تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن» ئون شەخىس نامزاتى روزىھاجى مەمەت توغرىسىدا
قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى مەرھابا ئېزىز
ئەمالار راستىنلا ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەمدۇ؟ ياق، ئەمالار ئارىسىدىمۇ ھەر ۋاقىت قەلبى ئارقىلىق باھارنى كۆرەلەيدىغان، گۈزەل دۇنيانىڭ، رەڭدار تۇرمۇشنىڭ، گۈل-چېچەكلەرنىڭ ھىدىنى پۇرىيالايدىغان، ئۆز ئەجىر مېھنىتى ئارقىلىق دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ يارىتىشنى ئويلايدىغان سۆيۈملۈك كىشىلەر بار. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا يەنە ئەتراپىدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۆز ھاياتىنى قىممەتلىك مەنالارغا ئىگە قىلىپ ياشاۋاتقان بىر يىگىت بار، ئۇ يىگىت «مېھىر-مۇھەببەت بولسىلا، كىشىلىك ھاياتتا زىمىستان قىش مەۋجۇت بولمايدۇ» دەيدىغان ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىدا باھار گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇپ ياشاپ كەلمەكتە.
2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ «قۇتبى» ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمالار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك، قەشقەر شەھەرلىك ئەمالار جەمئىيتىىنىڭ رەئىسى روزىھاجى مەمەتنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە ئۇنى ئىزدەپ بارغىنمىدا، ئۇ خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئېچىۋاتقانىكەن، شۇڭا ئۇنى ساقلىغاچ، دىجورنى خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا دوختۇرخانىنىڭ بۆلۈم-ئىشخانىلىرىنى ئايلاندىم. تۆت قەۋەتلىك، 1500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى بۇ دوختۇرخانىنىڭ بۆلۈم-ئىشخانىلىرى مەخسۇسلاشقان بولۇپ، بۆلۈملەر ئۇۋىلاش، مايلاپ قاقلاش، پۇت ھورداق، قۇمغا كۆمۈش، لوڭقا قويۇش، بەل، بويۇن سوزۇش، يىڭنە سانجىش، شور كارىۋات، بەل تېڭىش قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرى بويىچە تەسىس قىلىنغانىدى، ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى ساپالىق خادىملار، ئەلا مۇلازىمەتنى كۆرۈپ، بۇ دوختۇرخانىنى قۇرۇپ مۇشۇنچىلىك ھالەتكە ئەكەلگەن شۇ كىشى بىلەن تېزرەك سۆھبەتتە بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم.
ئالاھىزەل 20 مىنۇتلاردىن كېيىن يىغىن تۈگەپ، روزىھاجى چىقتى، 35 ياشلار چامىسىدىكى بۇ يىگىتنى بۇرۇن كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە قارا رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان ھالەتتە بىر-ئىككى قېتىم يىراقتىن كۆرگەن بولساممۇ، بۈگۈنكىدەك يېقىندىن ئەسرار بولۇشۇم تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى، شۇڭا سالام-سەھەت ئارىلىقىدا نەزەرىم ئۇنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىگە چۈشكەندە، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ياراتقان نەتىجىلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم، شەرەپ تاختىلىرى ۋە ئاغرىقلارنىڭ تەشەككۇر لەۋھەلىرى بىلەن تولغان ئازادە ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن، سۆھبىتىمىزنى تەبىئىيلا باشلاپ كەتتۇق.
- دوختۇرخانىنى خېلىلا كۆلەملەشتۈرۈپ سېلىۋاپلا، مۇبارەك بولسۇن. بۇنىڭغا قانچىلىك مەبلەغ سالدىلا؟
- پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، جۈملىدىن مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-يۆلەش جەھەتتىكى سىياسەتلىرى، شۇنداقلا ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىشىم تەس ئىدى. دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي 4مىليون يۈەن مەبلەغ سالدىم، بۇنىڭغا ئالاقىدار تارماقلار 300 مىڭ يۈەن ئايلانما مەبلەغ، 200 مىڭ يۈەنلىك ئۈسكۈنە-ئەسلىھە، 50 مىڭ يۈەن رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغى بولۇپ جەمئىي 550 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. ھازىر دوختۇرخانىمىزدا جەمئىي 38 ئىشچى-خىزمەتچى بار، بۇلارنىڭ 32 نەپىرى مېيىپ، مېيىپلەر خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %85 ىنى ئىگىلەيدۇ. داۋالاش تۈرلىرىمىز ئەسلىدىكى ئۇۋىلاشتىن ھازىر تەرەققىي قىلىپ 19 خىلغا يەتتى. دوختۇرخانىمىزدا داۋالىنىدىغان ئاغىرىقلارمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.
زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان روزىھاجى كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئىدى، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ نۇر سېزىمى بار بولۇپ، بىر نەرسىلەرنى غۇۋا بولسىمۇ كۆرەتتى، شۇڭا ئۇ مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن، ئوقۇشنى تەلەپ قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىلىكى، مەخسۇس ئەمالار مەكتىپى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتەلمىدى، لېكىن يەنىلا ئۆگىنىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەي، سىڭلىسى مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆگىنىپ، سىڭلىسىغا ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ، شۇ جەرياندا ساۋاتىنى چىقىرىۋالدى، ئۇ «ھامان بىر كۈنى ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دەپ ئويلايتتى. «سەۋىر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر» دېگەندەك ئۇ 2000-يىلى قەشقەر شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نۇر سېزىمى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىشتا ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغان بۇ «ئارزۇلۇق يىگىت» بۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، قەتئىي ئىرادە بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىككى ئايدىلا ئەمالار يېزىقىنى ئىگىلەپ، كەسىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 2001-يىلى ائ-9يدىن 2004-يىلى7-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇۋىلاپ داۋالاش كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇپ ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومى، 2004-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى بويىچە يىڭنە سانجىپ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇپ ئالىي تېخنىكوم دىپلومى ئالدى ھەمدە شۇ يىلى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، ئۇۋىلاش ئاساس قىلىنغان، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن «روزىھاجى ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورنى»نى قۇردى.
ئەمالارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى تولىمۇ قىيىن ھەم جاپالىق، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن «ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇۋىلاش ئۇستىسى» تېخنىكا دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئېلىپ بولغان روزىھاجى ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورنى ئاچقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملىرىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخىمۇ پىششقلاپ، يېڭى تېخنىكىسى، ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن ئاغرىقلارنى رازى قىلىشقا تىرىشتى ھەمدە بۇ جەرياندا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بېكىتىش مەركىزىنىڭ «ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى»نى ئىلىپ، قەشقەر شەھىرىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئالىي دەرىجىلىك ئۇۋىلاش ئۇستىسىغا ئايلاندى.
روزىھاجىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئاغرىقلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى «روزىھاجى ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورنى» ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى، شۇڭا روزىھاجى 2015-يىلى 6-ئايدا ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورنىنى دوختۇرخانىغا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاپ، بىر يىلدا قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ، 2016-يىلى 7-ئايدا دوختۇرخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتى ئارقىلىق بۇ دوختۇرخانىنى بەل-بويۇن ئومۇرتقىسىغا كۆمۈرچەك ئۆسۈپ قېلىش، رېماتىزىم، بوغۇم ياللۇغى، بوغۇملارنىڭ زەخمىلىنىشى، پەي-مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش، پالەچ، ئىچكى كېسەللىكلەردىن ئاشقازان ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە دوختۇرخانىغا ئايلاندۇردى. ئۇ يەنە دوختۇرخانىدا بۇ كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش تۈرلىرىنىمۇ يولغا قويۇپ، «قەشقەر ئەمالار ساقلىقنى ساقلاش، ئۇۋىلاش، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى» نى تەسىس قىلدى، دوختۇرخانىنىڭ ئوقۇتۇش قوشۇنىنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئۇۋىلاش ئۇستىسىنى 11گە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇۋىلاش ئۇستىسىنى ئالتىگە يەتكۈزدى. روزىھاجىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەنلەردىن ئۈچ نەپەر كەسپىي خادىم ئۆز ئالدىغا ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورۇنلىرىدا يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارمۇ كۆپەيدى، ھازىر بۇ تەربىيەلەش بازىسىدا تەربىيەلىنىۋاتقانلار قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، تەربىيەلەشتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.
گەرچە روزىھاجىنىڭ كىرىمى ئۇنچىۋالا كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يىللاردىن بۇيان قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى توختىتىپ قويمىدى، ھەر قېتىم يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم-كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنى ئىلىپ بەردى، ئۇ ھازىرغىچە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار خېلى كۆپ ئوتتۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەردى، لېكىن ئۇ بۇ توغرىلىق سورىغان سوئالىمنى جاۋابسىز قويۇپ مۇنداق دېدى:
- كونىلاردا «ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن» دەيدىغان گەپ بار، مېنىڭ بۇ ياردىمىم بەزى ساخاۋەتچىلەر قىلىۋاتقان ئىشلار ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۆز ئارزۇيۇمدىكىدەك ئوقۇيالمىغان، بۇ قەلبىمدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈش، شۇڭا ئاشۇ قىيىنچلىقى بار بالىلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرەلىسەم، ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپقاندەك بولىمەن.
- مەن بىر تېببىي خادىم، ئۆز نۆۋىتىدە بىر كىچىك كارخانىچى، شۇنداقلا قەشقەردىكى ئەما دوستلارنىڭ ۋەكىلى، - دېدى روزىھاجى بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمغا جاۋاب بېرىپ، - مەن 2008-يىلى ۋىلايەتلىك، قەشقەر شەھەرلىك ئەمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزدىكى ئەمالار سانىنىڭ 28 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدىم، بۇ سان ئومۇمىي مېيىپلەر سانىنىڭ %13 ىنى ئىگىلەيدۇ، مەن دوختۇرخانام ۋە كەسپىم ئارقىلىق مۇشۇ 28 مىڭ ئەمانىڭ 280ىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالىسام ياكى ئىش تېپىپ بېرەلىسەم، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتىم، شۇنداقلا ئەمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېگەن نامغىمۇ مۇناسىپ ئىش قىلغان بولاتتىم. مۇشۇ بويىچە بۇلتۇر 38 كىشىنى تەربىيەلىگەنىدىم، بۇ يىل 80 كىشىنى تەربىيەلەشنى پىلانلاۋاتىمەن.
قىلغان ئەجىر يەردە قالمايدۇ، روزىھاجى مەمەت يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى، 2010-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالىنىپ، شۇ چاغدىكى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى؛ 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە «ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالىنىپ، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۆلەت رەھبەرلىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇكېرىمجان ئابدۇقادىر روزىھاجى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئۇستازىمىز روزىھاجىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش روھى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ، ئەمالار يېزىقى، تور ۋە ئۈنگە ئېلىنغان ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇۋۇلاپ داۋالاش كەسپىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ ئاكىمىز تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان، كۆيۈمچان. مەن بۇ ئورۇندا مالىيە خىزمتىنى قىلغاندىن سىرت، ئۇۋۇلاپ داۋالاش كەسپىنى ئۆگىنىۋاتىمەن، كىرىمىممۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىپ، مۇشۇ ئورۇنغا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇشنى ئويلايمەن.
مەن بۇ ئەما يىگىتنىڭ روھىدىن ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلەندىم. ئۇ ئۆزىنىڭ پارلاپ تۇرغان قۇياشتەك ئەھمىيەتلىك ياشلىقى ئارقىلىق «ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى» دېگەن ھېكمەتنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك چوققىلىرى يار بولغۇسى.