تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«قۇربان تۇلۇم روھى» مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مۇبارەك ئىسمائىل، خەن چىنيەن


    قۇربان تۇلۇمنىڭ يېرىم ئەسىر ئىلگىرى رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن چاغدىكى سۈرىتى ھازىر تارىخقا ئايلاندى، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەشۇ سۈرىتىدىكى چىرايىدا تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. گەرچە قۇربان تۇلۇم قازا قىلغىلى ئۇزاق يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھى بۈگۈنگە قەدەر، كېرىيە ناھىيەسىنىڭلا ئەمەس، ھەتتا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جانلىق «كىملىك»ى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىپتىخارى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ روھىي بايلىقى سۈپىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشكە ئۈندەپ كەلدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزىغا يازغان جاۋاب خېتى قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى −− كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرۈپ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
كومپارتىيەگە ئەگەشكەندىلا، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كوچىلىرىدا ئاپتوموبىللىق ماڭغاندا، قاتار - قاتار كەتكەن ئەمىن ئۆيلەر كۆزگە چېلىقىپلا تۇرىدۇ، ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىگە تارتىلغان رەڭگارەڭ مودا پەردىلەردىن، ئۆيلەردىن ئاڭلىنىۋاتقان كۈلكە - چاقچاق ئاۋازلىرىدىن خەلقنىڭ تىنچ - خاتىرجەم، باياشات ياشاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس.
1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتىدىكى «قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى»غا كەلگىنىمىزدە، قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى ياسىن مەمتىمىن بىزنى كۈتۈۋالدى.
−− ھازىر تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ كەتتى، ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىۋالدۇق، بالىلارنىڭ ئوقۇشىمۇ ھەقسىز بولۇپ كەتتى، −− دەپ سۆز باشلىدى مەمتىمىن ياسىن، −− مەن تۇغۇلۇپ 20 كۈنلۈك بولغاندا، بوۋام قۇربان تۇلۇم قازا قىپتىكەن، بەش يېشىمدا داداممۇ ئالەمدىن ئۆتتى. گەرچە مەن بوۋامنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئائىلەمدىكى چوڭلاردىن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما بوۋامنىڭ روھى ماڭا ئەڭ زور مەدەت، بوۋامنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش روھى مېنى ھەر دائىم ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەن بۇ خاتىرە سارىيىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ساقلىغۇچىسى بولغانلىقىمدىن بەك پەخىرلىنىمەن.
قۇربان تۇلۇمنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن سۈرىتى خاتىرە ساراينىڭ كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىلغانىدى، قۇربان تۇلۇمنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە سۈرەتنى كۆرگەن ھەر بىر كىشىگە پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.
−− پەقەت پارتىيەمىزگە ئەگەشكەندىلا، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز، −− دېدى توغراغاز كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇغېنى يۈسۈن، −− ھازىر ئۆي سالساق تولۇقلىما بېرىدۇ، داۋالانساق يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن ئاتچوت قىلىدۇ، بالىلارنىڭ ئوقۇشى پۈتۈنلەي ھەقسىز، ماڭا ئوخشاش ياشىنىپ قالغان دېھقانلارنىڭ ھەر ئايدا 125 يۈەنلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىمىز بار، ئۆتمۈشتە بۇنداق تۇرمۇشنى چۈشىمىزدىمۇ كۆرەلمەيتتۇق، مانا ھازىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇنداق بەختىيار تۇرمۇش رېئاللىققا ئايلاندى.
79 ياشلىق ئابدۇغېنى يۈسۈن توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئەينى يىللىرى ئۇ قۇربان تۇلۇم بىلەن بىللە كېۋەز تېرىغان، ئۆستەڭ چاپقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قۇربان تۇلۇمنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭدىن روھىي مەدەت ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىزىدا مېڭىپ، پەيدىنپەي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان ئىكەن.
−− قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «كۆپ ئىشلىسەڭ، كۆپ تاپىسەن» دېگەن ئورۇنلۇق گېپى ھازىرغىچە يادىمدا، −− دېدى ئۇ ئەينى يىللارنى ئەسلەپ، −− ئېسىمدە قېلىشىچە، قۇربان تۇلۇم كۆڭلىدە ھەمىشە دېھقانلارنىلا ئويلايتتى، تالاي قېتىملاپ ئۆزىنىڭ چارۋا ماللىرىنى، ھەتتا يەم - خەشەكلىرىنىمۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنىدى.
خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلق بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتى
«قۇربان تۇلۇم روھى» ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، مىليونلىغان دېھقانلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدا، قۇربان تۇلۇم 66 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتى پەقەت بىر پارچە كونا گىلەم بىلەن بىر كونا مىس چۆگۈن ئىدى.
ھازىر قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدا بۇرۇنقى خام كېسەكتىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا يېڭىدىن سېلىنغان خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق ئەمىن ئۆيلەر قەد كۆتۈردى، ھەممە جايغا تۇتاشقان تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، ياپيېشىل ئورمان بەلبېغى، يورۇق يول چىراغلىرى، پاكىز تۇرۇبا سۈيى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇشىدىن دېرەك بېرىدىغان بولدى.
−− ئىلگىرىكىدەك ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلىنىپ كېتىدىغان ئەخلەت، چىدىغۇسىز سېسىق پۇراق ھازىر پۈتۈنلەي يوقالدى.
−− ئىلگىرى كەنتتە چىۋىنلار گىژىلداپ، بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان سېسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالغان جاي چوقۇم ھاجەتخانا ئىدى. نەچچە يىلدىن بېرى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەنتتىكى ھەممە ھاجەتخانىلار ئۆزگەرتىلىپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى!
...
كەنت ئاھالىلىرى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى كېرىيەگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىشتى. بىز يول بويىدىكى بىر قورۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق.
−− قېنى، ئۆيگە كىرىلى، −− دېدى مەتروزى ئىمىن قىزغىنلىق بىلەن بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، −− يەتتە مو يېرىم، بىر سېغىن كالام ۋە 15 قويۇم بار. بۇلتۇر 50 مو ھۆددە يەرگە تاۋۇز تېرىپ، 30 نەچچە مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدىم.
مەتروزى بوۋاينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن، كىچىك ئوغلى شىئەندە ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن، چوڭ ئوغلى قەشقەردە دىرېكتور ئىكەن. بوۋاي ۋە خوتۇنى، كېلىنى ئۆيدە باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇلتۇر باقمىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقتىن ئاز بولغاندىمۇ 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتۇ.
−− ھازىر تىرىشچان بولسىلا، ھەممەيلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، −− دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ، −− جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ھەر قايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ.
مەتروزى بوۋاينىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۆيىدە ئاشۇ يىللاردىمۇ ھەمىشە ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. دېھقانلار ھەر قانداق چاغدا قۇربان تۇلۇمنى ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىكەن، زىددىيەتلىشىپ قالغانلار ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئېيتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن دېھقان مەخسۇس قۇربان تۇلۇمنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىنى كۆرگىلى كېلىدىكەن.
شەنبە بازار بازىرىدىكى 67 ياشلىق بوۋاي مۇھەممەت مەتقۇربان قۇربان تۇلۇمنى كۆرگەن ئىكەن.
−− قۇربان تۇلۇم بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، بىزگە ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەش ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى، − دېدى ئۇ.
بىز كەڭ كەتكەن كەنت يولىدا ئەتراپتىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغاچ مېڭىۋاتاتتۇق. ھال رەڭ ئۆگزىلىك، تاملىرى ئاق تۇرالغۇ ئۆيلەر تېخىچە ئۆزگەرتىپ سېلىنمىغان كېسەك ئۆيلەر بىلەن خۇددى رەڭلىك ۋە رەڭسىز سۈرەتتەك روشەن سېلىشتۇرما بولغانىدى. تۆت - بەشتىن بولۇپ ئويناۋاتقان كىچىك بالىلارغا ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرى كۆڭۈللۈك سورۇن بولغانىدى. مانا بۇ شادىمان بالىلار قۇربان تۇلۇمنىڭ بالىلىقىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟! ئىشىنىمىزكى، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەدەت بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
تۇرمۇشىمىز ئۆزگەردى، «قۇربان تۇلۇم روھى» قىلچە ئۆزگەرمىدى
توغراغاز كەنتىدىن ئايرىلىپ، ئاپتوموبىل بىلەن چاقار كەنتىگە يول ئالدۇق. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈم بارىڭى ۋە رەتلىك سېلىنغان ئۆيلەر كىشىگە بىر خىل ئاسايىشلىقنى ھېس قىلدۇراتتى.
بىز دەرۋازىسى ئوچۇق تۇرغان بىر ئۆيگە ئۇدۇللا كىردۇق. ئۆي ئىگىسى مەتقاسىم مەمتىمىن ھويلىدا «بېك» ماركىلىق ئاپتوموبىلىنى يۇيۇۋاتاتتى.
−− ئاپتوموبىلىڭىزنى قاچان سېتىۋالغانىدىڭىز؟
−− بۇلتۇر سېتىۋالغان. مەن 200 مو قاقاس يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھەممىسىگە توشقانزەدىكى تېرىغان، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندەك كىرىم قىلدىم. بالىلارنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، يېڭى ئۆيمۇ سېلىۋالدىم، پۇلمۇ تاپتىم، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ - ئەكىلىشكە ئاپتوموبىلمۇ سېتىۋالدىم، ھال - كۈنۈم ياخشىلانغانسېرى، تېخىمۇ جۇشقۇن، تېتىكلىشىپ كەتتىم...
كېرىيە ناھىيەسىدە مەتقاسىمغا ئوخشاش بۇنداق دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇغقان بولۇشۇپ، ھەر مىللەت كادىر ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.
−− بىرلا ئادەم باي بولسا باي بولغان ھېسابلانمايدۇ، كەنت بويىچە ھەممە ئادەم بېيىسا ئاندىن باي بولغان بولىمىز، −− دېدى 38 ياشلىق ئابلىمىت قادىر.
قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئابلىمىت قادىر باقمىچىلىق ئارقىلىق ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ باقمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى.
−− ئېشەك بېقىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ، −− دېدى ئابلىمىت ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، −− ئۆيۈمدە 22 ئېشەك بار، بىر كالىغا كېتىدىغان يەم - خەشەك بىلەن تۆت ئېشەكنى باققىلى بولىدۇ. ئېغىلىم كىچىك بولغاچقا، 22 ئېشەكنى سىغدۇرالماي، كەنتتىكى ئالتەيلەننىڭ ئېغىلىدا بېقىشقا توغرا كەلدى. ئەتىيازدا يېڭى ئېغىل پۈتسە، بۇ قىيىنچىلىقلارمۇ ھەل بولىدۇ. ئۇ چاغدا كەنتتىكىلەرنى بېيىش يولىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلىيەلەيمەن.
قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسى قاراقۇرۇم تېغىدىكى رەڭدار تاشلاردەك، كېرىيە دەرياسىنىڭ مەرۋايىت كەبى بۇژغۇنلىرىدەك، جەلپكار نۇرلارنى تارىتىپ كەلدى.
خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان جاۋاب خېتىدە «قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدىم» دېگىنىدەك، ھەر بىر كېرىيەلىكنىڭ قەلبىدە قۇربان تۇلۇمنىڭ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسى بار...
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدىكى ھەرمىللەت ئامما قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئېسىل روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى، ئۇلار «كەلگۈسىدە قانچىلىك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىش، ھال - كۈنىمىز قانچىلىك ياخشىلىنىپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر، «قۇربان تۇلۇم روھى»دىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز» دېيىشتى. دۇرۇس، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ