تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لۇ جۈنفاڭ: مېنىڭ كەلپىندە ئۇيغۇر ئاپام بار

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد


    __ ئاپا، مەن كەلدىم...
    __ ۋاي تاتلىق قىزىم جۈنفاڭ كەپسىز، يۇقۇرىغا چىقىڭ..
   13 - ئىيۇل چۈشتە كەلپىن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىدىكى «بەخت» گۈللۈكى 2 - قورۇسى 3 - بىنا 302 - نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرسۇنگۈل ھاپىز لۇ جۈنفاڭنىڭ پىشانىسىغا سۆيۈپ كۆرۈشتى.
    __ جۈنفاڭ ھەدە سىزنى بەك سېغىندىم،- دەپ لۇ جۈنفاڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ نەۋرىسى دىلارە مۇسا.
    __ تۈنۈگۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن قايتىپ كەپسىز، شۇڭا بۈگۈن كېلىپ سىزنى يوقلاپ كېلىشىم، 10 كۈندىن بۇيان ياخشى تۇرغانسىز، سىزنى سېغىنىپ كەتتىم،- دېدى لۇ جۈنفاڭ تۇرسۇنگۈل ھاپىزدىن ئەھۋال سورىغاچ،- قان بېسىمىڭىز قانداقراق، قاندىكى قەنت مىقدارىچۇ؟ دىلارە سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟
   __ مېڭىشتىن بۇرۇن سىز ئېلىپ كەلگەن دورىلارنى ئۇچتۇرپانغا بارغاندا ۋاقتىدا ئىچتىم، دېگىنىڭىزدەك يىمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلدىم، قان بېسىمنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقامدۇق،- دېدى تۇرسۇنگۈل ھاپىز لۇ جۈنفاڭغا.
   __ ماقۇل ئاپا، ھازىرلار تەكشۈرەي، دىلارە قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئېلىڭە.
  لۇ جۈنفاڭ قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ بېلىكىگە تېڭىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
   ___ئاپا قان بېسىمىڭىز 80 ~ 120 چىقتى، نورمال، داۋاملىق مۇشۇنداق دىققەت قىلىپ بەرسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز،- دېدى لۇ جۈنفاڭ تۇرسۇنگۈل ھاپىزغا.
   ___ رەھمەت قىزىم، 10 كۈندىن بۇيان ئۆزۈم ئۇچتۇرپاندا بولغان بىلەن سىز يادىمدىلا تۇردىڭىز، تۈنۈگۈن كەلسەم سىز ئۆيلەرنى تازىلاپ، گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ قويۇپ كېتىپسىز، بەك خۇشال بولدۇم،- دېدى تۇرسۇنگۈل ھاپىز.
    تۇرسۇنگۈل ھاپىز بىلەن لۇ جۈنفاڭنىڭ ھېكايىسىنى بۇلتۇر 31 - مارتتىن باشلايمىز. 2015 - يىلى چوڭچىڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرۈپ، ئىقتىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش تۈرى بويىچە چوڭچىڭدىن كەلپىنگە كېلىپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان لۇ جۈنفاڭ  شۇ كۈنى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىلەن ئەمدىلا بالنېستقا كىرگەن تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ قان بېسىمىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ياندىكى ئۇيغۇر سېستىرا ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ چىقىپ كېتىدۇ.
   ئەتىسى ئۇ بالنېست ياتىقىغا تەكشۈرگىلى كىرگەندە تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ قانبېسىمىنى تەكشۈرىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوكۇل، دورىلارنى يېزىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىرنەچچە كۈنلۈك تەكشۈرۈش، داۋالاش جەريانىدا لۇ جۈنفاڭ تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قارايدىغان بىرمۇ ئۇرۇق - تۇققىنىنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ، تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.
   2004 - يىلى كەلپىنگە توي قىلىپ كەلگەن تۇرسۇنگۈل ھاپىز ئەمدىلا تۇرمۇشنىڭ بەختىنى كۆرۈۋاتقاندا يولدىشى بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىدۇ. 2007 - يىلى ئۇ ھەدىسىنىڭ نەۋرىسىنى بېقىۋالىدۇ. يىللار ئۆتۈپ دىلارەمۇ چوڭ بولۇپ كەلپىن ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ بولغان كەلپىن خۇجۇ قوشتىل باشلانغۇچ مەكتىبىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. كۈنلىرى خېلى ياخشى ئۆتىۋاتقان تۇرسۇنگۈل ھاپىزدا بۇلتۇر يىل بېشىدا يۇقۇرى قانبېسىم، دىئابىت كېسىلى بايقىلىپ كېسەللىك ئۇنى ھالسېرىتىپ قويىدۇ.
   31 - مارت زادى بولالمىغان تۇرسۇنگۈل ھاپىز ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى كىرىدۇ. ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى دوختۇر لۇ جۈنفاڭ ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇپ ئۇنى داۋالايدۇ. ئىككەيلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ چوڭچىڭلىق بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ ناھايىتى خۇش پېئىللىقىنى، ئۆزىگە ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ قاراۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ لۇ جۈنفاڭغا ئائىلە ئەھۋالىنى دەپ بېرىدۇ. ئىككەيلەن بارا- بارا سىرداشلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
    كېيىن تۇرسۇنگۈل ھاپىز بالنېستتىن چىققاندىن كېيىن لۇ جۈنفاڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلايدۇ، قان بېسىمىنى تەكشۈرەيدۇ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ.
    2016 - يىلى ئىيۇننىڭ بىر كۈنى لۇ جۈنفاڭ بالنېست بىناسى ئالدىدا تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ بىر توكسېكىلتنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئىككىسى قوچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشقاندىن كېيىن، تۇرسۇنگۈل ھاپىز قولىدىكى توكسېكلىتنى لۇ جۈنفاڭغا ئالغاچ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ئۆزىنى يوقلاپ بارغاندا توكسېكلت بىلەن بېرىپ كېلىشتە قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتىدۇ. لۇ جۈنفاڭ بۇنى ئاڭلاپ بۇ توكسكلتنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ بىمارلارنى داۋالاشتا مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ھەرگىز بىمارلاردىن سوۋغا قوبۇل قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى  ئېيتىپ ئېلىشنى رەت قىلىدۇ. تۇرسۇنگۈل ھاپىز لۇ جۈنفاڭغا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرقېتىم ئۆيىگە بارغاندا پىيادە بېرىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىچى ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، قوبۇل قىلمىسا رەنجىيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىسى تالاش تارتىش قىلىۋاتقاندا بۇ يەردىن ئۆتكەن دوختۇرخانا مەسئۇلى بۇ ئىشنىڭ باش - ئاخىرىنى سوراپ بىلىپ، لۇ جۈنفاڭغا بۇ سوۋغىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ دوختۇر بىمارلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ مىسالى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى، لۇ جۈنفاڭنىڭ بۇندىن كېيىن توكسېكلت قىممىتىدىكى نەرسە بىلەن تۇرسۇنگۈل ئانىنى يوقلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لۇ جۈنفاڭ توكسېكلتنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەمدە تۇرسۇنگۈل ئانىنىڭ ئۆيىگە ھەرقېتىم مىنىپ بارىدۇ.
   ___ تۇرسۇنگۈل ئانا بىلەن نۇرغۇن قېتىملىق سىردىشىشدىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن بىر خىل ئانىلىق مېھرىنى ھېس قىلدى، مېنىڭ ئاپام، دادام چوڭچىڭدا قالدى. ئۆزۈم يالغۇز كەلپىندە ياشاۋاتىمەن، تۇرسۇنگۈل ئانىمۇ يالغۇز ياشاۋېتىپتۇ، مەن ئۇنىڭ قىزى بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالاي، ئۇنىڭدىن ئانىلىق مېھرىنى تېخىمۇ ھېس قىلاي دەپ ئويلاپ تۇرسۇنگۈل ئانىنى ئاپا قىلىۋالدىم. ئۇ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى ماڭا بەردى. مەنمۇ پات پات بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم. ئاپام ئۆيدە پولۇ، مانتا ئەتسە ماڭا يەپ كېتىش ھەققىدە تېلىفۇن قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاپام بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەن ھازىر ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتىمەن. ئاپام بىلەن بۇرۇن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەن بولسام ھازىر ئۇيغۇرچىدا ئاساسەن سۆزلىشەلەيمەن. دىلارە سىڭلىم خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇشلىرىغا ياردەم قىلالايمەن،- دېدى لۇ جۈنفاڭ ماڭا پىيالىدا چاي تۇتقاچ.
    __ بۇ يىل فېۋرالدا لۇ جۈنفاڭ قىزىم چوڭچىڭغا ئائىلە يوقلىغىلى ماڭغانتى، مەن تېخى ئۇ ئەمدى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئىككى كۈن يىغلىدىم. ئۇ كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆيىدىن ماڭا تېلىفۇن قىلىپتۇ. ئاپىسىمۇ يېنىدا بار ئىكەن، ئۇ تېلىفۇندا ماڭا يەنە 12 كۈندىن كېيىن قايتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاپىسىمۇ ماڭا قىزىنىڭ كەلپىندە بىر ئۇيغۇر ئانىسى بارلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، قىزىنىڭمۇ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،- دېدى تۇرسۇلگۈل ھاپىز ماڭا،- ئاپىسى ماڭا يەنە ئۆز قولىدا ياساپ چىققان قىشلىق سەپمە كەشنى ئەۋەتىپتۇ. بەك خۇشال بولدۇم، مەن بۇ كەشنى بىر ئۆمۈر ساقلايمەن.
    ___ ئاپام ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ، ماڭا بۇ يىل روزا ھېيتتا ئەتلەستىن تىككەن ئىشتان - كۆينەك سوۋغا قىلدى. لەغمەن ئېشىشنى ئۆگەتتى، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى، ئىشقىلىپ مېنىڭ كەلپىندىكى كۈنلىرىم ئۇيغۇر ئاپام تۇرسۇنگۈل بولغاچقا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتمەكتە، كەلپىندىلا بولىمەن، ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ئاپامغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بار، گەرچە مەن بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولمىساممۇ، لېكىن مەن ھاياتىمنىڭ بارلىقىنى 2 - يۇرتۇم كەلپىندىكى يۇرتداشلىرىمغا، شىنجاڭدەك ئېسىل تۇپراققا بېغىشلايمەن،- دېدى لۇ جۈنفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل