تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قوشماقلىشىش ئۇلارنى بېيىش يولىغا باشلىدى

زۇلپىقار بەكرى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇخبىر غۇلجا شەھەر قارادۆڭ يېزا توپادەڭ كەنتىگە قاراشلىق كۆكلەم بازىسىدىكى دېھقان نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ پارنىكىدا دېھقان تېخنىك دۇڭ خۇاپىڭنىڭ «ئاكا»سى نۇرمەھەممەت تۇرسۇنغا مېۋىگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان شوخلىنىڭ تۈپلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگىتىۋاتاتقانلىقىنى، نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتقانلىقىنى كۆردى.

  غۇلجا شەھەر قارادۆڭ يېزا توپادەڭ كەنتىدىكى دېھقان نۇرمەھەممەت تۇرسۇن بىلەن دۇڭ خۇاپىڭنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بۇ ئىككى ئائىلىنى تەڭ بېيىش يولىغا باشلىغان ئىدى. دۇڭ خۇاپىڭ كەنت بويىچە بېيىش ئۈلگىسى ھەم دېھقان تېخنىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىتىشى ۋە يېتەكلىشى نەتىجىسىدە نۇرمەھەممەت تۇرسۇنمۇ ھازىر پارنىكتا كۆكتات يېتىشتۈرۈش تېخنىكىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى پارنىكتا كۆكتات يېتىشتۈرۈپ مەھسۇلات ئالالماي تاشلىۋەتكىنىگە ئۈچ يىل بولغان پارنىكىغا قايتىدىن جان كىرگۈزۈپ، پارنىكلاردىن مول ھوسۇل ئېلىش ئېشەنچى ئاشتى. ئەسلىدە بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى كەنتتە ئويۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق پائالىيەتتىن باشلانغان ئىدى.

  نۇرمەھەممەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پارنىك تېرىقچىلىقىغا ئائىت تەجرىبەم بولمىغاچقا، پارنىكلاردىن ياخشى كىرىم قىلالماي زىيان تارتىپ بۇ كەسىپنى بىر قانچە يىل تاشلىۋەتكەن ئىدىم. دۇڭ خۇاپىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، پارنىك تېرىقچىلىقىنى قايتىدىن باشلىدىم. دۇڭ خۇاپىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يەر ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش ۋە دورا چېچىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەندىن سىرت، يەنە ئۆزى يېتىشتۈرگەن ئەلا سورتلۇق شوخلا ۋە مۇچ مايسىلىرىنى ئۈچ پارنىكىمغا يەتكۈدەك تەمىنلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېيىش يولىدا ماڭىمەن».

  بۇ يىل 2-ئايدا قارادۆڭ يېزا توپادەڭ كەنتى بىر قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش» پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە كەنتتىكى ھەر مىللەتتىن بولغان دېھقانلار، بېيىش باشلامچىلىرى ۋە كەنت كادىرلىرى قاتناشتى. شۇلار قاتارىدا دۇڭ خۇاپىڭ بىلەن نۇرمۇھەممەت بار ئىدى. پائالىيەتتە مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى يۆلەش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتتە دۇڭ خۇاپىڭ نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئۇنىڭ ئىلگىرى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن تېخنىكا ئاساسى ئاجىز بولۇش سەۋەبىدىن پارنىك تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، نۇرمۇھەممەت بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ دۇڭ خۇاپىڭ بىلەن تۇغقان بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن بىلەن دۇڭ خۇاپىڭ شۇ كۈندىن تارتىپ «ئاكا-ئۇكا» بولۇشتى. دۇڭ خۇاپىڭ نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئۈچ پارنىكىنى قايتىدىن رېمونت قىلىپ، پارنىكقا شوخلا، قىزىل ۋە كۆك مۇچ مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ، پارنىكنى ئۆزى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتىكى تېخنىكلىق بىلىملەرنى زېرىكمەي ئۆگەتتى. نەتىجىدە دۇڭ خۇاپىڭنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ ئۈچ پارنىكىدىكى كۆكتات مايسىلىرى تولۇق ئەي بولۇپ، مېۋە بېرىش باسقۇچىغا كىردى.

  دۇڭ خۇاپىڭ مۇنداق دېدى: «نۇرمەھەممەت تۇرسۇن ئىشچان، چېچەن ئادەم بولغاچقا، ئۆگەتكەن تېخنىكىلىق ھالقىلارنى تېزدىن ئىگىلىۋالدى. يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ پارنىكىدىكى شوخلا ۋە مۇچلار بازارغا كىرىدۇ. مەن يەنە تېخى كۆكتاتلارنى سېتىش ئىشلىرىغا ئۆزۈم مەسئۇل بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدىم، بىز بۇنىڭدىن كېيىن يېقىن ئۆتىمىز».

  سۈرەتتە: دۇڭ خۇاپىڭ (سولدا) نۇرمەھەممەت تۇرسۇنغا تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ