تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ھۈجەيرە» قۇرۇلۇشىدا جىلۋىلەنگەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى

  غۇلجا گېزىتى مۇخبىرى ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: «ئاددىي - مۇۋاپىق، يېشىل - تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش، ئىقتىسادچىل ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، ئامما ئورتاق ئىشتىراك قىلىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

  غۇلجا شەھەر كېپەكيۈزى يېزا ئىتتىپاق كەنتى بۇ يىل ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، گۈزەل كەنت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭى ئىناۋىتىنى باھالاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى.

  ئىتتىپاق كەنتى 4-گۇرۇپپىسىدىكى رابىيە بەكرىنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل كەنت بويىچە «گۈزەل ئائىلە» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇخبىر رابىيە بەكرىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا ئۇ يولدىشى بىلەن باراڭدىكى ئۈزۈم تاللىرىنى چۈشۈرۈۋاتقانىدى. بىر مو كېلىدىغان ھويلا پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆكتاتزارلىققا يېسىۋىلەك تېرىلغان، ئەتراپقا چۆنەك ئېلىنىپ، ئالما، گىلاس، ئالگىرات كۆچەتلىرى تىكىلگەن، تۆمۈر قۇرۇلمىلىق باراڭ ياسىلىپ، ئۈزۈم، قاپاق ئۆستۈرۈلگەن، باراڭ ئاستىغا رەڭلىك خىش ياتقۇزۇلغان، ھاجەتخانىمۇ ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ، دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يول بويىغا گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈلۈپ، ھويلا بەئەينى بىر گۈلزارلىققا ئايلانغانىدى. رابىيە بەكرى مۇنداق دېدى: ئائىلىمىز ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كەنت بويىچە ئۇدا «تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئائىلە» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى، ئىلگىرى تازىلىققا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرەلمىگەنلىكىمدىن قوشنا - قولۇملار ئالدىدا بەكمۇ خىجىل بولغانىدىم. ھازىر ھەر كۈنى ھويلا- ئاران، كوچىنى سۈپۈرۈپ تازىلايمەن. كوچا - كويلار، ھويلا- ئارانلار پاكىز تۇرسا، ئادەم خۇددىي ئازادىچىلىككە چىقىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدىكەن، مەھەللە مۇھىتىمۇ گۈزەللىشىدىكەن.

  بۇ كەنت بۇ يىل ئاھالىلەرنى ھويلا- ئارانلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، دەرۋازا ئالدى، كوچىلارنى ھەر كۈنى پاكىز تازىلاپ تۇرۇش، ئەخلەتلەرنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تۆكۈش، ھويلىرىدا گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش، مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىش، مەنزىرە دەرەخ كۆچىتى تىكىش، كۆكتات تېرىش، ئۈزۈم باراڭ ياساشقا سەپەرۋەر قىلىپ، گۈزەل كەنت قۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى. بۇ كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قەلبىنۇر باۋۇدۇن بۇ يىل ئەتىيازدا كەنتتىن بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئەتىرگۈل كۆچىتى يېتىشتۇرۇپ، 3000تالدىن ئارتۇق كۆچەتنى ئاھالىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ھەمدە گۈل ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. كوچا تاملىرى ئاقارتىلدى. كەنتتىكى بەش دېھقان پىدائىي بولۇپ، ھەر كۈنى كەنت چوڭ يولى ۋە ئەسلىھەلەرنى تازىلاشقا مەسئۇل بولدى. يېزا ۋە كەنتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇشلار، قانۇنسىز دەرەخ كېسىش، ئەۋرەز يولى ئارقىلىق كوچىغا يۇندا ئاققۇزۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەرتىپكە سالدى. ئىككى كوچا ئارىلىقىغا ئەخلەت تۆكۈش ئورنى ياسىدى، ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىدىن ئىككىنى، ئەخلەت ساندۇقىدىن تۆتنى سەپلىدى. بۇ يىل 4-ئايدا بۇ كەنتتىكى ھەر مىللەتتىن بولغان پېنسىيونېر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئامما ۋەكىلى بولۇپ سەككىز كىشى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ئەترىتى قۇرۇپ، ھەر كۈنى سائەت بەش، ئالتىدە مەھەللە، كوچىلارنى ئارىلاپ، ئاھالىلەرنى ھويلا- ئاران، دەرۋازا ئالدى، كوچىلارنى تازىلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭى ئىناۋىتىنى باھالىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەردە مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك قىزغىن سۆيۈشتەك كەيپىيات شەكىللەندى.

  ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ كەنتتە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بۇ كەنتتىكى گۈلمىرە ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھاۋا سوۋۇشى بىلەن مەشكە كۆمۈر قالايتتۇق، بىر يىلدا 200كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيۈمنى ئىسستىش ئۈچۈن ئالتە توننادىن ئارتۇق كۆمۈر كېتەتتى. مۇتەخەسسىسلەردىن ئاڭلىشىمچە، كۆمۈر كۆيگەندە كاربون ( Ⅳ )ئوكسىد، گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد ۋە باشقا بۇلغىمىلار قويۇپ بېرىلىدىكەن. بۇ كېرەكسىز گاز ئاتموسفېرانىڭ ئاساسلىق بۇلغاش مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا بۇ يىل كۆمۈر ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، تەننەرخى سەل يۇقىرى بولسىمۇ ئۆيۈمگە توك پار ئورناتتىم.توك پار پاكىز، بىخەتەر بولىدىكەن.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىكى بۇ «ھۈجەيرە» قۇرۇلۇشى كەنتنىڭ گۈزەل، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، بۇ كەنت ھەر ھەپتىدە ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭى ئىناۋىتىنى باھالاپ، نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، كۆچمە قىزىلبايراق ئارقىلىق ئىناۋىتى يۇقىرى ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاپ، ئىناۋىتى تۆۋەن ئائىلىلەرگە تېزدىن ئۆزگەرتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنى مۇھىتنى سۆيۈش، گۈزەل كەنت بەرپا قىلىشقا يېتەكلىدى.

  ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭىنى باھالاش ھازىر بۇ يېزىدا نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭەيدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ كېپەكيۈزى يېزىسىدىكى كېپەكيۈزى، ئارا مەھەللە كەنتىدىمۇ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، يېزا بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭى ئىناۋىتىنى باھالاش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان، 2043ئائىلە بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان، 1200ئائىلىگە «گۈزەل ئائىلە» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان. ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭى ئىناۋىتىنى باھالاش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇچ كەنتتىكى ئاھالىلەرنى باھالاش ھەر ھەپتىدە يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلغان. ھەر پەسىلدە بىر قېتىم كەنتلەر ئارا سېلىشتۇرۇپ باھالاش يولغا قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ