ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بار، لېكىن ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي پاسسىپ ئەمەس. تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، ئىنسانلار جەمئىيىتى تېخىمۇ ياخشى ئالغا باسالايدۇ.
«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشتىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى!» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا بىزنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ.
يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. 1978- يىلى، پارتىيە ۋە دۆلەت قايسى يولنى تاللاشتەك مۇھىم، زور تارىخىي ئاچقۇچلۇق پەيتكە دۇچ كەلدى. ئەينى چاغدا، دۇنيا ئىقتسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى ئون يىللىق ئىچكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، خەلقنىڭ كىيىش- تويۇشىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى، دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئىشلار گۈللىنىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. پارتىيە ئىچى- سىرتىدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت مۈشكۈل ئەھۋالدا قايتىدىن غەيرەتكە كەلدى. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەگەر ئەمدى ئىسلاھاتنى يولغا قويمايدىغان بولساق، بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىز ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىز نابۇت بولىدۇ». يەنە دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پارتىيەمىز 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەمىز تارىخىدا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس» «بىز دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇ، ئىسلاھات يەتمەكچى بولغان مەقسەت». 40 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەيۋەتلىك چوڭ دولقۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش ئاساسىدا، دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئۇزاقتىن بۇيانقى «سولچىل» خاتالىقنىڭ ئېغىر ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئىككى ئومۇمەن» خاتا فاڭجېنىنى تەنقىد قىلىپ، جەزمەن تولۇق، توغرا بولغان ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ئىگىلەنگەن ئىلمىي سىستېمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش»قا كەسكىن خاتىمە بېرىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى، سىياسىي لۇشيەنى، تەشكىلي لۇشيەنىنى قايتىدىن تۇرغۇزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر مۇقەددىمىسى ئېچىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى باشلاندى.
«ئىنقىلاب ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلغانلىق، ئىسلاھاتمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلغانلىق». 40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ «ئۇلۇغ ئىنقىلاب» دەپ ئاتىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئۇنىڭ ئوخشاشلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلغانلىقىدا. يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن كېڭەيتىشكىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە؛ دېڭىز بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، «دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىش»تىن «ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش»كىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقىچە، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشتەك تارىخىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك دەۋر دولقۇنىغا ماسلاشتى. بۈگۈن، بىر قاتار «دۇنيا بويىچە بىرىنچى»لەرنى تىرەك قىلغان گۈللىنىش ئارزۇسى، بىر قاتار «دۇنيادىكى مۆجىزە»لەر جاكارلىغان ئۇلۇغ ھالقىشلارنىڭ ھەممىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا شۇنى بىلدۈردىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش، بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
يۆنىلىشنى توغرا تاللىغاندا، ئاندىن ئىلگىرىلەشتە قايمۇقۇپ قالمايدۇ؛ يولنى توغرا ماڭغاندا، ئاندىن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ. 40 يىل باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق ياراتتۇق؛ 40 يىل مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالمىدۇق، مەڭگۈ توختاپ قالمايمىز. بۈگۈن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش روھى زامانىمىزدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسىگە ئايلاندى؛ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋردە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇقەررەر ھالدا دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك يېڭى داستانىنى يازىدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)