تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھاكىم ۋاسىتىچى بولدى، دېھقاننىڭ «ھەميان»ى تولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت

  − ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ تيەنجىن شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى يۇرتداشلار ئۆز قولى بىلەن پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرگەن چىلان، ياڭاقلار شەھىرىمىزدە بىۋاسىتە سېتىلىۋېتىپتۇ، بىزمۇ سېتىۋېلىپ، تېتىپ كۆرمەيمىزمۇ؟!

  − راست، بۇ قېتىم مەھسۇلاتلارنى چىرا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئۆزى ئېلىپ كەپتۇ، رادىيو، تورلاردىمۇ تونۇشتۇردى تېخى......

  يېقىندىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى ئاھالىلىرى ئارىسىدا يۇقىرىقىدەك خەۋەر ئېغىزدىن- ئېغىزغا تارقىلىپ، چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىردىنلا بازىرى چىقىپ كەتتى. چىرا ناھىيەسىدىن يۆتكەپ بېرىلغان نەچچە ئون توننا چىلان، ياڭاق تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى، ھەتتا كېلەر يىللىق ھوسۇلغا خېرىدار بولغان كارخانىلار، ۋاسىتىچىلەر، شەخسلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تيەنجىندە بىردىنلا بۇنداق بازارلىق بولۇپ كېتىشىنى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغانلىقىدىن بولدى، دېگەندىن كۆرە، تيەنجىن- چىرا خەلقىنىڭ دوستلۇقى، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلارچە ياردەمنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ نەتىجىسى دېگەن تۈزۈك ئىدى.

  ھاكىمنىڭ پىلانى

  بۇ يىل مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. چىرا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شاۋكەت ياسىن دېھقانلارنى بىر يىللىق قان- تەرى، ئەجرىگە لايىق كىرىمگە ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇرۇپ، چىرا ناھىيەسىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىپ بېرىش ئويىغا كەلدى. ئۇ تيەنجىن شەھىرىدە نوپۇسنىڭ كۆپلۈكى، ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، توردىن مەخسۇس تيەنجىن شەھىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم تيەنجىنگە بېرىپ، تيەنجىندىكى قېرىنداشلىرىغا ئۆزلىرى ياردەم بېرىۋاتقان يىراق يۇرتنىڭ كوزىر مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئويىغا كەلدى ۋە بىر قاتار تەپسىلىي پىلانلارنى تۈزدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تيەنجىندە مەخسۇس چىرا ناھىيەسىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ھەم سېتىش يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ بەردى.

  قىزىغان سودا

  «چىرا ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، بىر يىلدىكى قىروۋسىز مەزگىل 209 كۈنگە يېتىدۇ، چىلاننىڭ پىشىش ۋاقتى ئۇزاق، چىلانلار قاراقۇرۇم تېغىنىڭ قار- مۇز سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، تەبىئىي شارائىتتا قۇرۇتۇلىدۇ، سانائەتتىن بۇلغىنىش يوق، شۇڭا چىرا چىلانلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى ھەم تەملىك...»

  11- ئاينىڭ 21- كۈنى، تيەنجىن «لىخۇا» مېھمانسارىيىدا ئېچىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» − يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا چىرا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم شاۋكەت ياسىن يىغىن ئەھلىگە چىرا چىلىنىنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇردى. ياڭاق، ئانار، توشقانزەدىكى، پىچەكگۈل، ھەسەل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارىسىغا تىزىلغان تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى چىلانلار يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانىدى.

  ھاكىم چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا سودا ناھايىتى قىزىپ كەتتى. تاقىتى تاق بولغان خېرىدارلار بەس- بەستە مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى، بىر كۈن ئىچىدىلا چىرا ناھىيەسىدىن ئېلىپ بېرىلغان 7463 توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلىپ بولدى.

  2017- يىللىق 8- نۆۋەتلىك تيەنجىن يېمەك- ئىچمەك يەرمەنكىسى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى باشلاندى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە، تيەنجىن يېمەك- ئىچمەك گۇرۇھى شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن چىرا ناھىيەسىگە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يايما ئورنى تەسىس قىلىپ بەردى. يەرمەنكە زالىدا چىرا ناھىيەسىنىڭ يايما ئورنى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، تۇنجى كۈنى ئىككى سائەتتىلا 20 نەچچە توننا مەھسۇلات سېتىلىپ تۈگىدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ ۋېي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىرلارنى باشلاپ يەرمەنكە زالىغا كېلىپ، ئۇلارغا ياردەملەشتى، يەرمەنكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مەھسۇلاتلار ئېھتىياجنى قامدىيالمىدى.

  «ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز كەپتۇ...»

  شاۋكەت ياسىن تيەنجىنگە كېلىپلا، تيەنجىن شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسىغا بېرىپ، يۇرتى چىرا ناھىيەسىنى، يۇرتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تور، مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدارلاردا «چىرا ناھىيەسىدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغىلى، مەھسۇلاتلىرىغا بازار ئاچقىلى تيەنجىنگە كەپتۇ، تۇغقاندارچىلىقىمىزنى يەتكۈزمىسەك بولماس...» دېگەن مەزمۇنلاردىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىپ، بەس- بەستە بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىدى. تيەنجىن شەھىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن سەككىز تۈركۈمدىكى كادىرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەھەر خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى خىزمەت جەريانلىرىنى، خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى، يېشىل مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇ پائالىيەتكە نۇرغۇن كارخانىلارمۇ ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى. بەزى چوڭ كارخانىلار چىرا ناھىيەسى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تيەنجىندە بازىرى چىقىشى بىلەن تەڭ، نەچچە كۈن ئىچىدە چىرا چىلىنىنىڭ باھاسى ئۆستى، دېھقانلارنىڭمۇ بېيىش ئىشەنچى كۈچىيىپ، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى. چىرا ناھىيەسى تيەنجىن يېمەك- ئىچمەك گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەھسۇلاتلارنى دېھقانلارنىڭ قولىدىن تيەنجىندىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تيەنجىن شەھىرىدە چىرا ناھىيەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش نۇقتىسىدىن 20 نەچچىنى تەسىس قىلدى.

  «ئىتتىپاقلىق كۈيى» مەڭگۈ ياڭرايدۇ

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تيەنجىن شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئامما قاتنىشىپ، ھاكىمغا چىرا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بىلەن ئۇرۇق- تۇغقان بولۇش، كېلەر يىلىدىن باشلاپ، تۇغقانلىرىنىڭ چىلانلىرىنى بىراقلا سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشتى. بۇ قېتىم چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تيەنجىندە بازار تېپىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى. تيەنجىن شەھىرى چىرا ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە چىرا خەلقىگە نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ قېتىم تيەنجىن خەلقى چىرا دېھقانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا كەڭ بازار ئېچىپ بەردى، دېھقانلار بۇنىڭدىن تيەنجىندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى، چىرا خەلقى بىلەن تيەنجىن خەلقىنىڭ دوستلۇقى، مېھىر- مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيى تېخىمۇ ياڭرىدى. چىرا ناھىيەسى مۇشۇ پۇرسەتتە تيەنجىن خەلقى بىلەن چىرا خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر دېھقاننى تيەنجىندىكى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن مەخسۇس «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش كارتىسى» لايىھەلەپ، دېھقاننىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى ئېنىق يېزىلغان كارتىنى چىلان بىلەن قوشۇپ نەپىس خالتىغا قاچىلاپ، تيەنجىن- چىرا دوستلۇقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولدى.

  − بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى پىلانىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى، − دېدى شاۋكەت ياسىن، − بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك پائالىيەتتىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېيتقاندەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش بەك مۇھىم. بىز بۇ قېتىم بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق تيەنجىن- چىرا خەلقى قول تۇتۇشۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. 2020- يىلى رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئازلا ۋاقىت قالدى. بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ يېڭىدىن بىرەر كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقالىشىمىز ناھايىتى تەس. ناھىيەمىزنىڭ ئەۋزەللىكى چىلان ۋە ياڭاق. شۇڭا مۇشۇ ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، ناھىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ