداق ئىشلەش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك. نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ «تۆت چوڭ سۇپا» «بەش چوڭ قوشۇن» بولۇشتەك تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم نادىر قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىجاد قىلغان يېڭى تەجرىبىلەرنى توغرا يىغىنچاقلاپ ۋە خۇلاسىلەپ، ئۇنى نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  (4) كەسىپتە پىشقان كىشىلەردىن بولۇش. نەزەرىيە خىزمىتىدە سىياسىي جەھەتتە پىشقان بولۇپلا قالماي، يەنە قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات كادىرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشقا كۈچىشىمىز كېرەك. ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىندا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يېزىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىشى، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى