تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالايلى

ـــ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

   جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە؛ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شۇ باسقۇچقىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىزدىنىش قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نېمە ئۈچۈن تۇتىمىز، كىم تۇتىدۇ، نېمىنى تۇتىدۇ، قانداق تۇتىدۇ، دېگەن بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرىگە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

   بۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى كۈچەپ تاللاپ ئۆستۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

   ئاساس پۇختىلىنىپ، غايە  –  ئېتىقاد چىڭىتىلدى

   ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىدۇ. ئالىي ئىشلار قەتئىي ئېتىقادقا موھتاج. غايە – ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ ‹‹كالتسىي››سىدۇر، جەزمەن بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاش، مەنىۋىيىتىنىڭ كالتسىيسىنى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيەۋى يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە – ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشنى ئۇل، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. بۇ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلىشى، ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلىشى، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدە بىر قاتار باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››دىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىلىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەشتىن دائىملىق تەربىيەلەشكە ئۇزارتىلىپ، ھالقىمۇھالقا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە يارىتىلدى.

    ئىدىيەسىگە، قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نىڭ كېسەللىك يىلتىزى چوڭقۇر قېزىلدى. 2013 – يىلى 6 – ئايدىن 2014 – يىلى 10 – ئايغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹ئەينەككە قاراش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، داۋالىنىش›› ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ، تۈپ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىدىيەدە پاكلاندى ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقتى. 767 مىڭ نەپەر ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە رەھبىرىي كادىرى 1 مىليون 315 مىڭ مەيدان(قېتىم) پارتىيە دەرسى سۆزلىدى؛ مەركەز بېكىتكەن 21 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. كۆپچىلىك بىردەك: بۇ قەلب ۋە روھقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ‹‹ئىدىيە جەھەتتىن ئىستىل توغرىلاش››، قەلبكە مەڭگۈ ئورنايدىغان ‹‹سىياسىي پاكلىنىش››، نەق يەرگە بارىدىغان ‹‹سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاش››، تەلتۆكۈس ‹‹كونىنى بۇزۇپ، يېڭىنى تىكلەش›› بولدى، دەپ ئىنكاس قىلدى.

   ئىدىيەدىكى چاڭ – توزان سۈپۈرۈپ تاشلىنىپ، تىرىشىپ تەلەپچان، راستچىل كادىرلاردىن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار›› چىڭ تۇتۇلدى، 2015 – يىلى پارتىيە ئىچىدە ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل›› بولۇش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە قانات يايدۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش 1 – مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، دىققەت تەلەپچان بولماسلىق، راستچىل بولماسلىقتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇشقا يېتەكلەندى ۋە دەۋەت قىلىندى. مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە ئارقىلىق ‹‹تاۋلىنىپ›› بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئىدىيە، ئىستىل، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ‹‹كالتسىي›› تولۇقلاپ، ‹‹ماي قاچىلاپ››، ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

    ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرى يېتىشتۈرۈلدى. 2016 – يىلى 2 – ئايدىن باشلاپ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلدى. ئاساس ئۆگىنىشتە، ئاچقۇچ قىلىشتا، دېگەن تەلەپكە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، دائىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش، ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، يۇقىرى ئارقىلىق تۆۋەننى يېتەكلەش گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە 3 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ياچېيكىسى مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى تايانچ كادىرلىرىدىن 3 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم(قېتىم) تەربىيەلىدى. 2017 – يىلى ئۆگىنىش – تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش ئىدىيەۋى ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى بىر قېتىملىق كەسكىن ‹‹سىياسىي يوقلىما››، ئومۇميۈزلۈك ‹‹پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەكشۈرۈش›› بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيەت ئېڭى كۈچەيتىلدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقى ئۆستۈرۈلدى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت ئېڭى ئويغىتىلدى.

   ئۆگىنىش جەريانىدا تاۋلاندى، تەربىيەلەش جەريانىدا ئاساس پۇختىلاندى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى ۋە ياخشىلاندى. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، مەركەزلىك ھالدا نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە مەخسۇس تېما بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى چۈشىنىشكە تەشكىللەپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى  – نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، كارخانىلاردىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەك تەربىيەلەندى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىدا كادىرلاردىن 90 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەكى تەربىيەلەندى. جانلىق، چوڭقۇر، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىدى، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى تېخىمۇ چىڭىتتى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

   كادىرلار ياخشى تاللىنىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

   پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم. سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

   پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹پارتىيەنىڭ كادىرلىرى  پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تايانچ كۈچ. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر يەر – ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، ئىشلىرىمىزنى ئەلا بىلىش، ئادىل – دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم››.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلىرىمىزنى ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ئۆزئارا ماس كېلىش، ئادەم بىلەن ئىش ئۆزئارا مۇناسىپ كېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى تاللاپ، ياخشى سەپلەپ ۋە كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتتى.

    سىياسىي ئۆلچەمنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. سىياسىي ئۆتكەل قاتتىق ئىگىلىنىپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىپادىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قانداق ئىشلىگەنلىكىگە قاراپ، ئىدىيە ۋە ئېتىقاد ھەقىقىي چىڭىتىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› كۈچەيتىلدى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلىغان كادىرلار تاللاپ ئۆستۈرۈلۈپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز كادىرلار ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىنىپ››، ئۇلار قەتئىي ئىشلىتىلمىدى، رەھبەرلىك ئورنىدا بولسا قەتئىي تەڭشەپ چۈشۈرۈۋېتىلدى، قىلمىشى ئېغىرلىرى كەسكىن بىرتەرەپ قىلىندى.

   ‹‹تۆت پەقەت›› تۈگىتىلدى. 2014 – يىلى ‹‹كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش نىزامى›› تۈزىتىلىپ ئېلان قىلىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولى كۈچەيتىلىپ، كۆرسىتىش، كۆزىتىش ئۇسۇلى ياخشىلىنىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىش نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنىڭ ‹‹مۇھىم ئاساسى›› قىلىش ‹‹مۇھىم پايدىلانما›› قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاق ۋە قابىلىيەت جەھەتتىكى ئىپادىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈلۈپ، ‹‹پەقەت بېلەت سانىنىلا ئاساس قىلىش›› مەسىلىسى ھەل قىلىندى. رىقابەتلەشتۈرۈپ تاللاپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ۋەزىپە دائىرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، شەرت ۋە سالاھىيەتكە قويۇلىدىغان تەلەپ چىڭىتىلىپ، تەرتىپ ۋە ئۇسۇل چىڭىتىلىپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلى چىڭىتىلىپ، ‹‹پەقەت نومۇر سانىنىلا ئاساس قىلىش›› مەسىلىسى ھەل قىلىندى. سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى ياخشىلىنىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە قاراپ قەھرىمانلارنى باھالاش ئۇسۇلى قوللىنىلماي، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كادىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈپ باھالاش يولغا قويۇلۇپ، ‹‹پەقەت GDPنىلا ئاساس قىلىش›› مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ياشنى قاتلاممۇ قاتلام تۆۋەنلىتىش، ‹‹بىر تاياقتا ھەيدەش›› ئۇسۇلى قوللىنىلماي، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ‹‹پەقەت ياشنىلا ئاساس قىلىش›› مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ھازىر كادىرلار خىزمىتى ‹‹مەنبەدىن تۈزىتىلىپ، ئەسلىي ھالىتىگە قايتتى››، كادىرلار ئەمدى بېلەت سانى، نومۇر سانى، GDP، يېشىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بولغاچقا، خىزمەتتە يەڭگىللىك قىلىش ئازىيىپ، پۇختا ئىشلەش كۆپەيدى، دەپ ئىنكاس قىلدى.

   ‹‹چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش››نىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىندى. 2016 – يىلى 8 – ئايدا، ‹‹<چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش>نىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا پىكىر›› بېسىپ تارقىتىلىپ، ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش مەسئۇلىيىتى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىلىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى باشلىقى)نىڭ نامزاتلارنىڭ پاك – ئىنتىزامچانلىقى ھەققىدىكى خۇلاسە خاراكتېرلىك پىكرىگە ‹‹قوش ئىمزا قويۇش›› تۈزۈمى يولغا قويۇلدى؛ ‹‹تۆت چوقۇم›› تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كادىرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ‹‹رېنتىگېن›› ۋە ‹‹دىياگنوز قويۇش ئەسۋابى›› تەييارلاندى.

   كادىرلار بايلىقىنى سەپلەش ئەلالاشتۇرۇلدى. دەل جايىدا، ئىلمىي ئادەم تاللىنىپ – ئىشلىتىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى كۈچەپ بەرپا قىلىندى. كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىدە ۋە جاپالىق رايونلاردا تەربىيەلەش، سىناشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، زۆرۈر بولغان پەلەمپەيسىمان ۋە دەرىجىمۇ دەرىجە تەربىيەلەپ چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەڭ دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدىن شىزاڭغا، چىڭخەيگە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار تاللاپ ئەۋەتىلدى، ۋەزىپە بىلەن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلار مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق يۆلەش ۋە شەرقىي، غەربىي رايونلارنى يۆلەشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلدى.

   كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ بولۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2015 – يىلى 7 – ئايدا، ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ بولۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)›› بېسىپ تارقىتىلىپ، تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى شەكلىدە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ بولۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولۇش توغرىسىدا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ‹‹بەلگىلىمە›› ئاساس قىلىنىپ، 2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىي 28 مىڭ 207 كادىر تەڭشەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن 147سى، نازىر، ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 2347سى، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 25 مىڭ 713ى بولۇپ، ئەلالارنى ئۆستۈرىدىغان، ئىقتىدارسىزلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ناچارلارنى شاللايدىغان ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى.

   كادىرلارنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ‹‹كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق نۇسخا)››، ‹‹مەمۇرىيەت قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق نۇسخا)›› بېسىپ تارقىتىلىپ، خادىملارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلدى، يوللارغا ئايرىپ راۋاجلاندۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈپ قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ناھىيەدىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن كەسپىي دەرىجىسىنى تەڭ يولغا قويۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك مەمۇرنىڭ كەسپىي دەرىجىسى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئۆستۈرۈلدى. كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش سىياسەت، نىزام سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلدى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇشنىڭ ‹‹5+1›› تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. 2018 – يىلى 5 – ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ‹‹بارلىق كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹توسالغۇ نۇقتىسى›› ۋە ‹‹كېسەل نۇقتىسى››غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان بىر قاتار يېڭى تەپەككۇر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

   كادىرلار قاتتىق ئىدارە قىلىندى، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق كادىرلارنى ئىدارە قىلىش يېڭىلاندى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك؛ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى  كادىرلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قاتتىق ئۆلچەم بويىچە كادىرلارغا تەلەپ قويۇش، قاتتىق تەدبىر بويىچە كادىرلارنى باشقۇرۇش، قاتتىق ئىنتىزام بويىچە كادىرلارنى چەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق كادىرلارنى ئىدارە قىلىشنى يېڭىلاپ، كادىرلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئېتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇردى ۋە ساپلاشتۇردى.

   كۈندىلىك باشقۇرۇش – نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى. سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش دائىم قانات يايدۇرۇلۇپ، كادىرلارنى ئەسكەرتىش، ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ، كادىرلار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى ئىچىگە قويۇلدى. 2015 – يىلى 6 – ئايدا ‹‹تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى ئەسكەرتىش، ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى›› بېسىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، جايلار 907 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئەسكەرتىش، ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 698 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئەسكەرتىلدى، 129 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلدى، 80 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئاگاھلاندۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كادىر، مالىيە، مۈلۈككە دائىر تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، تەقسىملەش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن مۇھىم خىزمەت ئورنىدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى. بارلىق رەھبىرىي كادىرلار تەشكىلنىڭ ئۆز يېنىدا، نازارەتچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

    رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇ تۈزۈمدە ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ كىرىمى، ئۆي مۈلكى، سېلىنمىسى، جورىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان 14 تۈرلۈك مەزمۇننى تەشكىلگە مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىندى. 2014 – يىلى ئارىلاپ تەكشۈرۈش –  دەلىللەش باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە رەھبىرىي كادىرلاردىن جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم(قېتىم)تەكشۈرۈلدى، ئەينەن مەلۇم قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 125 مىڭ كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، 11 مىڭ كىشىنىڭ تەيىنلىنىشى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلدى ياكى ئۆستۈرۈش سالاھىيىتى، زاپاس كادىر نامزاتى سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى. 2017 – يىلى 2 – ئايدا، مەركەز ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئالاقىدار ئىشلارنى مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تۈزۈپ، دىققەتنى ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››غا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق ھەرىكىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئائىلە ئىشلىرى، ئائىلە مۈلكى ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەتبىقلاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخسىي ئىشلىرىنى  مەلۇم قىلدى. يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش كىچىك ئىش ئەمەس، يالغانچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلىنىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى كادىرلارنى تاللاش – تەيىنلەشكە بىر ‹‹سۈزگۈچ تور››نى كۆپەيتىپ بېرىپ، كادىرلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرگە ئايلاندى.

   گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلدى. ۋەزىپە سانىدىن ئارتۇق كادىر سەپلەش، ‹‹سالتاڭ ئەمەلدار››، كادىرلار ئارخىپىدا ساختىلىق قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش، ‹‹ئىشلىمەي مائاش ئېلىش›› قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرى مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىشنى كۆزىتىش – تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەز ئورۇنلىرىنى قاپلاش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەمەل كويىدا قاتراش، سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋاقتىدا بايقالدى ۋە تۈزىتىلدى؛ تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ‹‹12380›› پاش قىلىش سۇپىسىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بەش يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان، كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىش جەھەتتىكى پاش قىلىشتىن 65 مىڭ پارچە قوبۇل قىلىنىپ، 4000 پارچىدىن كۆپرەكى تەكشۈرۈپ دەلىللەندى، 11 مىڭدىن ئارتۇق مەسئۇل كىشى بىر تەرەپ قىلىندى ۋە مەسىلىسى تۈزىتىلدى، كادىر ئىشلىتىش مۇھىتىدىكى دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ساپلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  تۈزۈم قەپىزى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىلدى. تۈزۈم ئاساسقا، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەز كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى، كادىرلارنى تەربىيەلەش نىزامى، پارتىيە تەشكىلاتى خىزمىتى نىزامى، يەرلىك پارتكوملارنىڭ خىزمەت نىزامى، پارتىيە ئىچىدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى، دىموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزىتىپ ۋە ئېلان قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاساس، مىزان، نىزام قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ئاساسىي غول قىلىنغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار ھوقۇقىنىڭ پاسىلىنى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتۇردى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ‹‹ۋېنتىسى››نى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئاساس كۈچەيتىلىپ، ئۇل پۇختىلىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئىستىھكامى مۇستەھكەملەندى

   ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر – جاھانمۇ تەۋرەپ كېتىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسى، كۈچ مەنبەسى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسىدا كۈچلۈك ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇپ، ھەممىسى جەڭگىۋار قورغانلىق، ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسىلا، پارتىيەمىز كۈچ – قۇدرەتكە تولىدۇ، دۆلىتىمىز كۈچ – قۇدرەتكە تولىدۇ، خەلقىمىز كۈچ – قۇدرەتكە تولىدۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ›› دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىگە ئەمەل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇردى.

   ‹‹ھۈجەيرە›› قوزغىتىلىپ، 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

   پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىغا تەڭ ئەمەس. پارتىيەمىزدەك بۇنداق بىر چوڭ پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى قانداق قىلىپ ئۆستۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. 2014 – يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى››دە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى يەنىمۇ چىڭىتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق ساقلىغاچقا، ‹‹ئادەمگەرچىلىك قىلىپ پارتىيەگە كىرگۈزۈش››، ‹‹يېقىن تۇغقانلىرىنى كۆپەيتىش››، ‹‹مەسىلىسى بارلارنى پارتىيەگە كىرگۈزۈش›› قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەرزىيەت مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ئازايدى.

   تەربىيە بېرىش – تەربىيەلەش زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەۋىلىك كۆز قارىشى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزام كۆز قارىشىنى كۈچەيتىشكە، تىرىشىپ سىياسىيدا لاياقەتلىك، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا لاياقەتلىك، ئەخلاقتا لاياقەتلىك، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەندى. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش ئاساسىي ھالقىسى، ئاساسىي تۈزۈمى تۇتقا قىلىنىپ، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس››، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىكى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ھەقىقىي كۈچەيتىلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلگىرى ‹‹تەشكىلسىزلىك قىلىدىغانلىقى، رولىنى جارى قىلدۇرمايدىغانلىقى، قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقى››نى، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ‹‹پارتىيە ئەزاسىغا خاس سالاھىيەت ھازىرلىغانلىقى››نى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئوبرازىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

   تۈرگە ئايرىپ تۇتۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تۇتۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

   پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، يېزا، شەھەر، دۆلەت كارخانىلىرى، ئورگان، ئالىي مەكتەپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇلۇپ، ھەر بىر ساھەدە تەتقىق قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپتىن مۇستەھكەملىنىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ۋەزىپىلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، تىزىملىك تۈزۈلۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈلۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇلدى. يېزىلاردا، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىدا باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرى ياخشى تاللىنىپ، ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ياخشى ئىشلىتىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۇتۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تېزلىتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تېزلىتىلىپ، 5000دىن كۆپرەك نامرات كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىرى تەڭشىلىپ، كۈچلۈكلەر سەپلىنىپ، ناھىيەدىن يۇقىرى ئورگانلاردىن 206 مىڭ مۇنەۋۋەر كادىر تاللىنىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت ۋە نامرات كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ 1 – شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىلدى؛ شەھەرلەردە، كوچا، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىدارە پارتىيە قۇرۇلۇشى، ساھەلەر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سودا بىناسى، تۈرلۈك باغچە رايونى، سودا چەمبىرىكى بازىرى، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن قاپلىنىشى كېڭەيتىلدى؛ ئورگانلاردا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش – تەربىيەسى قاتتىق، ئەمەلىي تۇتۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى؛ دۆلەت كارخانىلىرىدا، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى شىركەت نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى شىركەتنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى؛ ئالىي مەكتەپلەردە، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ باغچە رايونى باشلامچى قىلىنىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانا، ئالاقە تورى كارخانىلىرى، گۈللەنمە ساھە قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ساغلام راۋاجلىنىشقا يېتەكلەندى... ھەرقايسى ساھەلەردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

   ئاجىز تۈرلەرگە ھۇجۇم قىلىنىپ، كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىدا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

   ‹‹چىگە ئارغامچا ئىنچىكە يېرىدىن ئۈزۈلەر›› دەيدىغان گەپ بار. ئۇزاقتىن بۇيان ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چۈشەپ تۇرۇۋاتقان ‹‹كونا، چوڭ، قىيىن›› مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، كەنت، مەھەللە ‹‹ئىككى كومىتېتى››نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى كۈچەيتىپ قۇرۇلۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىندى. كەنت كادىرلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى، تەمىناتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىراجىتى، مەيدان، سورۇنىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، ئىش بېجىرىدىغان پۇل بولۇش، مۇلازىمەت قىلىدىغان مەيدان، سورۇن بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوم شۇجىلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش، باھالاش، تەكشۈرۈش ئۇدا تۆت يىل قانات يايدۇرۇلدى ھەم ئورگان، كارخانا، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە يەتكۈزۈش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   ياچېيكا كۈچەيتىلدى، پارتىيە ئەزالىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىكىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ كۈچەپ، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلدى. ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1 – سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، نۇقتىلىق خىزمەت، تۈر قۇرۇلۇشىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭغان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، سالاھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەدە بېرىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىياپىتى ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ‹‹تايانچلىق›› ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ‹‹باشلامچىلىق›› رولىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ بەس – بەستە تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

   جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزلىتىلدى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيەت، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان جاسارەت، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرىدىغان سەۋر – تاقەت، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان ياخشى چارە بىلەن پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، ھەر تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە جەم قىلىش كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە  – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ ئىشلىتىش  شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىشنىڭ دەۋر ئۆلچىمىنى تىكلەپ بەردى، بىزنىڭ ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە توپلاش قەدىمىمىزنى تېزلىتىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەشكىلىي لۇشيەننىڭ سىياسىي لۇشيەنگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلار مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق دېگەننى تەكىتلەپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەم بېكىتىپ، جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتقا ھوقۇق بېرىلدى، ئىختىساسلىقلارنىڭ پۇت – قولى بوشىتىلدى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇلىرى كۈچەپ تۈگىتىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. 2016 – يىلى 2 – ئايدا، مەركىزىي كومىتېت ‹‹ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى. ‹‹پىكىر››دە، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور ئادەم، مالىيە، ماددىي كۈچنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىش؛ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنۋان باھالاش ھوقۇق چېكىنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ، ئىلمىي ماقالە تەلىپى، چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىمتىھانىدا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2018 – يىلى 2 – ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى تارقىتىپ، ئىدىيە – قاراش ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى ۋە قويۇپ بەردى...

   ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس – بەستە جەلپ قىلىندى.

   دۆلەت ‹‹مىڭ كىشىلىك پىلان›› ۋە ‹‹ئون مىڭ كىشىلىك پىلان››نى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى كۈچلۈك تۇتقىغا ئىگە قىلدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ‹‹مىڭ كىشىلىك پىلان›› ئارقىلىق چەت ئەلدىكى 5200 يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىق خادىم كىرگۈزۈلدى، ‹‹ئون مىڭ كىشىلىك پىلان›› ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى 4200دىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىق خادىم تاللاندى ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىلدى. دۆلەتنىڭ ‹‹مىڭ كىشىلىك پىلان››ى ۋە ‹‹ئون مىڭ كىشىلىك پىلان››ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جايلار، تارماقلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ‹‹يېقىندىكىلەرنى خۇشال قىلىپ، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىش››تەك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ، ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىغانلارنىڭ نىسبىتى 2012 – يىلىدىكى %72.38تىن 2017 – يىلىدىكى %83.73كە كۆپىيىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى چەت ئەلدە ئوقۇغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ‹‹ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنى›› شەكىللەندى. ھازىر ‹‹يۈرۈڭلار، جۇڭگوغا بارايلى››، ‹‹ۋەتەنگە قايتىپ كېتەيلى›› دېيىش يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ماگنىت مەيدانى ئېففېكتى›› ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

   ‹‹ھەيۋەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرىغا نەزەر سالدىم، دېڭىز دولقۇنلىرى دېرىزىگە ئۇرۇلغاندەك كۆرۈندى››. كەڭ ئىختىساسلىقلار توپلىنىپ قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ۋە مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا ساھەسىدە، تۆمۈر ئاساسلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ، كىۋانتلىق ئالاقە، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قاتارلىق دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە زور بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى... ئىختىساسلىقلار ئوقۇش ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پەن تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلدى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ گۈزەل سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى.

   دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قاتتىق بولۇشتا جەزمەن قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، كادىرلارنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى. ھەر دەرىجىلىكلەر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى، كادىرلار تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى تۈزۈمى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە  – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

   ئاتلىنىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاشتى شىجائەت، زور ۋەزىپە زىممىمىزدە تاشتى جاسارەت. يېڭى دەۋر يېڭى ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، يېڭى دەۋر يېڭى نەتىجە يارىتىشنى كۈتمەكتە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىككى ‹‹100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغۇسى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ