تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

‹‹ئەمەلىي›› بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹قاتتىق ئۆتكەل››دىن بۆسۈپ ئۆتۈش

  فەن خۇڭيى

  10 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ 2 – بېتىگە ‹‹ئۆزگىچە باقمىچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى <تۈرتكۈچ>كە ئايلاندى›› ماۋزۇلۇق خەۋەر بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش داۋامىدا، نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتكەنلىكى سۆزلەندى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىق سېلىشى ۋە قوشۇلۇشى ئارقىلىق نىلقا ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى دۆلەتنىڭ مەخسۇس باھالاپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە خەۋىرى ئۈزلۈكسىز تارقىلىپ تۇردى، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، كىشىنى خۇش قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ئاپتونوم رايونىمىزدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دۆلىتىمىزدىكى ‹‹ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست››تىن ئىبارەت ئېغىر نامرات تۇتاش رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ۋە ‹‹قاتتىق سۆڭەك››. بىز چوقۇم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، ‹‹ئەمەلىي›› بولۇشنى گەۋدىلەندۈرسەكلا، ‹‹قاتتىق ئۆتكەل››دىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمىز.

  ھېسسىيات ئەمەلىي بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئىزچىل قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا پۈكۈپ كەلدى. ھەر قېتىملىق نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر قېتىملىق كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىش، ھەر قېتىملىق يانمۇيان ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىش، باش شۇجى نامرات ئاممىغا رىشتە باغلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ‹‹خەلقنى سۆيۈش ئەڭ يۈكسەك پەزىلەتتۇر››. نامرات ئامما ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن كۆيۈنۈشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ھەقىقىي ھېسسىيات، مېھىر – مۇھەببەتنى بېغىشلاشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سەمىمىي ساداقىتى بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى مۇھىم ئورۇنغىچە، ئىنچىكە نۇقتىغىچە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېھىر – مۇھەببەتنى يۈكسەلدۈرمەكتە، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى نۇرلاندۇرماقتا، ئەل قەلبىنى تەسىرلەندۈرمەكتە. نامرات ئاممىغا ھەقىقىي ھېسسىيات، چىن مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئاممىنى چىن قەلبىدىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلغىلى، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتقىلى بولىدۇ.

  تەدبىر ئەمەلىي بولۇش كېرەك. ‹‹ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئېغىر نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبنى توغرا تېپىپ، قاراتمىلىقى بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، بىزنى جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان ئەمەلىيەت كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى تەدبىرلىرىنى تىلغا ئالساق، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى بەشتوغراق كەنتى ئاھالىسى مەمتىمىن ئابدۇقادىر بۇ تەدبىردىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئائىلىسى يۇلغۇنلۇقتا توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈپ، يىللىق كىرىمىنى 150 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى توشقانزەدىكىنى ئۇلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغاندىن كېيىن، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يۇلغۇنلۇقتا توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، باشقۇرغۇچىلار، تېخنىكلار، دېھقان – چارۋىچى ئاممىنى تەربىيەلەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى يۇلغۇنلۇقتا ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلۇق توشقانزەدىكى ئۇرۇقلۇقى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى ھوسۇل، مۇقىم ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قوللىنىپ، مەقسەتلىك ئىش قىلغاندىلا، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پىكىر يولىنى توغرىلاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلىگەندىلا، ئېغىر نامراتلىقنى تامامەن تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  ئىستىلدا ئەمەلىي بولۇش كېرەك. ‹‹شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەشتە، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى چوقۇم ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانى چوقۇم پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى چوقۇم ھەقىقىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ھەقىقىي ئېرىشىدىغان بولۇشى، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك››. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە زور بولىدۇ، قېپ قالغىنىنىڭ ھەممىسى غاجاش تەس بولغان ‹‹قاتتىق سۆڭەك››تۇر، شۇڭا، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىر تەدبىرنى پۇختا تۇتۇپ، ھەربىر مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ‹‹قاتتىق ئۇرۇش ئىچىدىكى قاتتىق ئۇرۇش››تا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىردى. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ قەدىرلەش كېرەك. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ئەمەلىي›› بولۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرساقلا، بۇ مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ