تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى

  جاڭ يۇڭخې

   جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ قانۇنچىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنىڭ قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشى مۇساپىسى ۋە قۇرۇلۇش ئۈنۈمىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، قانۇنچىل دۆلەت بەرپا قىلىشقا باشتىن- ئاخىر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. قانۇنچىللىق ئېڭى قانۇنچىل دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى، قانۇنچىل دۆلەت يەنە قانۇنچىللىق ئېڭىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى بولۇپ، ئىككىسى ئۆزئارا رول ئوينايدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللىنىپ، قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئاساسى پۇختىلىنىپ، قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي ئالدىنقى شەرتكە ئىگە قىلدى، قانۇن سىستېمىسىنىڭ نوپۇزى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم بولدى. قانۇن دۆلەت تۈزىدىغان ياكى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىنىدىغان، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى مەزمۇن قىلغان، دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى ئارقىلىق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان ئىجتىمائىي قائىدە. بىر دۆلەتتە، قانۇندىن باشقا يەنە كۆپ خىل ئىجتىمائىي قائىدە، مەسىلەن: ئەخلاق، دىن، ئۆرپ- ئادەت، سىياسەت، شىركەت نىزامنامىسى، مەكتەپ ئىنتىزامى قاتارلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەخلاق قائىدىسى جەمئىيەت تەرتىپىگە بولغان غايىنى مەنبە قىلىدۇ، ئوخشىمىغان مەيدان، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئوخشىمىغان ئەخلاق ئۆلچىمى مەۋجۇت بولىدۇ؛ دىنىي قائىدىنىڭ نامايان قىلىدىغىنى مۇرىتلارنىڭ رېئاللىق ھەم كەلگۈسى دۇنياغا بولغان ئارزۇسى، ھەم ئېتىقادىدۇر؛ ئۆرپ- ئادەت ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىنىۋاتقان، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە مۇقىملىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قائىدىدۇر؛ سىياسەت بولسا دۆلەت باسقۇچ خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى تاماملىغاندا قوللىنىدىغان لۇشيەن، فاڭجېن، قائىدە ۋە تەدبىر قاتارلىقلاردۇر؛ شىركەت نىزامنامىسى ۋە مەكتەپ ئىنتىزامىغا كەلسەك، بۇلار ئالاھىدە توپلار ئالاھىدە ساھەلەردە چوقۇم ئەمەل قىلىدىغان ئىچكى قائىدىدۇر. بىر دۆلەتتە، بۇ قائىدىلەرنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن قانۇنچىل دۆلەتتە، قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىجتىمائىي قائىدە، بۇ، قانۇننىڭ دۆلەت ئىرادىسىنىڭ ئىچكى بەلگىلىمىلىك خۇسۇسىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. قانداقلا بولمىسۇن، ئەخلاق بىلەن ئۆرپ- ئادەت ئۆزىنىڭ يەرلىك خۇسۇسىيىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما دىنىي قائىدە، شىركەت نىزامنامىسى، مەكتەپ ئىنتىزامى پەقەت ئالاھىدە توپنىڭ قائىدە خۇسۇسىيىتىگىلا ئىگە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇننىڭ دۆلەت نوپۇزىلىقى ۋە ئومۇمىيلىقىنى ھازىرلىمىغان. سىياسەت دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى تەڭشىشىدىكى باسقۇچلۇق ۋاسىتە بولۇپ، ئۇمۇ قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىمىغان.

  كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قانۇننىڭ نوپۇزى ئۆزى بىلەن ماس كېلىدىغان باشقا ئىجتىمائىي قائىدىلەرنى چەتكە قاقمايدۇ. قانۇنچىل دۆلەتتە، باشقا ئىجتىمائىي قائىدىلەر بىلەن قانۇن قائىدىسى ئارىسىدا مۇئەييەن ئۆزئارا رول ئويناش ۋە تەسىر كۆرسىتىش مەۋجۇت، زۆرۈر بولغان باشقا ئىجتىمائىي قائىدىلەر قانۇن قائىدىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشىشىدىكى ئۈنۈملۈك تولۇقلىما. دەل بەزى قانۇنشۇناسلار ئېيتقاندەك، قانۇن ئۆيدىكى بىر چىراغ، ئۇنىڭ ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى يورۇتالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بەزى جايلاردا ئەگەر تۇتۇق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، باشقا ئىجتىمائىي قائىدىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى كەم بولسا بولمايدىغاندەك ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىجتىمائىي قائىدىلەر پەقەت تولۇقلىما سۈپىتىدىلا مەۋجۇت بولىدۇ ھەم قانۇننىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىجتىمائىي قائىدىلەر چوقۇم قانۇنغا ئۇيغۇنلىشىشى، ئەمما قانۇندىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىۋالماسلىقى كېرەك، بۇ، قانۇنچىللىقتىكى پولاتتەك ئىنتىزام.

  لېكىن قانۇنلا بولۇپ، ھەتتا ئەڭ مۇكەممەل قانۇن بولغان تەقدىردىمۇ، مۇبادا تېگىشلىك ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشقا ئېرىشەلمىسە، ئۇ پەقەت بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قانۇنچىل دۆلەتتە، مۇكەممەل قانۇن تۈزۈشتىن باشقا، يەنە قانۇننىڭ ئورۇن جەھەتتە باشقا ئىجتىمائىي قائىدىلەر ھەم قانۇنلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىشچانلىقىنى چوقۇم بېكىتىش كېرەك.

  پۇقرالاردا قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش قانۇنچىل دۆلەتنىڭ تۈپ تەلىپى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇنچىل دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىدىن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار قائىدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ، ئىسپاتلىمىسىمۇ ئۆز- ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان قائىدە، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى. لېكىن قانۇن ئېڭىدىكى پەرق سەۋەبلىك، ھەربىر پۇقرا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. مەسىلەن: بەزىلەر ئەخلاق ئارقىلىق قانۇننى تۇتقۇن قىلىدۇ، بەزىلەر قانۇننىڭ ئورنىغا دىننى دەسسىتىشنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇلار دۆلەت قانۇنىنى مەزمۇنسىز نەرسە دەپ قاراپ، دىنىي قائىدىنى قانۇندىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر يەنە ئاساسىي قانۇن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاساسىي قانۇندا «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى»نى قوغدايدىغان بەلگىلىمە بار، دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەركىنلىك خالىغانچە ئىش قىلىشمىش. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھەم ھوقۇق بېرىلگەن، ھەم مەجبۇرىيەت بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: پۇقرالارنىڭ «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى»نى قوغداش بەلگىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە «ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ» ۋە «دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇنچىل دۆلەتتە، پۇقرالارنىڭ پەقەت ھوقۇق ئېڭىلا بولۇپ، مەجبۇرىيەت قارىشى بولمىسا، پەقەت ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز دۆلەتنىڭ قانۇن- تۈزۈمىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىدە دۆلەتكە بولغان ئاساسىي ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىش قۇرۇق شوئار ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولىدۇ، ھېچبولمىغاندا پۇقرالارنىڭ ئۆزى چوقۇم قانۇن- تۈزۈملەرنى ئېتىراپ قىلىشى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشى كېرەك.

  قانۇنچىللىق ئېڭى ھەربىر كىشىدە تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولمايدۇ، ئۇ ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىش جەريانىنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشنى كىچىكىدىن باشلاش، مەكتەپ دەرسخانىلىرىدىن باشلاش كېرەك. مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ توغرا يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۇلاردا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قاراشنى تۇرغۇزۇپ، تەرتىپ بىلەن ئەركىنلىك ئۆزئارا بىرلىككە كەلگەن قانۇنچىللىق قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ھوقۇق، مەجبۇرىيەت ئۆزئارا بىردەك بولۇشتەك قائىدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر بولۇشتەك ھەرىكەت مىزانىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ئەمما دەرسخانىدا ئۆگىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، جەمئىيەت قانۇنچىللىق ئېڭىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تېلېۋىزىيە قاتارلىق تۈرلۈك تاراتقۇلار ئارقىلىق قانۇنچىللىق ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەش، دېلو مىسالى بىلەن مۇزاكىرە، ئانالىز قىلىش، سىن قاتارلىق ئوقۇتۇش شەكىللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانۇنچىللىقنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاخىرىدا، ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بار كىشىلەرگە قارىتا قاراتمىلىقى بولغان قانۇنچىللىق ئېڭى تەلىم- تەربىيەسى بېرىش كېرەك، بۇنى ئۇلارغا ئىلگىرىكى جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ھەقىقىي تونۇتۇش ھەم ئۇلارنىڭ قانۇنغا ئەستايىدىل رىئايە قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دېيىشكە بولىدۇ. قىسقىسى، تۈرلۈك يول ئارقىلىق قانۇنچىللىق ئېڭىنى ھەربىر كىشىنىڭ قەلب ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ قانۇنچىللىققا بولغان سەمىمىي ئېتىقادىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، بۇ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: غەربىي جەنۇب سىياسىي- قانۇن داشۆسى)

  («نۇر گېزىتى»نىڭ 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانىنىڭ 6- بېتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى