تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۈزۈم يۇرتىدا ياڭرىغان مۇھەببەت مېلودىيەسى

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى مەۋلان مەغپىر

  ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپالىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، ھەرمىللەت خەلقى خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، دەۋىر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىۋاتقان پەيتتە تۇرپان شەھىرىدە 11-دېكابىر 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلە زىيارىتى پائالىيىتى باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 10 مىڭ كىشىلىك بۇ زور قوشۇن ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە، پىكىرلىشىشتە، دوستلۇق ئورنىتىشتا، ئورتاق ئىلگىرىلەشتە بىللە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەققىي تۇغقىنى، سىردىشىغا ئايلاندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 12 مىڭ 437 ئوقۇتقۇچى قاتناشقان، ئۈچ ئوقۇتقۇچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئۆگىنىشتە قىيىنىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئىككى كۈن قونۇشتەك ئۆزگىچە ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ھەمدە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزگەن. بۇ پائالىيەت 31- دېكابىر ئاخىرلىشىدىكەن.

  ‹‹بالىلار بىلەن بىزمۇ تەڭ ئۆگەندۇق››

  مۇخبىر 23-دېكابىر پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزا تۇيۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئامىنە ساتتار ئائىلىسىگە بارغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيدە ئۈچ تۇغقىنىم كۆپىيىپ شۇنداق خۇش بولدۇم، بىز بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە غىزالىنىپ، بىللە ئۆگەندۇق، بۈگۈن قوشنىلىرىم بىلەن بىللە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتىمىز. بالىلار قىزىقىشى بويىچە مۇئەللىملەردىن رەسىم سىزىشنى، خەنزۇچە ھېكايىلەرنى سۆزلەشنى ئۆگەندى، بولۇپمۇ ئىككى ئوغلۇمنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسى خېلى ئاجىز ئىدى، مۇئەللىملەر قانداق ئۆگىنىش توغرىسىدا كونكرېت پىلان تۈزۈپ، دەرسلىكلەرنى ئەتراپلىق تەكرار قىلىپ بەرگەچكە، ئوغلۇمنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. بۇ پۇرسەتتە بىزمۇ دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق.

  تۇيۇق كەنتى ئاھالىسى رابىخان ئەنزىم مۇنداق دېدى: ئۈچ مۇئەللىم كەلگەندىن كېيىن ئۆينى تازىلاپ، سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كونىراپ كەتكەن توك يوللىرىنى يېڭىلاپ بەردى، قىشتىن تىنچ –ئامان چىقىشىم ئۈچۈن بىر توننا كۆمۈر ئېلىپ كەپتۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى بالىلىرىمدەك كۆيۈندى، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگىنىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن، نۇرغۇن يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولدۇم، بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن.

  پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راھىلە غوپۇر مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى بىرئاز بولسىمۇ يېنىكلەتتۇق، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، شۇنداقلا 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىي مىساللارغا ئارقىلىق تەشۋىق قىلدۇق.

  ‹‹مېنىڭمۇ قوشكېزەك تۇغقىنىم بار بولدى››

  مۇخبىر تۇيۇقتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چۈشتىن كېيىن دالانكارىز يېزىسى يانبۇلاق كەنتىدىكى ئارزۇگۈل ئەمەتنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى. بۇ ئائىلىگە پىچان ناھىيەلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەيھان سىدىق بىلەن ما لىجۈەن تۇغقانلاشقىلى كەلگەنىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ما يۈفېي ئانىسى بىلەن بىللە بۇ ئائىلىگە كېلىپ، قوشكېزەكلەر بىلەن تۇغقانلىشىپ قەۋەتلە خۇش بولدى. ما لىجۈەن مۇنداق دېدى:

  - بۈگۈن ئەتىگەن بۇ ئائىلىگە كېلىپ، ئۇلار بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتۇق ھەمدە ئارزۇگۈل بىلەن ئاچا –سىڭىل بولۇشتۇم، قىزىم بۇ يەرگە كېلىپ، ئارزۇگۈلنىڭ قوشكېزەك بالىسى ھەسەن، زورىگۈل بىلەن تېزلا چىقىشىپ، ئۇرۇق – تۇغقاندەك بولۇپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلىگە دائىم كېلىپ، ئىشلىرىغا ياردەم بېرىمەن، بالىلىرىمنىڭ ئۆگىنىشىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىمەن.

  ما لىجۈەننىڭ ئېرى ما ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: مەنمۇ مۇشۇ يېزىنىڭ كادىرى، ئايالىم بىلەن قىزىم ئۈچىمىز 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالاھىدە ئائىلە زىيارىتى پائالىيىتىگە قاتناشقانىدۇق، قىزىمغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ئەمەلىي دەرس بولدى. بۇ ئىناق كەيپىياتنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم.

  پىچان ناھىيەلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى شى يەنلى مۇنداق دېدى:

  -ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى، مەكتىپىمىزدىن 56 مۇئەللىم بۇ قېتىم يانبۇلاق كەنتىدىكى ئائىلىلەردە تۇغقانلاشتى. ئۇلار ئۇ يەردىكى بالىلارغا سىرتتىكى دۇنيانىڭ چوڭلۇقى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق سۆزلەپ، كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، دېگەن ھەقىقەتنى تونۇتتى، 19-قۇرۇلتاي روھىنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزدى. بىز يېقىندا يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمىز.

  ‹‹سىز مېنىڭ كۆزۈم››

  مۇخبىر كەچتە دالانكارىز يېزىسى ئازاد كەنتىدىكى ھاۋاگۈل ھېمىتنىڭ ئائىلىسىدە زىيارەتتە بولدى. ئارزۇگۈل قادىر بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئارزۇلۇق قىزى بولۇپ، دالانكارىز يېزىلىق مەركىزى مەكتەپنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇيتتى، ئۇنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ۋاقتىدا داۋالىنىيالماي، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكەنىدى. شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوسمان ياقۇپ ئائىلە زىيارىتىدە بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن دوختۇرخانا تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئارزىگۈلنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن پۇل بەردى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن دائىم بۇ ئائىلىنى يوقلاپ تۇردى.

  ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: ئوسمان مۇئەللىم مېنىڭ ‹‹كۆزۈم››، ئۇ ماڭا كۆپ غەمخورلۇق قىلدى، ماتېماتىكا دەرسىدىن قىينىلىپ قالغانلىقىمنى ئېيتسام، كۆپ قېتىم تەكرار قىلىپ بەردى، خەنزۇ تىلى ئاساسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى، بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن.

  مۇخبىر 24-دېكابىر لەمجىن بازىرى بۇلاق ئالدى كەنتىدىكى ئەخمەت نىياز ئائىلىسىدە زىيارەتتە بولدى. بۇ ئائىلىگە پىچان ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن لۇ لىجۈەن، ۋۇ لىڭ تۇغقانلىشىشقا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئائىلىگە ناتونۇش بولماستىن، بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرىلا ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلانغانىدى.

  زۆھرەخان ئىسمايىل مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە سىڭلىم لۇ لىجۈەن ماڭا بىر خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەپتۇ، يەنى ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزگەن《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش》تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەمدە پولۇ ئېتىپ، شورپا سېلىپ تەبرىكلىدۇق. ئوغلۇم كىشمىش سودىسى قىلاتتى، لۇ لىجۈم بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئوغلۇمغا خېرىدار ئىزدىشىپ بەردى، ئۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن.

  ‹‹خەنزۇچە ھۆسنخەت يازالايدىغان بولدۇم››

  مۇخبىر 24-دېكابىر چۈشتىن كېيىن تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار يېزىسى يېڭىشەھەر شەرقىي قوۋۇق كەنت 1-گۇرۇپپىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ھاۋاخان سەيدۇل ئائىلىسىگە زىيارەتكە بارغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى ئادىلجان مىجىت ئىدىقۇت رايونلۇق 3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۇڭۋېي مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەنزۇچە ھۆسنخەت مەشقى قىلىۋاتاتتى.

  ئادىلجان مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىسىنى قىلىمەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپ ئوقۇيالمىغانىدىم، ما جۇڭۋېي قاتارلىق ئۈچ مۇئەللىم كەلگەندىن كېيىن تېزلا چىقىشىپ كەتتۇق، بىز بىللە تاماق ئېتىپ، كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى ئېيتىشىپ، شۇنداق ياخشى مۇڭداشتۇق. ھۆسنخەت يېزىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ما مۇئەللىم زېرىكمەي - تېركمەي ئۆگەتتى، چىللە كىرگەن كۈنى بىللە ئولتۇرۇپ تۈگۈر تۈگۈپ يېدۇق، ئائىلىمىز شۇنداق ئاۋات بولۇپ كەتتى.

  ما جۇڭۋېي مۇنداق دېدى: 22-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بۇ ئائىلىگە كەلدۇق، بۇ جەرياندا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىلكەنلىكى، قەلبىداش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، ئۇلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتتۇق. بۇ قېتىمقى ئائىلە زىيارىتى پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ