تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى گاڭ

   تەشكىللەش ئىقتىدارى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنىڭ پۇختا بولۇش – بولماسلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش – يېتەلمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ‹‹چېگرادىكى بوستانلىق›› بولغان يېڭى ئىلى قۇرۇلۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئاساسىي قاتلامنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى، ئاساسنى مۇستەھكەملىشى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

   بىرىنچى، سىياسىي فۇنكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، سىياسىي فۇنكسىيەنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش كېرەك. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئەۋزەللىكى، تەشكىللەش كۈچى ۋە تەشكىللەش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پولات ئىستىھكامى ۋە پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

   ئىككىنچى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقا قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلارنى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىنى تەشكىللەشتىكى كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىق قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ ياردىمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە مۇلازىمەت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

   ئۈچىنچى، تەشكىلىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈچىنى تولۇق بىرىكتۈرۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قارىمىقىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىشلاردىن ئىبارەت بەش مەركەز تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى ‹‹بەش چوڭ مەركەز››گە كىرگۈزۈپ، ھەر بىر مەركەزگە ئاز دېگەندىمۇ كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ بىر نەپەر كادىرىنى مۇدىرلىققا ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىققا قويۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى تورىنى زىچ توقۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاھالىلەر بىنالىرى، سودا تور نۇقتىلىرى، ئالاقە تورى نۇقتىلىرىدا ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە، تىجارەت قىلىشقا بارغانلار ئارىسىدا قۇرۇپ، قۇرۇشقا تېگىشلىك جايلاردا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر بازىدا جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

   تۆتىنچى، تايانچلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تىرەكنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېزا – كەنتلەرنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، ناھىيە ۋە يېزا ئورگان كادىرلىرى، يەرلىك مۇنەۋۋەر كەنت كادىرلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقانلارنى تاللاش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشىنى، ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھاكىم ۋە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ1 – سەپتە ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش، تەربىيەلەش، بايقاش ۋە سىناشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك، ئامما بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان كادىرلارنى كەنتتىكى خىزمەت ئورنىدا ئاۋۋال ئۆستۈرۈش ھەم داۋاملىق كەنتتە تۇرغۇزۇش؛ كەنتتە ئۇدا ئۈچ يىل تۇرغان ھەم ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كەنتتە ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر شۇجىلىرىنى يېزا – بازارلارنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىلىق ئورنىغا، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىلىق ئورنىغا قويۇشنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تايانچلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقان 10 مىڭ ياش زاپاس كادىرنى ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىللەشكە ماھىر بولۇش، تەشكىللىيەلەيدىغان بولۇش، تەشكىللەشنى بىلىدىغان بولۇش، گېپىنى ئاڭلايدىغانلار بولۇش، خىزمىتىگە يېقىندىن ئەگىشىدىغانلار بولۇشتەك ياخشى مۇھىتنى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ