تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نىيە قارا توخۇسى نامرات ئاممىنىڭ بېيىش دەرۋازىسىنى «چوقۇلاپ» ئاچتى

  مۇخبىرىمىز چېن چېن

  11- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر نىيە ناھىيەسىنىڭ يېيىق يېزىسى ئاقتاش كەنتىدىكى نىيە قارا توخۇسى باقمىچىلىق فېرمىسىغا بارغىنىدا، كۆپكۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ تۇراتتى، قاتار كەتكەن كۆك- ئاق رەڭلىك ئۆلچەملەشكەن توخۇ كاتەكلىرى ناھايىتى رەتلىك سېلىنغانىدى.

  باقمىچىلىق فېرمىسىدا توخۇلارغا دان بېرىۋاتقان رۇقىيە بارات مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئېرىم ئىككىمىز بۇ يەردە 6300 نىيە قارا توخۇسى باقىمىز، شىركەت بىزنى ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىدى، ئىككىمىزنىڭ ئايلىق مائاشى 5300 يۈەندىن ئاشىدۇ.

  رۇقىيە ئەر- خوتۇن نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسى شياڭخې كەنتىدىن. 2016- يىلى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن شىنجاڭ كوئېنلۇن نىيە ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرغان بۇ نىيە قارا توخۇسى باقمىچىلىق فېرمىسىغا كېلىپ توخۇ باقتى. باقمىچىلىق فېرمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭۋېي مۇنداق دېدى: فېرمىمىزدا رۇقىيەگە ئوخشاش ھەرقايسى يېزا- كەنتلەردىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 83 ى بار، ئۇلار 260 مىڭ نىيە قارا توخۇسى باقىدۇ.

  شىنجاڭ كوئېنلۇن نىيە ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى شىنجاڭ خەيدا (گۇرۇھى) 2014- يىلى 860 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، شىركەت شۇ جاينىڭ خاس بايلىقى ــــ نىيە قارا توخۇسىنى بېقىپ، يەرلىكتىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  شىركەتنىڭ باش مۇدىرى زوۋ شۆيىن مۇنداق دېدى: خادىم قوبۇل قىلىشتا، شىركەت ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ھەربىر نامرات ئائىلىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، قوشنا يېزىلار قاتنىشىش، ھەممە ئادەم بېيىش»تەك كارخانا نامراتلارنى يۆلەيدىغان يېڭى يولنى ئاچتى.

  يەرلىك ئاھالىنىڭ كەسپىي ماھارىتى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولغاچقا، شىركەت «ئىشلىتىپ تەربىيەلەش، بىر تەرەپتىن ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن پىراكتىكا قىلدۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىم يارىتىش بىلەن ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى يەرلىك ئاھالىگە قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇلارغا بەلگىلىك باقمىچىلىق، سويۇپ پىششىقلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلىتىپ، دېھقانلارنىڭ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  زوۋ شۆيىن مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش ئارقىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قارىشىدا ئۈنۈملۈك ئۆزگىرىش بولدى، پەن- تېخنىكا ئېڭى ئۆستى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى.

  ئاقتاش كەنتىنىڭ بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئاھالىسى بۇخەلچەم ئەركىن ھازىر شىركەتنىڭ بىر باشقۇرغۇچىسى، ئۇ نىيە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن بۇ شىركەتكە كەلگەن. بۇخەلچەم خۇشال ھالدا: مەن ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالالايمەن، دېدى.

  ھازىر، شىركەتنىڭ باقمىچىلىق فېرمىسى، نەسىللىك توخۇ فېرمىسى، چۈجە چىقىرىش فېرمىسى، چۈجە بېقىش فېرمىسى، قۇشخانىسىدا بۇخەلچەمگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىسىدىن 376 سى بار، ھەر بىر خىزمەتچى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى