تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«قان بېرىش»نىڭ «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان نوچى ئەندىزە

شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرى نۇرگۈل مۇھەممەت

  28 - نويابىر چۈشتىن كېيىن قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا توزاقچى كەنتى4 ـ مەھەللىسىدىكى نامرات دېھقان مەتروزى ئابلىمىتنىڭ قوتىنىغا كەلگىنىمىزدە، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ئەمەتجان مەمەت قويلارغا ۋاكسىنا ئۇرىۋاتقان ئىكەن. قوتاندا ئۆزى ئاق، جۇغى ئادەتتىكى قويلاردىن چوڭراق كەلگەن 8 – 10 چوڭ قوي بىلەن 20 گە يېقىن قوزا بولۇپ، قوزىلارنىڭ ئاپپاق يۇڭلىرى، قاپقارا كۆزلىرى كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. مەتروزى ئابلىمىت قولىنى ئۇزىتىپلا ئىككى قوزىنى كۆتۈرىۋالدى - دە، ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلدى.

  ــ بۇ قوي بەك نوچىكەن، بىر ساغلىق بىر قېتىمدىلا تۆتنى قوزىلىدى، مانا بۇلار تۆت كېزەكنىڭ ئىككىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسى ماڭا 10 ساغلىق بەرگەنىدى، 19 نى قوزىلىدى، ــ ئۇنىڭ چىرايىدىن مەمنۇنلۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

  ــ راست نوچىكەن، ــ دېدىم ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىپ.

  ــ قويمۇ نوچى، تۈرمۇ نوچى، مۇلازىمەت ئاندىن نوچى، ــ دېدى ئىشىنى تۈگەتكەن ئەمەتجان چاقچاق ئارىلاش، ــ دېھقانلار ئوبدان ماسلىشىپ بەرسىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەمەس، بېيىپ كېتىشىدىمۇ چاتاق يوق!

  قوي نوچى ـــ بىر قېتىمدا كۆپ كېزەكلەيدۇ

  مەتروزى ئابلىمىت ماختاۋاتقان «نوچى قوي» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ «پەن - تېخنىكا ئالاھىدە خادىملار نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى تۈرى» بويىچە بۇ كەنتتە يولغا قويۇلغان گۆش قويى باقمىچىلىق كەسپىدە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش لايىھەسىگە ئاساسەن تارقىتىپ بېرىلگەن خۇياڭ قويى بولۇپ، بۇ قوينىڭ شۇنچە تېز ئاۋۇپ، قوتىنىنى ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكىنىنى ئويلىسا، مەتروزى ئابلىمىتنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ كېتىدۇ:

  ــ ئىلگىرى قوتىنىمدىكى قوي 5 تىن ئېشىپ باقمىغان، بۇ قويلارنى 8 - ئايدا بەرگەنىدى، 3 - ئېيىدىن باشلاپلا قوزىلاشقا باشلىدى، مانا كۆرۈپ تۇرۇپلا، ھازىر بىر قوتان قويۇم بار بولدى!

  ــ خۇياڭ قويىنىڭ جۇغى چوڭ، گۆش نىسبىتى يۇقىرى، بىر قېتىمدا 2 - 3 نى، ھەتتا 4 نى قوزىلايدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 2 يىلدا 3 نى قوزىلايدۇ، بازاردىكى باھاسىمۇ يەرلىك قويلاردىن يۇقىرى. بۇ قوينى بىز نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ئەمەلىي شارائىتى، باقمىچىلىق ئاساسى، بازار ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تاللىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر ۋىلايىتىدە 2 ـ 3 يىل ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىرىنى كىرگۈزدۇق، ئەي قىلىش ۋە كۆپەيتىشتە مەسىلە يوق. ــ دەپ چۈشەندۈردى ئەمەتجان.

  خۇياڭ قويى راستلا شۇنداق نوچىمۇ؟ دېھقانلارنىڭ بۇنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ھېس قىلىشىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت كەتمىدى. ئەمەتجان ئۇزۇن ئارال كەنتىدىكى ئېزىز ھەسەننىڭ «كەچۈرمىش»ىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ بەردى. بۇ يىل 5 - ئايدا ئۇلار قەشقەر ۋىلايىتىدىن 300 نەچچە خۇياڭ قويى كىرگۈزگەندە قويىدىغان يەر بولمىغاچقا، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئېزىز ھەسەننىڭ قوتىنى ۋە يەم - خەشىكىدىن بىرقانچە كۈن پايدىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئىش پۈتكەندىن كېيىن، رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن خىزمەت ئەترىتى بىلەن كېلىشىپ، ئۇنىڭ بېقىپ كۆپەيتىۋېلىشى ئۈچۈن 5 ساغلىق بېرىپتۇ. ئەمما، ئېزىز ھەسەن تاللىنىپ قالغان بۇ ئورۇق ساغلىقلارنى كۆرۈپ بېقىشقا ئۇنىماپتۇ.

  ــ ئەي بولماي قالسا، بىرنى ئىككى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، خىزمەت ئەترىتىگە قايتۇرغىلى قوي تاپالماي قالماي، دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ــ دېدى ئېزىز ھەسەن سەل ئوڭايسىزلانغاندەك قىياپەتتە، ــ ئەمەتجاننىڭ دېگىنى بويىچە بېقىۋىدىم، تېزلا ئەت ئېلىپ، يەرلىك قويلىرىمدىن يوغىناپ كەتتى، يەنە تېخى 14 نى قوزىلاپ، مېنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى. شۇڭا، يەرلىك قويلىرىمنىڭ يېرىمىنى سېتىۋېتىپ، پۇلىغا يەم - خەشەك ئېلىپ بۇ قويلارنى بېقىۋاتىمەن.

  ــ ھازىر دېھقانلار خۇياڭ قويىنى ئەتىۋارلاپ باقىدىغان بولدى، ئوت - چۆپنى ئۇششاقلاپ بېرىش، بوغۇزنى تۈجۈپىلەپ تەييارلاش، مىنېرال ماددا كېسىكى يالىتىش قاتارلىقلارنى ئەسكەرتمىسەكمۇ، جايىدا قىلىۋېرىدۇ، يەمنى پىشۇرۇپ بېرىدۇ - تېخى، ــ دېدى ئەمەتجان ئېزىز ھەسەننىڭ قوناقنى سۇدا پىشۇرۇپ تەييارلىغان بوغۇزىنى كۆرسىتىپ.

  تۈر نوچى ـــ ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىلدى

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگەرتىش زۆرۈر. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا دەل جايىغا كۈچەپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەخسۇس تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇش ھەمدە پەن - تېخنىكا ئالاھىدە خادىملارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بۇ يىل 4 - ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپە باش نىشانى ۋە پەن - تېخنىكا ئالاھىدە خادىملارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا ئالاھىدە خادىملار نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى»نى باشلىدى، شۇنداقلا قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزىسىنىڭ توزاقچى، كۇسۇي، ئۇزۇن ئارال كەنتلىرىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا ئالاھىدە خادىملار نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى» تۈرى ــ گۆش قويى باقمىچىلىق كەسپى بويىچە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويدى. بۇ تۈرنى يولغا قويۇشتا «باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى + نامرات ئائىلە + پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئۆمىكى» ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدە 36 ئائىلىگە تارقىتىلغان 300 نەچچە ساغلىقنىڭ كۆپىنچىسى 2 - 3 تىن، بەزىلىرى ھەتتا 4 تىن قوزىلاپ، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  مەزكۇر تۈرنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نۇقتىسى شۇكى، تۈر گۇرۇپپىسى كۆپ كېزەكلەيدىغان گۆش قويى(خۇياڭ قويى) ساغلىقى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ۋە مۇئەييەن شارائىتقا ئىگە، باقمىچىلىق قىزغىنلىقى بىرقەدەر يۇقىرى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ياكى نامرات ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلىلەر قوينى بېقىپ كۆپەيتىپ، ئىككىنچى يىلى ئوخشاش ساندىكى، ئوخشاش ئۆلچەمدىكى ئەلا سۈپەتلىك ساغلىقنى تۈر گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرىدۇ، تۈر گۇرۇپپىسى بۇنى يەنە بىر تۈركۈم باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە نامرات ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  تۈر گۇرۇپپىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 7 ئايدىن بۇيان گۆش قويى كەسپىدە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ، تارقىتىلغان قويلارنىڭ قوزىلاش نىسبىتى %220 كە يەتتى، قوزىلارمۇ ئاساسەن ئەي بولۇپ، باقمىچىلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.

  ــ تۈرنى دەسلەپ يولغا قويغان چاغدا بەزى دېھقانلارغا خىزمەت ئىشلەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلگەنىدى، ھازىر دېھقانلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى، كېلەر يىلى بۇ قويدىن بېقىش ئۈچۈن تىزىملاتقىلى كەلگەنلەرمۇ نۇرغۇن، ــ دېدى توزاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋۋېن.

  پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ كۇسۇي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۈ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش شەكلى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى يېڭى ئەندىزە ھېسابلىنىدۇ، بۇ «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  تېخنىكىلىق مۇلازىمەت نوچى ــ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  ــ مەن ئىلگىرى دوختۇرلارنىڭ ئادەمنى B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرگىنىنى كۆرگەن، ھازىر بىزنىڭ قويلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق «تەمىنات»تىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ. ئەمەتجان دوختۇر قويلىرىمنى ئاشۇ ئاپپاراتتا تەكشۈرۈپ، قايسىسى بوغاز بولۇپ، قايسىسى قىسىر قالغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېرىۋىدى، قىسىر قالغانلىرىنى تولۇقلاپ ئۇرۇقلاندۇرىۋالدىم، ــ دېدى كۇسۇي كەنتى 1 - مەھەللىسىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى تۇرسۇنتوختى ئەبەي رازىمەنلىك بىلەن. ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن 10 خۇياڭ قويىدىن 18 قوزا ئالغان بولۇپ، ئەمەتجاننىڭ يېتەكچىلىكىدە قويلىرىنى تۈجۈپىلەپ بېقىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، قۇلۇم – قوشنىلىرىغا ئۈلگە بولدى.

  ــ ئەمەتجان قول سېلىپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئۆگەتتى، ھازىر قوتاننى ۋاقتىدا تازىلاپ، دورا چېچىپ تۇرىمەن، شاخ - شۇمبا، قوناق دېگەنلەرنى ماشىنىدا ئۇۋاقلاپ بېرىمەن، بوغۇز تەڭشەش رېتسېپىنىمۇ بىلىۋالدىم. ئىلمىي ئۇسۇلدا باقسا ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، قارىسىلا، 15 كۈنلۈك بولغان قوزىلار يەرلىك قوينىڭ بىر ئايلىق بولغان قوزىلىرىدىن چوڭراق تۇرمامدۇ!

  بۇ يىل 5-ئايدا تۈرنى يولغا قويۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئەمەتجان بۇ جايدا ماكانلىشىپ قالدى. ئۇ ھەر ئايدا بىر نەچچە كۈن ئىدارىسىگە قايتىپ خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئۈچ كەنت ئارىسىدا قاتراپ يۈرىدۇ. تېخنىكىلىق تەربىيەلەش، يەم - خەشەك تارقىتىش، ۋاكسىنا ئەملەش، باقمىچىلار يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدە. ئەلۋەتتە، بۇ جايدا ئەمەتجانغا ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىۋاتقان تېخنىك خادىملاردىن يەنە بىر مۇنچىسى بار.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، توزاقچى، كۇسۇي، ئۇزۇن ئارال كەنتلىرىدە نامرات ئائىلىلەر نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %22، %24 ۋە %35 كە يېتىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بولسا بىر موغىمۇ يەتمەيدۇ. تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئۇل مۇئەسسەسەلىرى قالاق بولغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم دېھقانلار مەبلەغ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتىشكە ئامالسىز.

  بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يېزا پەن - تېخنىكىسى ۋە شەھەر - يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشقارمىسى ۋە گۆش قويى باقمىچىلىق كەسپى بويىچە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈر گۇرۇپپىسى تۈرنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە قاراتمىلىق تەدبىر بەلگىلىدى. بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ خۇيگو مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى باقمىچىلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە، ئەمما يەر ئاز، ئوت - چۆپ كەمچىل، زىرائەت شاخ - شۇمبىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە باقمىچىلىق سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇشتەك ئەمەلىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. تۈر گۇرۇپپىمىز بۇنىڭغا قارىتا «بىر، تۆت، ئۈچ» لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

  ياڭ خۇيگونىڭ دەۋاتقانى بىر ئەندىزە، تۆت ھەرىكەت، ئۈچ مۇلازىمەت ئەترىتى. بىر ئەندىزە نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى بولۇپ، بۇنىڭدا، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى، پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ تېخنىكا مۇلازىمىتى ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەرنىڭ گۆش قويى باقمىچىلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان. تۆت ھەرىكەت نەسىلنى سىجىل ياخشىلاش ھەرىكىتى، يەم - خەشەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئېڭىزغا ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك زىرائىتى تېرىش ھەرىكىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش كاپالەت ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەندىزە گۇرۇپپىسى، تېخنىكىنى يولغا قويۇش گۇرۇپپىسى ۋە ئۈسكۈنە مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپقان ئۈچ مۇلازىمەت ئەترىتى گۆش قويى باقمىچىلىق كەسپى بويىچە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، نۇقتىدا تۇرۇپ بىۋاسىتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش، گۆش قويى باقمىچىلىق كەسپىنى ماس ھالدىكى يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل. نۆۋەتتە، بۇ ئۈچ مۇلازىمەت ئەترىتىگە ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنىي ۋەكىل پەن - تېخنىكا ئالاھىدە خادىم سالاھىيىتىگە ئىگە شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق، ئوتچىلىق، يەم - خەشەك، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى نەچچە ئون مۇتەخەسسىس توپلىنىپ، ھەقىقىي مەنادىكى تېخنىكا مۇلازىمەت ئۆمىكىنى شەكىللەندۈردى.

  ــ تۈرنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشتا مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش قاتارلىق بىرقانچە ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. زامانىۋى باقمىچىلىق بازىلىرىدا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن، نامرات ئائىلىلەردە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ، بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىشقا، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇزۇن ئارال كەنتىدە يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پىششىقلاش يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدۇق ھەمدە t20 ئوت - چۆپنى پىششىقلاپ ئىشلىدۇق. ــ دېدى ياڭ خۇيگو ــ نامراتلارنى يۆلەشتە ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قارىغاندا ئاڭ جەھەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم، شۇڭا «قۇتقۇزۇش» شەكلىدىكى يۆلەشنى «قاتنىشىش» شەكلىدىكى يۆلەشكە ئۆزگەرتىش كېرەك، شۇ چاغدىلا ئۆزى «قان ئىشلەپچىقىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ