تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرەيلى

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر پەرھات جالال

   باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. تارىخ ۋە رېئاللىق نۇرغۇن قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى ئاندىن ھەر بىر قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، ئاخىرىدا كوممۇنىزمنىڭ شانلىق مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ!

   شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى 21 – ئەسىر ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشانغا يېتىشكە تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى، بۇ بىزدىن ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېتىقاد كۈچىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ!

   بىرىنچى، ماركسىزملىق مەنىۋى ‹‹كالتسىي››نى تولۇقلاش كېرەك.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، چۈنكى ماركسىزم دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي روھ، شەخسىيەتسىز ۋە قورقماس خىسلەت بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە تۈرتكە بولغان، ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇرغان، خاتالىقلارنى تۈزەتكەن، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىگەن.

   پارتىيەمىز رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سىياسى مۇقىم بولدى، ئىقتىساد يۈكسەلدى، پەن – تېخنىكا گۈللەندى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدى، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇر چېچىپ، بىزگە ئىلگىرىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   ماركسىزم كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ‹‹كالتسىي››سى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كومپارتىيە ئەزالىرى ماركسىزملىق مەنىۋى ‹‹كالتسىي››نى تولۇقلاپ، قەتئىي ماركسىزملىق ئاتېئىزمچىلاردىن بولۇپ، غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزملىق ئېتىقادنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش قىلىپ، ماركسىزم ئارقىلىق دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا كىشىلىك ھاياتتىكى بەخت تۇيغۇسى، قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ماركسىزملىق پەلسەپە بىلىملىرى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

   ئىككىنچى، ماركسىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن ۋە تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى›› دەپ تەكىتلىدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، روشەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى، ماركسىزمچىلارنىڭ قەتئىي ئېتىقادى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

   ماركسىزمنىڭ غايەت زور ھەقىقەت كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى بىزنىڭ ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىمىزنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق يول ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىز، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. بىز شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشەندۇقكى، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىلا سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەتكۈزەلەيدۇ.

   ھازىر بىز ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتەك تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئۇلارغا قارشى ئۆتكۈر شەمشىرىمىزنى چىقىرىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.

   ئالىي مەكتەپ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش بازىسىنى مۇستەھكەملەشتەك مۇھىم بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، شۇڭا ماركسىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا: ‹‹ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچى، يېتەكلىگۈچى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپنىڭ ۋەتىنىمىز ئەۋلادلىرىنىڭ توغرا ماركسىزملىق دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشى، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى ئارقىلىق ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشى، غايە – ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش، ماركسىزمنىڭ ئىخلاسمەن، سادىق ئېتىقادچىلىرى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

   ياشلار، ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، ئۇلار بوشاشماي ئالغا بېسىپ، ئىلىم – پەن ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيەلەنگەندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالالايدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى بويىچە، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماركسىزمنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلىكى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ دۇنيانى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، دۇچ كەلگەن دەۋر تېمىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىش، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇش جەھەتتە تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلمىي ئىدىيەۋى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بوشاشماي يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇستەھكەم كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىشىنىمىزكى، ھەر بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

   ئۈچىنچى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

   ماركس ھازىرغىچە بولغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر. ماركس تۇغۇلغانلىقىغا 200 يىل بولغان پەيتتە، بىزنىڭ ماركستىن ئۆگىنىشىمىزگە، ماركسىزمغا ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ، كوممۇنىستلارنىڭ يېڭى بۇرچ ئالدىدا، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.

   بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، يادرونى قەتئىي قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي تەلەپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر››گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ ‹‹جان تومۇر››نى چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تەربىيەلەشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

   زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوتسىيالىزم مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنى، مەكتەپ باشقۇرۇش تەلىپى ۋە تەربىيەلەش نىشانى بويىچە ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلمىي دۇنيا قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا بۇ ئۇلۇغ دەۋردىكى ياش ئوقۇغۇچىلار مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ماركسىزملىق ئېتىقادنى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم ئېتىقادىنى كىشىلىك ھاياتتىكى ئىنتىلىشى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹تۆت ئۇلۇغ›› ئىشتىكى تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى كېرەك. پارتىيە ۋە ۋەتەننىڭ يېتىشتۈرگەنلىكى، تەربىيەلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، مەيلى ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق سورۇندا بولسۇن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بارلىق ھەرىكىتىنىڭ كۆرسەتمىسى قىلىپ، ئىلمىي، ئىدراكىي، ئەقىل – پاراسەتلىك ۋە مەدەنىي يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولۇپ، مەسئۇلىيەتچان، ئىرادىلىك بولۇپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك!         
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى